تۈركىيەدە «ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئارخىپلار توپلىمى نەشر قىلىندى (1)

0:00 / 0:00

«ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق 584 بەتلىك ئارخىپلار توپلىمىغا 1790 - يىللاردىن 1914 - يىللارغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئوسمانلى - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئوسمانلى دۆلەت ئارخىپىدا ساقلانغان نۇرغۇن ھۆججەت تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

ئۇنىڭدىكى ھۆججەتلەرنىڭ زور بىر قىسمى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەمىرى - ئاتىلىق غازى ياقۇپبەگ بەدەۋلەتنىڭ ئوسمانلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدۇ.

ئۇ ھۆججەتلەر ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك يېزىشمىلارنى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى، قەشقەردىكى ئوسمانلى ھەربىي ۋە دىپلوماتلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان دوكلاتى، ئوسمانلىنىڭ قەشقەرىيىگە بەرگەن ھەربىي ياردىمى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە يوللىغان سوغا سالاملار، ئوسمانلى دىيارى رومدىكى قەشقەرىيەلىكلەرگە چىقارغان ھەر خىل يارلىقلار، قەشقەرىيەلىك ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىشقا دائىر نۇرغۇن ئارخىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، ئوسمانلىلار 1873 - يىلىدىن باشلاپ بەدۆلەت ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئاكتىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەلچىسى، ئوسمانلى ھەربىي ئوفىتسېرى كازىمبەينى 1865 - يىلى قەشقەرىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 1873 - يىلدىن باشلاپ ياقۇپبەگ بەدۆلەتكە قورال - ياراق ياردەم قىلىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئاكتىپ قوللاشقا ئۆتكەن.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خەۋەرلەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياقۇپبەگنىڭ ئوسمانلىغا بەيئەت قىلىشى ئوسمانلىلارنىڭ غەربكە قارشى ئىتتىپاقداش ئىزدەش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلگەچكە بۇ ئۇلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ھامىت كۆكتۈرك: «مەسەلەئى شەرقىيە يەنى شەرق مەسىلىسى، دەپ ئۇ زاماندا ياۋروپالىقلار ئوسمانلىنى يىقىتىمىز، ئۇلارنى ئاسىياغا سۈرىمىز، دەپ مۇشۇنداق بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئوسمانلىلارنىڭ ئۆزىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقان زامانى ئىدى. كىمنى ئىتتىپاقداش قىلالايدۇ، مەسىلەن، شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، مۇسۇلمانلاردىن ھىندونېزىيە.

ئۇ چاغدا ئەرەبلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ياخشى ئەمەس. ئىنگلىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسيان قىلغان. ئەمما ھىندونېزىيە، تۈركىستاندىكى خانلىقلار، بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان، ئەمما بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇلار ئۆزى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئوسمانلىغا كېلىپ بىز بەيئەت قىلايلى، بىزنى ھىمايە قىلىڭ، دەپ ئۆزى تەلەپ قىلغان.» دېدى.

سېيىت ئالىي قەھرىمان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ ئوسمانلى مۇتەخەسسىسى. ئوسمانلى بىلەن تۈركىستان خانلىقلىرىنىڭ ئالاقىسى قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى سېيىت ئالىي قەھرىماننىڭ كۆرسىتىشىچە، 1876 - يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان سۇلتان ئابدۇلھەمىت رۇسىيە ۋە غەربكە قارشى «شەرق» بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى ئاكتىپ يولغا قويغان.

