بىشكەكتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.11.02
ottura-asiya-uyghur-medeniyet-murasimi-2018-aq-saqallar-ili-nahsilirini-eitmaqta-01.jpg بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مۇراسىمىدا ئاق-ساقاللار ئىلى ناخشىلىرىنى ئېيتماقتا. ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى. 2018-يىلى 1-نويابىر. بىشكەك، قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

1-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان مەدەنىيەت كۈنىگە بېغىشلانغان مۇراسىمغا مەزكۇر تۆت دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مۇراسىم قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۇلېندىبايېف، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېسېنبېك ئوگونبايېف، قىرغىزىستان خەلقلىرى مەجلىسى تەركىبىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم داڭلىق ناخشىچى-سازەندىلەر، «ئالامېدىن خەۋەرلىرى» گېزىتى ۋە CTV تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 

مۇراسىمغا ھۆرمەتلىك مېھمان قاتارىدا قازاقىستاندىن كەلگەن تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف، ۋاققاس مەمەدىنوف قاتارلىق جامائەت ئەربابلىرى ۋە رۇسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى رەپقەت سادىقوف، سەنئەت ئەربابى، رەسسام ئازاد مەمەدىنوف شۇنداقلا ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. پائالىيەت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى قەلبىنۇر تۇردىيېۋانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. 

پائالىيەتنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈش، تۆت دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، بىرلىشىپ يېڭى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايلىقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېسېنبېك ئوگونبايېف قاتناشقۇچىلارنى مەدەنىيەت بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە قىرغىزىستاندا يېتىشىپ چىققان سەنئەت ئەربابلىرىنىڭ قىرغىزىستان مەدەنىيىتىگە زور ھەسسىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى؛

«ھۆرمەتلىك مېھمانلار! سىلەرنى بايرىمىڭلار بىلەن چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان ئىلىم-پېنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئۆزلىرىنىڭ زور تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە. قىرغىزىستاندا كۆرۈنەرلىك ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئاز ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى سۇلتان كەرىموف، قىرغىزىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى زەيتۇنە باباجانوۋا، ئاتاقلىق رەسسام سابىتجان باباجانوف ۋە تەلئەت مىررەخىموف قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ قاتارىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹ماكانىم قىرغىزىستان›، ‹ئۇيغۇرلار بىر ئائىلىدە›، شۇنداقلا چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان نۇرغۇن پائالىيەتلىرىنى بىز يۇقىرى باھالايمىز. ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتى قىرغىزىستان خەلقلىرى مەجلىسى تەركىبىدە بولۇپ، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە».

نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى ۋاققاس مەمەدىنوف ئۆز سۆزىدە 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئېغىر كۈنلەرگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

مەدەنىيەت كېچىسىگە قاتناشقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك پائالىيەتچىسى تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف، ئۆز نۇتقىدا قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى «گەرچە ئۇلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى سۈپىتىدە خۇشال-خۇرام ياشىسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنى-شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇماي، ھەر دائىم زۇلۇم ئاستىدا بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىش» قا دەۋەت قىلدى.

مەزكۇر مۇراسىم داۋامىدا سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابلار «ئېھسان» مېدالى ۋە تەقدىرنامىلەر بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى ھەلىمە باراتوۋاغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن «ئېھسان» مېدالى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىيىمى تەقدىم قىلىندى. 

رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەلىمە باراتوۋا قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جانلىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا خۇرسەن ئىكەنلىكى، كېلەچەكتە ئىككى دۆلەت جامائەتچىلىكى تېخىمۇ ئۆم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى ۋاققاس مەمەدىنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ پۈتۈن دۇنياغا چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مۇراسىم داۋامىدا ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ناخشىچى ئايتۇرغان ھەسەنوۋا ئۆز ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئايتۇرغان ھەسەنوۋا قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىياتىرى يوق بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەدەنىيەت پائالىيىتىگە تاماشىبىن قاتارىدا قاتناشقان قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاق ساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئابدۇقېيۇم روزىيېف ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا «ئىنتىزار» ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا ئانسامبىلى «پەنجىگاھ» مۇقامى ۋە ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ياڭراتتى، شۇنداقلا ياش ناخشىچىلار نۇرتاي ئابدۇرېھىم، سابىرجان نىيازوف، شۆھرەت ياقۇبوف قاتارلىقلار ئۆز ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

بۇ قېتىم بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەت تۇنجى قېتىم قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر مىللىي سەنئەت پائالىيىتىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.