مەلۇمكى، قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى جامبۇل يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆمۈر سۈرگەن بولۇپ، ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئۇ «سۇرانشى باتۇر»، «ئۆتېگېن باتۇر»، «خان ۋە شائىر»، «ھۇرۇن ھەققىدە چۆچەك» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي قىسمى سوۋېت دەۋرىدە ئۆتكەن ئىدى.
جامبۇلنىڭ قەبرىسى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتى جامبۇل ناھىيىسىنىڭ جامبۇل يېزىسىدا ئورۇنلاشقان. شائىرنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ھەر خىل قارىمۇ - قارشى پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ھەم سوۋېت دەۋرىدە، ھەم ھازىرقى مۇستەقىللىق دەۋرىدە ئىنتايىن كۆپ خىزمەتلەر ئىشلەنگەن ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەتنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان تاراز شەھىرى 1938 - يىلدىن تا 1997 - يىلغىچە جامبۇلنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئۇنىڭغا ھەيكەللەر ئورنىتىلدى، كۆپلىگەن مۇزېيلار، سەنئەت دەرگاھلىرى، مەكتەپلەر، كوچىلار شۇنىڭ ئىسمىدا ئاتىلىدۇ. ھازىر، مەسىلەن، رۇسىيەنىڭ موسكۋا، سانكت - پېتېربۇرگ، ۋولگوگراد، نوۋوسىبىرسك، خاباروۋسك قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۇنىڭ نامىدا كوچىلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىلىدىغان مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات دەرسلىرىدە جامبۇلنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى مەخسۇس ئوقۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ تەۋەللۇتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتەپلەردە ھەر خىل پائالىيەتلەر پات - پاتلا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇلاردا پەقەت شائىر ئىجادىيىتى ھەققىدىلا سۆز بولماي، بەلكى خەيرخاھلىق ئىشلىرىمۇ يۈرگۈزۈلمەكتە.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوف ۋە ژۇرنالىست گۆھەربۈۋى ئىسمائىلجانوۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00