مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ ئىككىنچى يېرىمىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئايشەم شەمىيېۋا، مەريەم سېمەتوۋا، مەريەم نىيازوۋا، پاتىگۈل سابىتوۋا، بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا، تامارا مەمەتوۋا كەبى شەخسلەر يېتىلىپ چىقىپ، ئۇلار ئىگىلىك، سەنئەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە شۆھرەت قازانغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىداكارانە ئەمگىكى، مىللەت سۆيگۈچى خىسلەتلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭمۇ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالەتلىك قىلىپ كېلىۋاتقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ ئەنە شۇ خانىم-قىزلارنىڭ ھۆددىسىگە يۈكلىنىۋاتقانلىقىدىن كۆپچىلىك خەۋەردار. مەركەز يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشى، ئانىلار كېڭىشى، نۇرانىيە ئانىلار كېڭىشى ۋە «جانان» خانىم-قىزلار فوندى بۇ يىلى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان مەدەنىي پائالىيەتلەرنى، ساخاۋەتلىك ئىشلارنى يۈرگۈزدى.
خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋانىڭ ئېيتىشىچە، كېڭەش ھەر يىلى مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەك بىلەن ئانا تىلىنى ساقلاش، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇرۇش ۋە ئەمگەك قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلەش، مەجرۇھ بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە. بۇ يىلىمۇ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى ھەمدە ئارقا سەپ قاتناشقۇچىلىرىنى تەبرىكلەش، ئانىلار كۈنى، مۇئەللىملەر كۈنى بايراملىرى، شۇنداقلا بالا تەربىيىسىگە بېغىشلانغان چوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. س. بېشىروۋا شۇنداقلا بۇ يىلى ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان چوڭ يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە ئالماتادىكى چوڭ دىنىي ئۆلىمالار، ئالىملار سۆزلىدى. ‹جانان› فوندىنىڭ رەئىسى دوكلات ئوقۇدى. ئىماملارغا سوئاللار قويۇلدى. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ ئورنى قانداق؟ ياشلارنىڭ باشقا دىنلارغا كىرىپ كېتىپ بېرىشى توغرىلىق. مۇشۇ قازاقىستان بويىچە ھەممە رايونلاردا، ئوبلاستلاردا ئۆزىمىزنىڭ شۆبىلىرى بار. بۇلار بىلەن بىرلىكتە ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ كېتىۋاتىمىز. بەش تەشكىلات بىلەن بىللە ئىشلەۋاتىمىز. بىزنىڭ شوئارىمىز بىرلىك. شۇ بىرلىكنى ساقلاپ، ئۇيغۇرلارغا ياخشى خىزمەت كۆرسىتىش.»
س. بېشىروۋا مەزكۇر كېڭەش ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرگە بالا توپلاش ھەم ئاھالە ئارىسىدا ئانا تىلىنى تەرغىب قىلىشنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش، ئۇيغۇر تىياتىرىغا تاماشىبىنلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە باشقىمۇ ئىشلاردا كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغلاردا بەزى ئەنئەنىلەر بويىچە تالاش-تارتىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ ھەر بىر توي ياكى نەزىر ئۆتكۈزگۈچى ئائىلىگە كىرىپ، ئۇلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بارلىقىنى باش قوشۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
س. بېشىروۋا، مەسىلەن، ناھىيەلەر بىلەن ئىشلەشنىڭمۇ ئۆز قائىدىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «رايونلارغا بارغاندا جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى نامىدىن رايون ھاكىملىرىغا خەت يوللايمىز. شۇنداقلا شۇ يەردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيمىز. بۇ يىلى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا شۇ رايون ھاكىمچىلىقلىرىغا خەت يېزىپ، بېرىپ قايتتۇق.»
ئەمدى ئەنە شۇ مەركەز يېنىدىكى نۇرانىيە ئانىلار كېڭىشى قانداق ئىشلار بىلەن مەشغۇل؟ ئۇلار ئاساسەن نېمىلەرگە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرۇۋاتىدۇ؟
بىز بۇ ھەقتە كېڭەش رەئىسى جاھانگىر مۇراتوۋاغا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆزۈم ئاتا-ئانىسىز ئۆسكەچكە، تولاراق يېتىم-يېسىرلارغا ياردەم بەرگۈم كېلىدۇ، ئاساسەن ياركەنت، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، چېلەك ناھىيەلىرىدىكى. ياركەنت ناھىيىسىگە ياردەم بېرىۋاتقىنىمغا بۇ يىلى 20 يىل بولدى. ئۇيغۇر ناھىيىسىگە 2012-يىلدىن تارتىپ ياردەم قىلىۋاتىمەن. بۇ يىلى باشقا يەرلەرنى قوشتۇم. جەمئىي 400 ئائىلە بولدى. بارلىق مەكتەپلەرگە، ئاغرىقچان ئائىلىلەرگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردىمىمنى قىلىۋاتىمەن.»
ج. مۇراتوۋا يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە مەجرۇھ كىشىلەرگە خەيرخاھلىق ياردەم كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 60 بالىغا 300 مىڭ تەڭگە مۆلچەرىدە ماددىي ياردىمىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىنى ئانىلار يىغلىمىسىكەن، بالىلار قىينالمىسىكەن دېگەن شوئار ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ج. مۇراتوۋا ئوخشاش مىللەت جانكۆيەرلىرى پەقەت ئۇيغۇرلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىدىن بولغان ھالى ئېغىر ئائىلىلەرنى، مەجرۇھ بالىلارنى ماددىي قوللاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئۈلگە بولماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرىگە ئورۇنلاشقان. ئاخىرقى رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە ئۇلارنىڭ سانى 238 مىڭ ئادەمنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يېزا-قىشلارغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.