سابىر غاپپاروف قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر كۈلكە ماھىرى

0:00 / 0:00

قىزىقچىلىق ۋە چاقچاق سەنئىتى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. ئۇ، ھەر دەۋرنىڭ ئۆزگىچە شارائىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، چاقچاقچى ماھىرلارنىڭ سۆز بايلىقى ۋە ھازىر جاۋاپلىققا ئوخشاش تالانتلىرى بىلەن تاكى بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قازاقىستاننىڭ يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلاردا چاقچاقچىلىق ئەنئەنىسى ئۆزگىچە راۋاجلانغان بولۇپ، بۇ ساھە بويىچە قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئىلى ۋادىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھىسام قۇربان ئۇيغۇر چاقچاقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن ھېسابلانغان ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ تارقالغان ئىدى.

شۇنىڭغا ئوخشاش قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بىر قىسىم چاقچاقچىلار بۇ ئەنئەنىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە. قازاقىستاندىكى تونۇلغان چاقچاقچىلاردىن سابىر غاپپاروف ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ رادىئومىز ئىختىيارىي مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى چاقچاق مەدەنىيىتى ھەم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرىدىن كۆرگەنلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا خەلق ھۆرمىتىگە بۆلەنگەن قىزىقچى ۋە چاقچاقچىلار كۆپلەپ سانىلاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈلكىلىك ھەزىل-چاقچاقلىرى بىلەن جەمئىيەتنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرىنى، كىشىلەردە ئۇچرايدىغان ئايرىم ئىللەتلەرنى تەنقىد قىلىپ، خەلققە روھىي مەدەت بېرەتتى. بولۇپمۇ قازاقىستاندا غوپۇر قادىرھاجىيېف، سەنجەر باراتوف، سابىر غاپپاروف ۋە باشقىلار ئەنە شۇلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ ھايات.

خەلق ئىچىدە كەڭ تارىلىپ كەتكەن يۇمۇر ياكى ھەزىل-چاقچاق قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟ خەلق نېمە ئۈچۈن ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؟ ھازىر خەلق ئىچىدە شۇنداق تالانتلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتامدۇ؟

بىز ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئەنە شۇنداق ئاتاقلىق يۇمۇرچىلارنىڭ بىرى سابىر غاپپاروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

