ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرچە رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە داۋاملاشماقتا
2017.01.30
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادا، يەنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يەتمىش يىل مابەينىدە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ھەر قايسى مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ئۆز تارىخىنى تىكلەش، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، باشقا مەملىكەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن يېڭىچە مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى.
كېيىنكى مەلۇماتلار بويىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى جەھەتتىن ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئۆزبېكىستاندا 90-يىللاردىن تارتىپ مىللىي مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشى بىلەن بىر قاتاردا مەدەنىيەتنى، ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە -رادىيو كومپانىيىسىدە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار ۋە كۆرسىتىشلەر ئۆز پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ بېشىدا تۇرغان شەخسلەرنىڭ بىرى نارىمان قۇربانوف بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدا بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزبېكىستان رادىيو-تېلېۋىزىيە دۆلەت كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى خېلەم خۇدايبەردىيېف كۆپ كۈچ چىقارغان.
ن. قۇربانوف 1988-يىلى ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ تېلېۋىزىيە-رادىيو كومپانىيەسىگە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە بىر-ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، خېلەم ئاكا تۈپەيلى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەر ئېچىلدى. 1990-يىلى مېنى شۇ يەرگە تەكلىپ قىلدى. باشتا تېخنىكا ئۇنچىلىك راۋاجلانمىغان ئىدى. رادىيو قېشىدا ئۇيغۇر ئانسامبىلى بار ئىدى. شۇ ئانسامبىلنى ھەر ھەپتىدە بىر سائەتلىك توغرىدىن-توغرا ئېفىرغا ئۇزىتاتتۇق. تېخنىكىلار ئازراق راۋاجلانغاندىن كېيىن چەتلەرگە خىزمەت سەپىرىگە چىقىدىغان بولدۇق. بىز كۆپرەك ئەنجان ئەتراپىدا ۋە باشقا جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ھاياتىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى بېرەتتۇق.»
ن. قۇربانوف ئىلگىرى كۆرسىتىشلەرنىڭ «ئۈمىد دەستۇرى» نامى بىلەن چىققان بولسا، كېيىن ئۇنىڭ «يېگانە ئائىلىدە» دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، ھازىرغىچە كۆرسىتىشلەر قازاق، ئۇيغۇر، تاتار، قىرغىز تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار ۋە كۆرسىتىشلەر رېداكسىيەسىنىڭ كۆپىنچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تاشكەنت تېلېۋىزىيە-رادىيو قانىلى «دوستلۇق» مۇھەررىيىتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈلباھار قۇربانوۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قانال ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى «گۈلشەن دىيارىم» ئاخبارات-مۇزىكا ئاڭلىتىشلىرى ئۆز ئىشىنى 2000-يىلى 1-مارتتىن باشلىغان بولۇپ، ئۇ ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى بېرىلسە، «يېگانە ئائىلىدە» ناملىق تېلېۋىزىيە كۆرسىتىشلىرى ئېيىغا بىر قېتىم ھەر چارشەنبىدە 15 مىنۇتتىن بېرىلىدۇ.
تاشكەنت شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان گۈلباھار قۇربانوۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تېلې-رادىيو قانىلىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلارنىڭ مەقسەت-ۋەزىپىسى، مەزمۇن دائىرىسى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «رېسپۇبلىكىمىزدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ مەملىكىتىمىز تەرەققىياتىغا قوشۇۋاتقان مۇناسىپ ھەسسىسى ھەققىدە تۈرلۈك سۆھبەتلەر، رادىيو ئوچېركلار ۋە باشقا ئاڭلىتىشلارنى مۇخلىسلارنىڭ ئېتىبارىغا يەتكۈزۈش بولۇپ، ئۇلار «ئىنسان ساخاۋىتى» تۈركۈمىدىن ئورۇن ئالغان. شۇنداقلا خەلقىمىز تارىخى بىلەن باغلىق ئۆرپ-ئادەتلەر، مەدەنىيىتىمىز ۋە سەنئىتىمىزنىڭ راۋاجلىنىش يولىدا رېسپۇبلىكا ۋە تاشكەنت شەھىرى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركەزلىرى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئىشلار «مۇستەقىللىق بۈيۈك نېمەت» ناملىق دەستۇرىمىزدە يورۇتۇلماقتا. شائىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى «ئىجادىيەت گۈلزارى» ئاڭلىتىشىدىن ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى «سائادەت» ئاڭلىتىشىمىز ئانىلىرىمىز ھەم ھەدە-سىڭىللىرىمىزغا بېغىشلانغان.»
