ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەمەلىي سەنئىتىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تەرەققىي ئېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىلىدىغان ھەر قانداق بۇيۇملاردىن بەدىئىي ئەسەرلەرنى يارىتىش، ئۇلاردا خەلقنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ھايات-تۇرمۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆپىنچە رەسساملارنى، ھۆنەرۋەنلەرنى قىزىقتۇرىدىغان، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سەنئەت تۈرلىرىدىن بىرىدۇر. شۇلارنىڭ ئىچىدە قاپاق مەدەنىيىتى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
ئۇيغۇرلاردا قاپاقنى باراڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ ئۆستۈرۈش ئادەتكە ئايلانغان. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تارالغان ئەنئەنە. قاپاق كۈندىلىك تۇرمۇشتا سۇ ياكى چاي قۇيۇش، ئىچىش، ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ساقلاش ئۈچۈن پايدىلىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن شىپالىق ئەھمىيىتىمۇ بار ئۆسۈملۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سەنئەتنىڭ بۇ تۈرى ھازىر پەقەت رەسساملارنىلا ئەمەس، بەلكى ئەمگەك پېنى مۇئەللىملىرىنىمۇ قىزىقتۇرماقتا. شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق چوڭ چىغان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇستازى گۈلنىسەم توختىباقىيېۋادۇر. 3-دېكابىر كۈنى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئاكادېمىيەلىك دۆلەت مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئۇنىڭ تۇنجى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
مەزكۇر كۆرگەزمىگە گۈلنىسەم توختىباقىيېۋانىڭ قاپاقلاردىن ياساپ چىققان 30 غا يېقىن ئەمگىكى قويۇلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «دوستلۇق»، «مەسچىت»، «قەدىمىي ئۇيغۇرلار»، «كاككۇك»، شوخ ئۆردەك» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.
مۇراسىمنى ئاچقان «دۇنيا ئارت» زامانىۋى سەنئەت گاللېرىيەسىنىڭ مۇدىرى ھاكىمجان گۇلىيېف قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا يەتكەن ئۇتۇقلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەلىي سەنئەت تەرەققىياتىدىمۇ بەزى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ گ. توختىباقىيېۋانىڭ كەسپىي رەسسام بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۆنەرۋەنچىلىك سەنئىتىگە قىزىقىپ، بۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئىجاد قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈلنىسەم توختىباقىيېۋا ئۆزىنىڭ بۇ ساھەگە تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى بالىلىق ۋاقتىدىن تارتىپ قىزىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «دەرىسلەردە مەن تەبىئىي ماتېرىياللار بىلەن ئىشلەشنى ياخشى كۆرىمەن. ھاشىمجان قۇربانوفنىڭ ئىشلىرىغا ناھايىتى قىزىقاتتىم. 2008-ۋە 2009-يىللاردىن تارتىپ ياساۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆسۈملۈكلەر، قۇشلار بار. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچ-كۆچ تارىخىغا ھارۋا ياسىدىم. كېلەچەكتە ئۇيغۇر تارىخىغا كۆپ مۇراجىئەت قىلغۇم كېلىدۇ. ئەمگەكلىرىمنى ياركەنتتە قاستېيېف نامىدىكى مۇزېيغا قويدۇم».
«ئۆرلېئۇ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى ماھمۇتجان جەلىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىنستىتۇتتا 800 گە يېقىن مۇئەللىم قولھۆنەر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلاش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە، مەدەنىيەتكە، سەنئەتكە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئالاھىدە دىققەت بۆلمەكتە. م. جەلىلوف گ. توختىباقىيېۋا ئوخشاش ئۇيغۇر ئۇستازلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ يورۇتۇپ، ئۇلارنى باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشتا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئۇستازلىرى ئوبلاستلىق، جۇمھۇرىيەتلىك، خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىدۇ. ئۇيغۇر ئۇستازلىرى خەلقئارا كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ، پەخرىي يارلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار شۇ ئىشلىرى ئارقىلىق بىلىم دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ، ياخشى ئۇتۇقلارغا يېتىدۇ. بۈگۈن شۇلارنىڭ بىرى گۈلنىسەم توختىباقىيېۋانىڭ ئەمگەكلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. مۇشۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان رۇسلان يۈسۈپوف، ئەركىن زۇلپىقاروف، كۈرەش زۇلپىقاروف ئوخشاش رەسساملار بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىۋاتىدۇ».
ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى ھېزىم ئىسكەندەروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى گۈلۋىرا توختىباقىيېۋانىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىدا ئاتالغان ئەسەرلەر ۋە باشقىلارنىڭ ناملىرى بىۋاسىتە ئاپتور ئۆزى تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەدەمنىڭ بۇ ئىشلىرى مۇنداق بولىدۇ دەپ ئويلىمىدۇق. ئۇ ئەمگەكلىرىنى ئۆيدە ساقلىدى. پەقەت ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› ئارقىلىق ۋە ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ قوللىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە كۆرگەزمىسى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ھەممىسى قاپاقتىن ياسالغان».
قازاقىستاندا ئومۇمەن قاپاق مەدەنىيىتى تونۇلغان رەسسام، قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ھاشىمجان قۇربانوفنىڭ ئىجادىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۇ بۇ ساھەدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان ئىشلىمەكتە. رەسسامنىڭ قاپاقنى ئويۇپ ۋە ئۇنىڭغا سىزىپ ياسىغان ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مىللىي قەھرىمانلار ئوبرازلىرى، يېزا ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. ئەمدى راسۇل مۇسايېفمۇ شۇ ساھەگە قىزىقىۋاتقان ياش رەسساملارنىڭ بىرى. ئۇ قاچا-قومۇچ، قاپاق چۆمۈچ ۋە باشقىمۇ بۇيۇملارغا مىللىي نەقىش سېلىش بىلەن شۇغۇللانماقتا.
0:00 / 0:00