3-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشى خەلقئارا مىقياسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغان ۋە ھازىرمۇ تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغاپ كەلمەكتە.
تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلار بۇ پاراتقا قارىتا تەنقىدىي پىكىرلەردە بولماقتا. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەنە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدا مەزكۇر پاراتنى كۆرۈش ۋە ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان.
چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بولسا، بۇ پاراتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا مېڭىسىنى يۇيۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئەمما، مەلۇم بولۇشىچە، 3-سېنتەبىر كۈنى چۆچەك شەھىرىدىكى سالىھجان خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھويلىسىدا بايراق چىقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
چۆچەك شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 3-سېنتەبىر چۆچەك شەھىرى قارا دۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 70 ياشلىق سالىھجان خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھويلىسىدا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قولۇم-قوشنىلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سالىھجان چۆچەك شەھەرلىك يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ دەم ئېلىشقان چىققان خىزمەتچىسى بولۇپ،ئۇ 1985-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولغان.ۋە شۇ يىلى مەملىكەتلىك چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش مېدالىغا ئېرىشكەن.
ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۆپلىگەن شان-شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۆزلىدىن تا ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھويلىسىدا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان.
نۆۋەتتە،دىققىتىڭلار سالىھجان بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەت پروگراممىسىدا بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.