يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە، بولۇپمۇ ئىستانبۇل ئۇيغۇرلارنى جەلپ قىلىدىغان مەركەزگە ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ، 2011-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر ساياھەتچىلەرنى تۈركىيىگە ئەۋەتىش توختامنامىسى تۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ساياھەتچىلەر كۆپلەپ تۈركىيىگە كېلىشكە باشلىدى. مەن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىن شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئىستانبۇلدا «بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق چاتما فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى پولات ئەلەمدار، يەنى نىجاتى شاشماز بىلەن كۆرۈشۈپ خاتىرە رەسىمىگە چۈشۈش ئىكەن.
پولات ئەلەمدار ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلغا ساياھەتكە كەلسە كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان شەخسكە ئايلانغان. ھەتتا ئۆتكەن يىلىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر توپ ئۇيغۇر ساياھەتچىلەر كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ سۈرەتكە چۈشكەن ئىدى.
يېقىندا بەزى ئۇيغۇرلار «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمى تارتىلىۋاتقان يەرگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان. بۇلاردىن بىرى ئامېرىكىدىن خىزمەت بىلەن تۈركىيىگە كەلگەن روشەن ئابباس خانىمدۇر. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا «بۆرىلەر ۋادىسى» نىڭ باش قەھرىمانى نىجاتى شاشماز ۋە باشقا كىنو ئارتىستلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا نىجاتى شاشماز ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى دادىسىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. نىجاتى شاشماز يەنە روشەن ئابباس خانىمنىڭ سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەرگەن.
ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ كىنو ۋە چاتما فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن ئىدى. مەسىلەن، 1970-يىللاردا سابىق يۇگوسلاۋىيە ۋە ئالبانىيىنىڭ فىلىملىرىنى، 1980-يىللاردا ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە چاتما فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن بولسا، كېيىنكى مەزگىللەردە كورىيە ھەم ئامېرىكىنىڭ فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن. بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار تۈركىيىنىڭ «بۆرىلەر ۋادىسى»، «مۇھتەشەم 100 يىل» «ئاچچىق ھايات» «ئادانالىق ساقچى» دېگەنگە ئوخشاش چاتما تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۆرمەكتە. بۇلاردىن باشقا داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى كېمال سۇنال، يەنى فىلىملەردىكى ئىسمى بويىچە «شابان» رول ئالغان فىلىملەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى بۇ فىلىملەرنى كۆرۈپ تۈركچە ئۆگىنىۋالغان. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك فىلىملىرىنى بولۇپمۇ «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇيغۇرلارنىڭ نىجاتى شاشماز مەستانىسى بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق بويىچە ئوقۇۋاتقان مىجىت قۇتلۇق ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلارغا موھتاجلىقى، پولات ئەلەمداردەك بىر قەھرىماننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى قەھرىمان ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.