يېقىندا رۇسىيە تارىخچىسى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور سېرگېي ئاباشىننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتچىلىكلەر: كىملىك ئىزدەش يولىدا» ماۋزۇلۇق ئىلمىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور كىتابىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يېقىنقى بىر ئەسىر ئىچىدە مىللىي كىملىك ۋە مىللەتچىلىكنىڭ شەكىللىنىشى ھەم راۋاجلىنىشى شۇنىڭدەك مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە ئەتراپلىق ئانالىز يۈرگۈزگەن.
مول ماتېرىيال مەنبەسى ۋە ئۆزىگە خاس تەتقىقات مېتودىغا ئىگە مەزكۇر تەتقىقات ئەسىرى 250 نەچچە بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 8 بابتىن تۈزۈلگەن.
ئەسەرنىڭ بىرىنچى بابى بولغان «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مىللىي تۇيغۇسى ھەققىدە»دېگەن قىسمىدا ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى، يەنى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى رايونلاردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئايرىم مىللەت بولۇپ شەكىللەندۈرۈلۈش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. ئەمما، ئاپتورنىڭ ئەسىرىدىكى ئىككىنچى باب ئۆزگىچە بولۇپ، ئاپتور «18-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مىندانلىقلار» دەپ ئاتالغان مەزكۇر بابتا 20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە، يەنى 1920-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئاساسلىقى ئۆزبېكلەر،«سارتلار»، تاجىكلار، قەشقەرلىكلەر دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغانلىقى، ئەمما 1924-يىلى، سوۋېت ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئايرىم مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك چېگرالىرىنى ئايرىپ، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ۋە تاجىكىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرغاندا، ئاساسلىقى ئۆزبېك، تاجىك ۋە تۈركمەن كىملىكىگە بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.
دوكتور سېرگېي ئاباشىننىڭ ئەمگىكىدە «19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدىكى رۇسىيە تارىخشۇناسلىقىدا سارتلار» دەپ ئاتالغان بىر باب بار بولۇپ، مەزكۇر بابتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تاكى 1920-يىللارغىچە «سارت» دەپ خاتىرىلىنىپ كەلگەن توپلۇقنىڭ كىملىكى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ۋە باشقا كۆپ مەسىلىلەر ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزىدۇ.
ئاباشىننىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى 1876-يىلى قوقان خانلىقىنى يوقىتىپ، پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىنى ئىشغال قىلىش بىلەن پۈتۈن تۈركىستان رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى.1897-يىلىغا كەلگەندە رۇسىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە كىشىلەرنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە جىنسى بويىچە تىزىملاپ چىقىلغان. شۇ قېتىملىق نوپۇس ئېنىقلاشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاھالىلەر ئاساسلىقى ئۆزبېكلەر، سارتلار، قەشقەرلىكلەر، تارانچىلار، تاجىكلار، قىرغىزلار دېگەندەك ناملار بىلەن ئايرىپ چىقىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پەرغانە، سەمەرقەنت، تاشكەنت ۋە باشقا جايلىرىدا مەخسۇس «سارت» دېگەن بىر توپلۇق ئايرىم نوپۇسقا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغان ئىدى.
سېرگەي ئاباشىن 1924-يىلى ئۆزبېك مىللىتىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا «سارتلار»نىڭ ھەممىسىنىڭ ھەمدە زور ساندا قەشقەرلىكلەرنىڭ ئۆزبېكلەرگە قوشۇۋېتىلگەنلىكى، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ كۆپ سانلىق ئۆزبېك مىللىتى ۋە ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بەرپا قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
دوكتور سېرگەي ئاباشىن يەنە كىتابىدا مەخسۇس «قەشقەرلىك» ئۇيغۇرلارنىڭ 18-19-ئەسىرلەردە پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىش ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ نوپۇسى ھەم تارقىلىشى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانىغا كۆچۈشى 18-ئەسىردە باشلانغان. 19-ئەسىردە كۆپ قېتىم داۋاملاشقان بولۇپ، قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلانغان.ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، چار رۇسىيە دائىرىلىرى 1897-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى «قەشقەرلىك»، «تارانچى» ۋە «سارت» دەپ خاتىرىگە ئالغان بولۇپ، سارت دەپ خاتىرىگە ئېلىنغانلار 1924-يلىغا كەلگەندە ئۆزبېكلەر قوشۇۋېتىلگەن ئىدى.
رۇسىيە تارىخچىسى ئاباشىن كىتابىدا 1918-يىلى تاشكەنتتە تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، 1920-يىلى بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا يەرلىك تۈركىي زىيالىيلىرى ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدىيىسى بولغانلىقى. شۇ سەۋەبتىن موسكۋانىڭ 1920-يىللاردىن باشلاپ، ئېتنىك كىملىكلەرنى ئايرىشقا كىرىشكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ، ئاخىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتى 1924-يىلى 10-ئايدا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىنى بىكار قىلى ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ۋە تاجىكىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. 1926-يىلى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، «سارت» نامى ئىشلىتىلمىدى. ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزبېك مىللىتى خاتىرىلەندى. ئاباشىننىڭ قارىشىچە، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئورتاق تۈرك مىللىي كىملىك ئىدىيىسى چەتكە قېقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللىي كىملىكلەر شەكىللەندۈرۈلۈپ قەدەممۇ-قەدەم ئايرىم مىللەتچىلىك راۋاجلاندۇرۇلدى.