قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو ئاڭلىتىشلار بۈگۈنمۇ داۋام قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.01.14
Guljamal-emetbaqiyewa-305.jpg ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار پروگراممىسىنىڭ مۇھەررىرى گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋا.
RFA/Oyghan

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى تەشۋىق قىلىشتا، بولۇپمۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان رولى چوڭ.

شۇلارنىڭ ئىچىدە رادىئو ئاڭلىتىشلىرىمۇ ئۆزىگە خاس ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. فم دولقۇنلىرىدا خەۋەر تارقىتىدىغان مەملىكەتنىڭ «شالقار»، ئاستانا»، «كلاسسىك» قاتارلىق ئوتتۇزدىن ئوشۇق رادىئو ئىستانسىيىلىرى ئىچىدە «قازاق رادىئوسى» ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ جۇمھۇرىيەتلىك قازاقىستان تېلېرادىئو بىرلەشمىسى جەمئىيىتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدۇ. مەزكۇر رادىئو خەۋەرلىرى 2012-يىلنىڭ 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت پايتەختى ئاستانا شەھىرىدىكى يېڭى ۋە زامانىۋى كازمېدىيە مەركىزىدىن يۈرگۈزۈلمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنە شۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار پروگراممىسىنىڭ مۇھەررىرى گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋا رادىئونىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «قازاق رادىئوسىدا قازاق ۋە رۇس تىللىرىدىن باشقا ‹دوستلۇق› مىللىي پروگراممىلار رېداكسىيىسىدە ئاڭلىتىشلار ئالتە تىلدا، يەنى ئۇيغۇر، كورېيە، تۈرك، ئەزەربەيجان، تاتار ۋە نېمىس تىللىرىدا بېرىلىدۇ. قازاق رادىئوسىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار ھاۋا دولقۇنلىرىغا دەسلەپكى قېتىم 1958-يىلى 3-مارتتا چىقىشقا باشلىدى. مىللىي رېداكسىيە يېڭىدىن تەشكىللەنگەندە، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۈچلا ئادەم بولۇپ، ئاڭلىتىشلار ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىم يېرىم سائەتتىن بېرىلەتتى. تەھرىراتنىڭ بىرىنچى باش مۇھەررىرى پېشقەدەم ژۇرنالىست ساۋۇتجان ھاسانوف، ئاڭلىتىشنى دەسلەپكى قېتىم ئېفىردىن ئوقۇغان ساتىرىك يازغۇچى، مەرھۇم نەسىردىن مەڭسۈروف بولدى. قازاق رادىئوسىنىڭ ئالتۇن فوندىدا بۈگۈنكى كۈندە مىڭلىغان ئۇيغۇرچە ناخشا-سازلار تولۇقى بىلەن ساقلانماقتا. ئاتاپ ئېيتساق، بۇ فوندتا 48 دانە رادىئو درامىسى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «ئانارخان»، «غېرىپ-سەنەم»، «قاينام»، «ئوتېللو»، «لاشمان» كەبى ئەدەبىي ئەسەرلەر بار. سەھنە يۇلتۇزلىرى ئەخمەت شەمىيېف، مەخپىر باقىيېف، مەرىيەم سېمەتوۋا، روشەنگۈل ئىلاخۇنوۋا، ئابدۇرېھىم ئەھمەدى، خالىسخان قادىروۋا، سالامەت شەرىپجانوۋا، سۇلتان مەمەتوف، نۇربۈۋى مەمەتوۋا قاتارلىق قىرىققا يېقىن ئىجراچىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى 1400 دىن ئوشۇق ناخشا-سازلار، بىر سائەتلىق كونسېرتلىق پروگراممىلاردىن 75 دانىسى ساقلانماقتا. مەزكۇر فوندنى توپلاشتا كۆرنەكلىك كومپوزىتور ئىسمايىلجان ئىسائېيېف ۋە ئوسمانجان نۇراخۇنوفنىڭ ئەجرى بېباھا.»

