ئوش ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ھەمراجان ئۇرۇنبايېف: بىز تىلىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋاقتىدا سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جايلارغا كۆچۈپ چىقىپ، كۆپلىگەن يېزىلارنى بەرپا قىلغان ئىدى. ھازىر ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە شۇ مەملىكەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، بۇ مەملىكەتلەردىكى شارائىتنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقى ئېنىق.

بىرىنچى نۆۋەتتە، بۇ مەسىلە مىللىي مائارىپ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ھەقتە پات-پاتلا ئەسكەرتىلىدىغان بولدى. مەسىلەن، رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان قىرغىزىستاندا ئەنە شۇ مەسىلە كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرماقتا. ھازىر ئۇيغۇرلار مەملىكەتنىڭ چۇ ۋە پەرغانە ۋادىلىرىدا، ئىسسىق كۆل بويلىرىدا، جالالئاباد، ئۆزگەن، ئوش، قارابالتا، توقماق، نارىن، بىشكەك شەھەرلىرى ھەم ئوبلاستلىرىدا ۋە باشقا كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلاردا ئورۇنلاشقان.

ئۇيغۇرلار بۇ يەرلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن چىققان بولۇپ، بولۇپمۇ سوۋېت دەۋرىدە يۈز بەرگەن سىياسىي تەقىبلەشلەر نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزبېك ۋە قىرغىز بولۇپ يېزىلىشقا مەجبۇر بولغان. ھازىر بۇ ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئۆگىنىش تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بىز يېقىندا مانا شۇ ئوش ۋىلايىتىدىكى قەشقەر-قىشلاق يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ھەمراجان ئۇرۇنبايېف بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.