گ. قۇربانوۋا شۇنداقلا قىزىقارلىق خەۋەرلەرنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-سازلىرىنىڭ، تىڭشىغۇچىلاردىن كەلگەن خەت-خەۋەرلەرنىڭ «دىل ناۋالىرى»، «خۇش كەيپىيات» ئوخشاش ئاڭلىتىشلاردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئىستىقلالىمىزنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا تەييارلانغان ھەر بىر رادىيو ئاڭلىتىشلىرىمىز قاتارىدا ئىستىقلالىمىزنىڭ تەڭدىشى بولغان، ئۇيغۇر تىلىدا بېرىلىدىغان دەستۇرلىرىمىز ئارقىلىق مىللەتداشلىرىمىزنىڭ جەمئىيەت ھاياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇنىڭغا قوشقان ھەسسىسى ھەققىدىمۇ كۆرسىتىشلەر ‹يېگانە ئائىلىدە› نامايىش قىلىندى.»
گ. قۇربانوۋا ئۆز سۆزىدە مەزكۇر تېلېۋىزىيە-رادىيو كومپانىيەسىدە ئۆز كەسپىگە بېرىلگەن ۋە ئىزدەنگۈچى ياشلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشى ئارقىسىدا كومپانىيە كۆرسەتكۈچىنىڭ بارا-بارا ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، كۈن تەرتىپىدە تۇرغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىي يېڭىلىقلارنى ئاھالىگە تېز يەتكۈزۈشنىڭ ھەر بىر ژۇرنالىست ئۈچۈن مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1974-ۋە 1980-يىللار ئارىلىقىدا تاشكەنت رادىيوسىدا ئىشلىگەن، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋىلايىتىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتى دەپ ئاتالغان بۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى خېلەم خۇدايبەردىيېف، ئۇيغۇر رېداكسىيەسىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ياقۇپوف بولغان ئىدى. ئۇيغۇر رېداكسىيەسىدە يازغۇچىلاردىن سېيىتجان سېيتىشېف، يەھيا تايىروف، ھېسامدۇن ئىسلاموف، تاشپولات نامەتوف ۋە باشقىلار ئىشلىگەن.
ئا. ماھمۇدوف بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «رەسمىي ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو كومىتېتىنىڭ چەتئەللەرگە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرچە باش رېداكسىيەسى دەپ ئاتالغان. بۇ رادىيو ئاساسەن خىتايغا قارشى قويۇلغان بولۇپ، كۈنىگە ئىككى سائەت بېرىلەتتى. سەككىز تىلدا بېرىلەتتى: ئۆزبېك، ھىند، ئوردۇ، ئىنگلىز ۋە باشقىلار. رادىيو قېشىدا ئۇيغۇر ئانسامبىلى بار ئىدى.»
ئا. ماھمۇدوفنىڭ ئېيتىشىچە، 1991-يىلى ئۆزبېكىستان رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە دۆلەت كومىتېتى ئۆزبېكىستان مىللىي تېلېۋىزىيە-رادىيو كومپانىيىسى بولۇپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى چەتئەللەرگە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرچە باش رېداكسىيەسىمۇ قايتىدىن تەشكىللەنگەن ئىدى. رادىئو يېنىدىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆز پائالىيىتىنى توختاتقان.