قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن كۆپكە ماھىر تالانت ئىگىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇلئەزىز مەمەتباقىيېفنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلانغان «دوقمۇش چىرىقىدا ئۈچ كۆز بار» ناملىق كىتابى يېقىندا بىشكەكتىكى «بۈيۈك تاغلار» نەشرىياتى تەرىپىدىن قىرغىز تىلىدا نەشر قىلىنىپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئابدۇلئەزىز مەمەتباقىيېف 1941-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ چاپچال ناھىيەسىگە قاراشلىق قاينۇق يېزىسىدا ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدە تاماملىغاندىن كېيىن، 1955-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ،قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ئورۇنلىشىپ قالغان ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت بىشكەكتىكى 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئابدۇلئەزىز مەمەتباقىيېف يېزىقچىلىقنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىدە قەلەم تەۋرەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە «دولقۇنلىغان ئويلار»، «ئۇيغۇرلار قوللانغان يىلنامىلەر»،«گۈزەل ئىسىم ئىنسان زىننىتى»، «ئۆمرۈڭ تولغان تېپىشماق»، «ئەقلى دەريا دانالار»، «ئۇيغۇر ئېلىپبەسى»، «كۆپ قىرلىق ماتېماتىكا»، «ياقۇپجان راھمانوف» (شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا بېغىشلانغان، رۇس تىلىدا)، «ئانا قاينۇق يالدامىلىرى» قاتارلىق كىتابلىرى ئۇيغۇر، رۇس ۋە قىرغىز تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.
ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماستىن يەنىلا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ پېشقەدەم زىيالىي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قىرغىزچە،رۇسچە ھەمدە ئۇيغۇر تىللىرىدا يېزىلغان «پوكروۋكا يېزىسىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابىنى يېقىندا باسمىغا بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.