سېيىت ئالىي قەھرىمان: «) ئوسمانلى( شەرققە قولىنى ئۇزارتىدۇ بولۇپمۇ) سۇلتان( ئابدۇلھەمىت زامانىدا. ئابدۇلھەمىتنىڭ شەرق سىياسىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇ ياقۇپخان تۆرىنى) ئىستانبۇلغا( تەكلىپ قىلىدۇ. ئابدۇلھەمىت دۇنياۋى ئىمپېراتور ياكى پادىشاھ ئىدى. ئۇ ئۆز ئېتىقادىغا مەنسۇپ قانچىلىك ئادەم بولسا ھەممىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئويلىغان. ئۇ ھەم تۈركلەرنىڭ خاقانى ھەم ئىسلامنىڭ خەلىپىسى سۈپىتىدە ھەممە تەرەپكە دىققىتىنى بۇرىغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە ھىندونېزىيەلىكلەر ئەلچى ئەۋەتكەن، ھەتتا فىلىپپىنلىق مورۇ مۇسۇلمانلىرىمۇ ياردەم تەلەپ قىلىپ خەتلەرنى يازغان. ئۇ تۈركىستان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمانلىنىڭ بۇرۇنقى كۈچى قالمىغان ئىدى.» دېدى.

قەشقەرىيە دۆلىتى سۇلتان ئابدۇلھەمىت 1876 - يىلى تەختكە چىقىپ كېيىنكى مۇنقەرز بولدى.

بۇ ھۆججەتلەر توپلىمىغا ياقۇپبەگ بەدەۋلەتنىڭ ئوسمانلىغا بەيئەت قىلىپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇتقانلىقى، ئۇنىڭ نامىدا پۇل قۇيدۇرۇپ، ئوسمانلى پايتەختى ئىستانبۇلغا ئەلچى يوللىغانلىقى ۋە شۇنىڭغا دائىر ئارخىپلار كىرگۈزۈلگەن.

مەسىلەن: ھۆججەتلەردىكى 1873 - يىلى 8 - ئاي، دەپ چېسلا قويۇلغان ئارخىپلارنىڭ بىرىدە، ئوسمانلىنىڭ مەھمەت مۇرات ئەپەندى ئىسىملىك بىر ھەربىي ئوفىتسېردىن ياقۇپبەگ بەدۆلەتكە ئەۋەتكەن قورال - ياراقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، «ھەدىيە قىلىنغان توپ ۋە مىلتىقلارنىڭ قوللىنىشى، ئۇ يەردىكى ئەسكەرلەرگە تەلىم - تەربىيە بېرىشكە بارىدىغان ئىككى خادىمنىڭ خىراجەت ئاتچوتى» تىلغا ئېلىنغان.

ئەمما بۇ قوراللار ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىغا يېتىپ بارالمىغان. 1875 - يىلى 23 - ئاۋغۇست، دەپ چېسلا قويۇلغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە كۆرسىتىشىچە، ھىندىستان ئارقىلىق توشۇپ ماڭغان بۇ قوراللارنى ئەنگلىيە ئۆتكۈزمىگەن.

ھامىت گۆكتۈرۈك: «1875 - يىلى ئوسمانلى دۆلىتى بىر كېمىگە قورال بېسىپ قەشقەرگە ئەۋەتىمەن دەپ، سۈۋەيش قانىلى ئارقىلىق ماڭىدىكەن. سۈۋەيش قانىلىغا بارغاندا ئۇ كېمە بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئۇ قوراللارنى باشقا بىر كېمىگە يۆتكەپ،) قەشقەرگە( بارار ۋاقتى ئىنگلىزلار ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلماپتۇ.

«تۈركىيە گېزىتى» نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن قورال كېمىسى بىلەن ئۆتكەندە ئىككى مۇخبىر تۈرك مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرگە ئەۋەتكەن قوراللىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانغۇ، شۇنى بۈگۈن قەشقەرگىمۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق بولغان، دەپ يازدى. مەن بۇنى بىزنىڭ تورغا قويۇپ قويدۇم.»

ھۆججەتلەردە توپلىمىدا يەنە، ئوسمانلىنىڭ سانت - پېتېربۇرگدىكى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان قەشقەرىيە مەسىلىسىگە دائىر مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئوسمانلى دۆلىتى قەشقەرىيىنىڭ رۇسىيە، ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرغان.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ مەلۇماتىدا، ياقۇپبەگنىڭ ۋەكىلىنىڭ سانت - پېتېربۇرگ شەھىرىگە كەلگەنلىكى ئىستانبۇلغا يەتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مانجۇ خانلىقى ئەلچىسىنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرىگە كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلىشنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.