-سابىر ئاكا، چاقچاقچى، قىزىقچى ياكى يۇمۇرچى بۇ ئۆگىنىدىغان بىر ھۆنەرمۇ ياكى تۇغما تالانتمۇ؟
-چاقچاق خۇدانىڭ بەرگەن بىر تالانتى بولۇش كېرەك. مەسىلەن بەش يىل ئوقۇغان نە ئارتىسلار بار، ئامما خەلق ئىچىدىن چىققان تالانتلىق ناخشىچىلار ئاجايىپ ئېيتىۋەتكەنگە ئوخشاش. مەن غوپۇر، سەنجەر ئاكىلار بىلەن ئارىلاشتىم. مانا شۇ چوڭلارنىڭ قىلغان چاقچاقلىرىنى ئۇ يەر-بۇ يەردە دەپ بېرىپ، بۇ چاقچاقلار كېيىن يۇمۇرغا ئايلىنىپ كەتتى.
-بۇ ھەزىل-چاقچاق، يۇمۇرلار قانداق ۋاقىتلاردا پەيدا بولىدۇ؟
-يۇمۇر كۆپىنچە قىزىقچىلارنىڭ دېگەن گەپلىرىنى بەزى سۆزمەن ئادەملەر ئانچە-مۇنچە سۆزلەرنى قوشۇپ، سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن يۇمۇر پەيدا بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۇمۇرنى يازىدىغان بولدى. بۇرۇن يۇمۇر سۆزلەشلەر بار ئىدى، ئامما بولغان بىلەن مۇنچىلىك كۆپ ئەمەس ئىدى.
-مۇشۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان كۈلكە ماھىرلىرىدىن كىملەرنى بىلىسىز؟
-ئوتتۇرا ئاسىيادا جىق. ئاۋاكرىنى بۇ يەردە كۆرمەپتىمەن. ئۇ توغرىلىق ھېزمەت ئابدۇللىن ۋە ماخمۇت ئابدۇراخمانوفلار دەپ بېرەتتى. ئىشىكتە دېگەن يەردە باۋدۇن ئاكا بار. ھازىر ھايات. غوپۇر، ئابلىز، سەنژەر ئاكىلار بولغان. بىشكەكتە مىررەخمەت ئاكا بار ئىدى.
-يۇمۇرلار ھازىر ئاساسەن قەيەرلەردە كۆپرەك ئېيتىلىدۇ؟
-بۇ بولۇپمۇ مەشرەپتە قىزىپ كېتىدۇ. تاماق يەپ بولۇپ، سازغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزىدىن ئۆزىلا باشلىنىپ كېتىدۇ. بىر ئادەم ئۇنداق ياكى بۇنداق دە، دېگەن ئەمەس.
-ئىلگىرى، يەنى سوۋېت دەۋرىدە چاقچاقلارنى، يۇمۇرلارنى ئەركىن ئېيتىۋىرەتتىمۇ؟
-ياق. ناھايىتى بايقاپ گەپ قىلاتتى. ھۆكۈمەت، كولخوز، سوۋخوز ۋە باشقىلار توغرىلىق. ياركەنتتە رەھمەت دېگەن ناھايىتى قىزىقچى بىر ئادەم بولغان. «بىز ئىشلەيمىز پاختىدا، نان بەرمەيدۇ ۋاقتىدا. كولخوز دېگەن موخۇنىڭ، ھېساب-چوتى تاختىدا» دەپ خەقنى كۈلدۈرۈپ قويۇپ، كېيىن ئۇ ئادەم يوقاپ كەتكەن. شۇلارنى بىزنىڭ دادىلار كۆرگەچكە ھۆكۈمەت، داھىيلار توغرىلىق ناھايىتى بايقاپ گەپ قىلىڭلار، دەتتى. ئۇنىڭغا ناھايىتى دىققەت قىلاتتۇق. ھازىر بولسا ئەركىن زامان.
-مىسالغا، ئۆزىگە قارىتىلغان چاقچاقلارنى چۈشەنمەي، ئۇلارغا چىدىيالماي، رەنجىيدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرامدۇ؟
-بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىغا، مەخپىي بىر نېمىسىگە، نومۇسىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ قويسىڭىز رەنجىش بولۇپ قالىدۇ. ئامال بولسا شۇنى رەنجىتمەستىن بىر ئۇسۇللار بىلەن قانداقتۇر بىر تەنقىدىي گەپ قىلىشقا بولىدۇ.
-ھەزىل، يۇمۇر يېزىۋاتقان ئاپتورلار ئۆزلىرىدە شۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بولۇش كېرەكمۇ؟
-مەسىلەن، ھەزىل يېزىۋاتقان بالىلار ھەزىل-چاقچاقلاردا ئانچە-مۇنچە بولۇشى كېرەك. بۇ بولمىسا ھەزىل دېگەندەك چىقمايدۇ. مەسىلەن، ھېسامدۇن ئاكا توغرىلىق ئىككى-ئۈچ كىتاب چىقتى. شۇ غۇلجادىكى بالىلار ئۆزلىرى چاقچاقچى بالىلار ئېكەندە. شۇڭلاشقا ئۇلار خەلقنىڭ ئىچىدە بولۇۋاتقان بار سۆزلەرنى يىغىپ چىققان.
-ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۇستازى ياكى شاگىرتى بولىدىغۇ. سىز ئەنە شۇ ئۇستازلاردىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟
-مېنىڭ ئۈگەنگىنىم، غوپۇر ۋە سەنژەر ئاكىلار ھېچ قاچان غورازدەك ياكى ئىتتەك تالاشماتتى. چاقچاق، يۇمۇرلارنى ئېيتسىڭىز «ھە» دەپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىدۇ. سەنجەر ئاكا ھېچ قاچان گەپ تالىشىپ، بىر ئادەم بىلەن قىرىلىشىپ چاقچاق قىلماڭلار، پەيتى كەلگەندە ئۇنىڭغا جاۋاب چىقىدۇ، دەتتى.
-سىز ياخشى بىلىسىز، بىرەر چاقچاق قىلىش ئۈچۈن تىلنىمۇ ياخشى بىلىش كېرەك. مۇشۇ ھەققىدە نېمە دەيسىز؟
-ئۇنى مەن چۈشىنىپ قالدىم. ياش بالىلارنىڭ ئىچىدە بەزى گەپلەر رۇسچە ئارىلاش چىقىپ قالىدۇ. ئەۋۇلار رۇس تىلىنى چۈشەنگەچكە قىزىق بىلىنىدۇ. دىققەت قىلساڭ، رۇسچە گېپىنى ئەۋۇ بالا ئۇيغۇرچە دېيەلمەي كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئارىلاش دەۋېتىدۇ. بەرىبىر شۇنداق قىزىق چىقىدۇ.
-چاقچاق ئەسلىدە تەسادىپى پەيدا بولىدۇ، ئەمدى يۇمۇرنى ئىجت قىلىشقا بولامدۇ؟
-بولىدۇ. ئەگەر قىزىق سۆزلەر بولۇپ قالسا، ئۇلارنى دەررۇ خاتىرىلەۋېلىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، تېيىپجان ئېلىيېفتا شۇنداق ئادەت بار ئىدى. بىر سورۇندا بولمىدى دېگەندە ئىككى-ئۈچ ئەستە قالارلىق گەپلەر بولىدۇ، دەيدۇ. «تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ چاقچاقلىرى» دېگەن كىتاب شۇ.
-سابىر، ئاكا، سۆھبىتىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

رادىئومىز زىيارىتىنى قودۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف س. غاپپاروفنىڭ خەلق ئارىسىدا چاقچاقچى، لەتىپىچى، ھەزىلكەش ئوخشاش داڭققا ئىگە شەخس سۈپىتىدە تونۇلغانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسەتتى: «سابىرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكلىكى ئۇنىڭ ھازىرجاۋابلىقى. ئادەمنى ھەيران قىلىدىغان قانداق ماۋزۇ، قايسى يۆنىلىشتە بولمىسۇن سابىرنىڭ ھەممىنى تەئەجۈپلەندۈرىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا ژاۋاب تاپىدۇ. جاۋاب تاپقاندا ئۇنىڭ ئوخشىتىشلىرى شۇنچىلىك يېڭى، ھەيران قالدۇرىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى، بولۇپمۇ ماقال-تەمسىللەرنى، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى، كۈلكىلىك لەتىپىلەرنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ».

ر. ئىسمايىلوفنىڭ تەكىتلىشىچە، س. غاپپاروف شۇنداقلا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى تېيىپجان ئىلىيېفنىڭ ئىژادىيىتى بىلەن ياخشى تونۇش بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى يادقا بىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەتكە بۆلەنگەن س. غاپپاروف ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ 75 ياشلىقىنى ئاتاپ ئۆتكەندە پۈتكۈل يۇرت-جامائەتچىلىك ئۇنى قىزغىن تەبرىكلىدى. قازاقىستاننىڭ تونۇلغان چاقچاقچىلىرىمۇ مەزكۇر تويدا جەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆنەرلىرىنى نامايىش قىلغان ئىدى.