بىر توپ ئۇيغۇرلار قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ يۇقىرى مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

12-مايدا ئالماتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەجلىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى لېئونىد پىتالېنكو، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف شۇنداقلا زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.

مەجلىسنى كىرىش سۆز بىلەن ئاچقان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ش. نۇرۇموف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىدىكى رولىغا، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىكنى مۇستەھكەملەشكە قوشۇۋاتقان تۆھپىسىگە، قازاقىستان ھەم ئۇنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ھەققىدە توختالدى. قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ل. پىتالېنكو ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ھەم قايغۇنى ھەم خۇشاللىقنى بىللە تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دائىم ئالدىنقى سەپلەردە بولۇپ، مەملىكەت رەھبىرى ھەم قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەجلىسنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا مەملىكەتنىڭ مۇستەقىللىققىنى مۇستەھكەملەش، تىنچلىقنى تەمىنلەش، مەملىكەت خەلقىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش، مەدەنىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى، قازاقىستاننىڭ باشقىمۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقىمۇ تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئون ئىككى كىشى قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن تەقدىرلەندى. ئاتاپ ئېيتقاندا، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ل. پىتالېنكو يېزا ئىگىلىكى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى مۇھەممەتجان ئابدۇللايېف، نۇرانىيە ئانىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى جاھانگىر مۇراتوۋا، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خادىمى شەمشىدىن ئايۇپوف، قازاقىستان خەلق ئارتىسى نۇربۈۋى مەمەتوۋا ۋە تېببىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئەبەيدۇللام جاپپاروفلارغا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ جەمئىيەتلىك «بىرلىك» ئالتۇن مېدالىنى تاپشۇردى. شۇنداقلا پرېزىدېنت پەرمانى بىلەن «دوستلۇق» ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپىنىڭ رەئىسى پەرھات سائىتوف، جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋا ۋە تونۇلغان رەسسام ئەخمەتژان ئەھەتباقىيېف پەخرىي يارلىق بىلەن، ژۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقارما ئەزالىرى تاجىنىسا توختىيېۋا، تۇرسۇنئاي ئىمىنوۋا، ئالماتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىلىك خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئارزۇگۈل ھوشۇروۋا ۋە «مىر» نەشرىيات ئۆيىنىڭ مۇدىرى ئەلىشىر خالىلوف پرېزىدېنت تەشەككۈرنامىلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يېزا ئىگىلىكى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى مۇھەممەتجان ئابدۇللايېف قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ش. نۇرۇموف رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پائالىيىتىگە مۇناسىپ باھاسىنى بېرىپ، بىر قاتار كىشىلەرگە يۇقىرى مۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، بۈگۈن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلقىمىزنىڭ بىرلىكىگە ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇپ، مەڭگۈلۈك ئەل بولۇشى ئۈچۈن جان دىلى بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقى ئېيتىلدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەخىرلىنىدىغان ئۇتۇقلىرى كۆپلەپ سانىلىدۇ. بىز، ئالىملار، مەركەزنىڭ تەلەپلىرىگە لايىق ئىشلىشىمىز كېرەك. سەۋەبى ھازىر ن. نازاربايېفنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى خەلق ئىچىگە يەتكۈزۈشكە بىز ھەر قاچان تەييار. بۈگۈنكى مۇكاپات بىزگە چوڭ ۋەزىپىلەرنى يۈكلەيدۇ.»

مەزكۇر مەجلىستە شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەشۋىق قىلىشتا ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تالانتلىق ئارتىسلىرى مارات نورۇزوف، نۇرالىم ۋارىسوف ۋە ئېلمىرا داموللايېۋالار جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالاھىدە تەشەككۈرنامىلىرى بىلەن تەقدىرلەندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف «بىرلىك» ئالتۇن مېدالى ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا مۇناسىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقىمۇ كۆپلىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئاستانادا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى مەجلىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئوتتۇزغا يېقىن ۋەكىللەر قاتناشتى. مەجلىستە ئاسسامبلېيەنىڭ بىر يىلدا قىلغان ئىشلىرى توغرىلىق دوكلاتلىرىنى تىڭشىدۇق. مەجلىس ئاخىرىدا ئاسسامبلېيە رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ بېلورۇس مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى لېنىد پىتالېنكو سايلاندى. بۈگۈنكى يىغىنغا ل. پىتالېنكو قاتناشتى. مەدەنىيەت مەركەزنىڭ ئىشلىرى يەنىمۇ جانلىنىپ، ياخشى ئىشلارنى ئاتقۇرۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.»

مەجلىستە سۆزگە چىققان يېزا ئىگىلىكى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى مۇھەممەتجان ئابدۇللايېف، تىجارەتچى تەلەت نادىروف، ئالماتا شەھىرى سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ باش يىگىت بېشى غەيرەت مەمىتالىيېف ۋە باشقىلار جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشلىرىغا ئۆز باھالىرىنى بېرىپ، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.