ھازىر ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان پېشقەدەم كومپوزىتور ئى. ئىسايېف 1973-يىلدىن باشلاپ قازاق رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر رېداكسىيىسىدە ئاۋاز رېژىسسورى، مۇزىكا مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1996-يىلدىن باشلاپ دەم ئېلىشتا بولسىمۇ، ناخشا ۋە مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئى. ئىسايېف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رادىيودا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن رادىيوغا كېلىپلا، مۇزىكىنىڭ ئىشىغا بەكرەك ئارىلاشتىم. ئىشلىگەن يەردە خاتا بولمىسا بولمايدۇ‏-غۇ. مەن بىلگۈچىلەر بىلەنمۇ ئىشلىدىم، بىلمىگەنلەرگە ئۆگەتتىم. مەن ئىشلەپ، ئاۋاز رېژىسسورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتىم. مەن ئىشلىگەن ۋاقىتلاردا ئەخمەتجان مەمەتوف مۇھەررىر بولدى. ئۇ سىياسەتنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. ئۇ كېتىپ شائىر ۋە ژۇرنالىست ئەركىن ئىسلاموف كەلدى. رىزا سەمەدى كەلگەندە مەن دەم ئېلىشقا كەتتىم.»

ئى. ئىسايېفنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار ساز-ناخشىلارسىز بولمايتتى. ئۇ ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە ناھىيەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئەسەرلەرنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەشھۇر ناخشىچى ۋە كومپوزىتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئاڭلىتىپ، بۇ يەردىكى فوندنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى بېيىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، رادىئونىڭ ئىشىنى جانلاندۇرۇشتا، بولۇپمۇ كەسپىي دىكتورلار مۇھىم رول ئوينىغان. گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋا ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ كەسپىي دىكتورلارنىڭ قېلىپلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «يۇقىرىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك، دەسلەپكى ئاڭلىتىشنى ئاتاقلىق فېليېتونچى نەسىردىن مەڭسۈروف ئوقۇغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللىرى پائالىيەت يۈرگۈزگەن دىكتورلار ھۇرىيەت مۇسايېۋا بىلەن رەھمىتۇللا مەمىروفنىڭ ئاڭلىتىشلار تارىخىدا تۇتقان ئورنى ئالاھىدە.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئەلفارابى نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھسىل كۆرگەن بىر توپ ياش كەسپىي ژۇرنالىستلار رادىيوغا كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا تەھرىراتنى رىزا سەمەدى باشقۇرۇپ، 20 مىنۇتلۇق ئاڭلىتىشلاردا ھەپتىسىگە تۆرت قېتىمدىن ۋە 40 مىنۇتلۇق كونسېرتلىق پروگراممىلار ھەپتىسىگە بىر قېتىم بېرىلەتتى. 1998-يىلى پايتەختىمىز ئالماتادىن ئاستانىغا كۆچىرىلىش سەۋەبىدىن ئاڭلىتىش ۋاقتىمىز 10 مىنۇتقىچە قىسقارتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار ھەپتىسىگە بىر قېتىم قازاق رادىئوسىنىڭ fm 101 دولقۇنلىرىدا 20 مىنۇت جەريانىدا سېشەنبە كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى سائەت 9 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلاردا ئېلىمىزدە بولۇۋاتقان يېڭىلىقلاردىن باشقا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، تۇرمۇش تىرىكچىلىكى، ھەر خىل جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتلەر ئىزچىل يورۇتۇلۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى 2013-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدىن باشلاپ رۇس تىلىدا «بىز ­- قازاقىستانلىقلار» ناملىق ئاڭلىتىشنى تەييارلاپ، ئۇنى ئۆزۈم يۈرگۈزۈۋاتىمەن. بۇ ئاڭلىتىشتا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ، جۈملىدىن ھەر خىل ئېتنومەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ئەتراپلىق يورۇتۇلىدۇ. رادىئو تىڭشىغۇچىلار بىر ئايدا بىر قېتىم يەكشەنبە كەچقۇرۇنلۇقى 20 مىنۇتلۇق ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-سازلىرىدىن تەركىب تاپقان كونسېرت پروگراممىسىنى تىڭشاش پۇرسىتىگە ئېگە.»

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئالماتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى يىلىغا بېغىشلانغان «رازىمەنلىكنىڭ ئالتۇن تومۇرى ئېتنوژۇرنالىستكىدا» ناملىق يىغىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاكتىپ ئىشلىگەن بىر قاتار ژۇرنالىستلار قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ 20 يىللىق تەۋەللۇت مېدالى بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋامۇ بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.