قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، مېمارچىلىق ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە راۋاجلىنىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ رەسساملىق سەنئىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەرەققىي ئېتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆز تارىخىدا باي مىراس قالدۇرغان ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىنكى دەۋردە ئۇيغۇر مىللىي رەسساملىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلار قاتارىدا ھازىر ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇھەممەتجان ئابدۇللايېفمۇ بولۇپ، ئۇ قىرىق يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە ھەم رەسساملىق، ھەم ھەيكەلتىراشلىق ساھەسىدە ئىجاد قىلماقتا.
1954-يىلى ئالماتا شەھىرى ئەتراپىدا دۇنياغا كەلگەن م. ئابدۇللايېف 1979-يىلى ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان رەسساملىق مەكتىپىنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملاپ، قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىدى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك رەسسام دېگەن ئاتاققا ئىگە بولدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كەسىپنى قانداق قىلىپ تاللاپ ئالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ماڭا ھېچكىم بۇنى ئۆگەتمىدى. كىچىك ۋاقتىمدىن بىر نەرسىلەرنى چاپلاپ ياساتتىم. مەكتەپتە سۈرەتنى ياخشى ياساتتىم. مەن رەسسام بولىدىغانلىقىمنى بىلگەچكە، شۇنىڭغا مەقسەتلىك ھالدا ماڭدىم. رەسساملىق ۋە ھەيكەلتىراشلىق مەندە تەڭ ماڭدى. مەن ئۈچۈن بۇ چوڭ ئۇتۇق بولغان.»
م. ئابدۇللايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يىللىرى رەسساملار ئىتتىپاقى يېنىدا ئىجادىي كېڭەش مەۋجۇت بولۇپ، بارلىق ئەسەرلەر شۇ يەردە قارىلىپ، ئۇلارنى ئېلان قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىناتتى. ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىدە بولۇپمۇ ھەربىي ماۋزۇنىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتقانلىقىنى، بۇنىڭدا مەشھۇر رەسسام ۋە يازغۇچى مارىس ھېتاخۇنوفنىڭ ھەمدە شۇ دەۋردە پۈتكۈل سەنئەتتە كەڭ تارالغان سوتسىيالىستىك رېئالىزم ئۇسۇلى تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇنىڭ بارلىقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن توختاپ قالغانلىقىنى، شەخسەن ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئون يىلدەك ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان تونۇلغان قازاق رەسسامى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن رەسسامى كامىل مۇللاشېفنىڭ تەربىيىسىنىڭ زور بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ. بىر كۈنى مېنى چاقىرىۋېلىپ، سەن ئۇيغۇر بولغاندىكىن، ئۇيغۇر ماۋزۇسىدا سۈرەتلەرنى ياسىمامسەن، دېدى. مەن ئۇيغۇرچە نېمە ياساشنى بىلمەيمەن، دېدىم. قانداق بىلمەيسەن؟ ئۇيغۇرنىڭ تارىخى شۇنداق چوڭقۇر تۇرسا. مىسال ئۈچۈن نۇزۇگۇمنىڭ سۈرىتىنى ياسا دەپ، نۇزۇگۇم توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بەردى. مەن رۇسچە ئوقۇغانغۇ، نۇزۇگۇمنى ئاڭلىغان، ئەمما چوڭقۇر بىلمەيمەن. ئۇ ماڭا تارىخىنى دەپ بەردى. مەن ئۆيگە كېلىپ، ئون ئىككى سۈرەتنىڭ لايىھىسىنى ياساپ، ئېلىپ باردىم. ئۇ بىر نەچچىسىنى تاللىۋېلىپ، چوڭايت دېدى.»
م. ئابدۇللايېف ئۆزىنىڭ ئاددىي بىر ئادەملەرنىڭ پورترېتلىرىنى سىزغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، مەسىلەن، مىللىي قەھرىمانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ھازىرچە تېخى ياساپ كۆرمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى، كۈرىشىنى يېقىندىن ئۆگىنىش لازىملىقىنى، بۇنىڭسىز ئەسەرنىڭ خام بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ماھىيىتىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ماۋزۇسى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنە شۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، بۈگۈنكى ھاياتى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئەمگەكلەر بىلەن تونۇشۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ساياھەت قىلىپ، كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلارنى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى، ئارزۇ-نىيەتلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز ئىجادىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
م. ئابدۇللايېف ئۇيغۇر ماۋزۇسىدا كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنىڭ لايىھىلىرىنى سىزىپ تەييارلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈستىدە كۆپ ئەمگەك قىلىش لازىملىقىنى، ھازىرقى قازاقىستان ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتىنىڭ قىيىن بىر ئەھۋالنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئىقتىسادقا باغلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھەيكەلتىراشلىق ساھەسىدىمۇ كۆپ ئەمگەكلەر ياراتقانلىقىنى، بولۇپمۇ قازاقىستان دۆلەت ئەربابى ئىسمائىل يۈسۈپوف، ئاتاقلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف، داڭلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروف، تونۇلغان يازغۇچى تۇرغان توختەموف، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيە ئوفىتسىرى مىرزىگۈل ناسىروف ۋە باشقىلارغا بېغىشلاپ ياسىغان ھەيكەللىرىنىڭ ئالماتا شەھىرى ۋە ناھىيىلەردە ئورنىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى، قازاق خەلقىنىڭمۇ بۈيۈك شەخسلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى ئىجاد ئەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرىم غىلاۋدىنوفنىڭ پىكرىچە، ئومۇمەن قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىدە دەسلەپتە ئاۋاكرى شەمسى، ئۇنىڭ ئىزباسارلىرى زەينىدىن يۈسۈپوف، رەشىد يولداشېفلار ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
ب. غىلاۋدىنوف بولۇپمۇ ئابدۇكېرىم ئىسا، ھاكىمجان گۇلىيېف، كۈرەش زۇلپىقاروف، ھاشىمجان قۇربانوف، مۇھەممەتجان ئابدۇللايېف، مۇھەببەت ھېتاخۇنوۋا قاتارلىق رەسساملارنىڭ بۈگۈنكى قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىدە ئالاھىدە ئورنى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلەرگە ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.