كېيىنكى يىللاردا قازاقىستان ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەر تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭدا بولۇپمۇ تۈركسوي، يەنى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي تەشكىلاتى ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. قازاقىستاندا ياشاۋاتقان سانى جەھەتتىن ئەڭ كۆپ مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىرىنى بولۇپمۇ ئەدەبىيات ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ ئالاقىلەر قايسى تەرەپلەردىن كۆرۈنۈۋاتىدۇ؟ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە نېمىلەرگە ئېرىشتى؟
بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ چوڭ بىر چوققىغا ئىگە ئەدەبىيات بولۇپ تونۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ، مۇنداق دېدى:
ھازىر تۈركىي خەلقلەر بىر-بىرىنى تەرجىمە قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن روھىي بايلىقىنى ئۆستۈرۈشكە قاتتىق كىرىشىپ كەتتى. بۇ يەردە قازاقىستان ئەدەبىياتى تۈرك دۇنياسىدا قانداق تۇتۇلۇۋاتىدۇ، دېگەن ئوي كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، يېقىندا قازاندا (تاتارىستان پايتەختى) قازاق يازغۇچىلىرىدىن نۇرلان ئورازالىن ۋە غالىم جەيلىباينىڭ ئەسەرلىرى تاتار تىلىدا نەشر قىلىندى. شۇنداقلا قازاقىستاندا 35 تاتار يازغۇچىسىنىڭ ھېكايىلىرى قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. شۇ مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە بىزمۇ قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغىمۇ قىزىقىش چوڭ قانات يېيىۋاتىدۇ.
ئە. ھاشىرى شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇنداق قىزىقىشنىڭ كۈچىيىشىنىڭ چوڭ ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ، ئۇ ھەققىدە ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشنىڭ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشنىڭ بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ نىيدې ئۇنىۋېرسىتېتىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى باشقىمۇ خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتىنىڭ چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى:
تۈركىيەدىكى ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىدا قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىرىمىز ياخشى. نىيدې ئۇنىۋېرسىتېتى ئوخشاش چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت، دۇنيا ياۋروپا يازارلار بىرلىكى ئوخشاش يازغۇچىلار ئىتتىپاقى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. يېقىندىلا تۈركىيەدىكى قازاقىستان ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمېبايېف ۋە تۈركسوي ۋەكىللىرى بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، تونۇشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى قارىدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئۇلار قولغا ئېلىپ، دۇنيا تۈركىي خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئوخشاش ئالىي ئىشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيەدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ 100 يىللىقى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. يېقىندا بولسا، يەنە شۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن سەنئەت كۆرىكىدە دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەخمۇت قەشقىرى» درامىسى ئىككىنچى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ بىلىم مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئايرىم ئۇيغۇرلار بىلەن بىلىم ساھەسىدىمۇ ئالاقىلىرىنى ئورناتقان بولۇپ، بۇ يۆنىلىشتىمۇ بىر قاتار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەللەردە بىلىم ئېلىشىغا ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ھۆددىسىگە ئالغان. بۇ جەمئىيەت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن تۈركىيە بىلىم مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقە ئورناتقان. ت. روزاخۇنوف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
ئۇلار ھەر يىلى بالىلارنى تەييارلاڭلار، بىزنىڭ ئادەملەر قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىغا بېرىپ ئۇلاردىن ئىمتىھان ئالىدۇ، دېدى. بىز گېزىتلارغا ئېلانلارنى بېرىپ، ياخشى ئوقۇۋاتقان 40قا يېقىن بالىنى يىغدۇق. ئۇلاردىن ئىمتىھان ئېلىنىپ، شۇ يىلى 17 بالا ئوقۇشقا چۈشتى. تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى بىزگە ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلدى: بالىلىرىمىزغا بىر ئۆينى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى شۇلار ئۆزلىرى تۆلىدى، تاماق تەرەپتىنمۇ ياردەم بەردى. بىزنىڭ بالىلار بىر يىل تىل ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئاندىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىمتىھان ئۆتكۈزدى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى.
ت. روزاخۇنوف ھەر يىلى جاي-جايلاردا تەشۋىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ، 10-12 ئۇيغۇر بالىسىنىڭ شۇ يول بىلەن ئوقۇشقا چۈشۈۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنگە قەدەر 30دىن ئوشۇق بالىنىڭ تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ھەر خىل فاكۇلتېتلىرىدا بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيە بىلىم مىنىستىرلىقى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قازاقىستانغا ئۆز ۋەكىلىنى ئەۋەتكەن. ۋەكىل «ئىنايەت« بىرلەشمىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ يۆنىلىشتە بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. ھازىر بولسا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە جامائەتچىلىك ئىچىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئىشلىرى يۈرگۈزۈلمەكتە.
ت. روزاخۇنوف تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇشنىڭ بەزى شەرتلىرىگە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «تۈرك مەملىكىتى بىلەن شەرتنامە بار. ئۇلارنىڭ شاھادەتنامىسى ياۋروپا ئۆلچىمىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ياۋروپانىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە ئىشلەشكە بولىدۇ. بالىلار بىرىنچى يىلى تىل ئۆگىنىدۇ. ياخشى ئوقۇۋاتقان بالىلار ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا قالىدۇ. تۆۋەنرەك دەرىجىدە ئىمتىھان تاپشۇرغانلار ئەنقەرەگە بارىدۇ. قايسى فاكۇلتېتنى تاللىسا شۇنىڭغا بارىدۇ. ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇلار شەرتلىك تۈردە قازاقىستاندا ئىشلەيدىغان بولىدۇ.
ئۇ تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار ئېلىنامدۇ يا باشقا تىللاردا ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ شۇنداقلا ھوقۇققا ئىگىمۇ، دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئەسلى تۈرك مەملىكىتى پاسپورتتا «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز بولۇش كېرەك ھەم ئۇيغۇر مەكتىپىنى پۈتتۈرسە ياخشى بولاتتى، دېگەن ئىدى. سەۋەبى ئۇيغۇر مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر تۈرك تىلىنى چاپسان ئۆگىنىۋالىدۇ. مۇشۇ ئۈچ يىل ئىچىدە رۇس مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن 4-5 ئۇيغۇر بالىسىنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار ئۆتەلمىدى. شۇنداقلا ئۇلار كۆپرەك ئوغۇل بالىلارنى ئەۋەتىشنى سوراۋاتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ 60تىن ئوشۇق مەكتەپلىرىدە ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى دۆلەتلىك ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بىلىم ئالماقتا. ھازىر بۇ يەردىكى بىر قىسىم جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، يۇرت-جامائەتچىلىك، ئايرىم ساخاۋەتلىك كىشىلەر ياخشى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ كەلمەكتە.