قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان مەدەنىي ئالاقىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.01.23
2015.01.23
RFA/Oyghan
مەلۇمكى، يېقىندا قازاقىستان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ 80 يىللىق تويىنى خاتىرىلەپ ئۆتكەن ئىدى. مەزكۇر مۇراسىم قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئورگانلىرى ۋە يۇرت - جامائەتچىلىكنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىقى ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا نىشانلاندى.
تىياتىر ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تەۋەللۇتىنى قانداق ئۇتۇقلىرى بىلەن قارشى ئالدى؟ ئۇ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان مەدەنىي ئالاقىلىرىنى ساقلاپ قالالىدىمۇ؟ تىياتىر ئارتىسلىرى بۈگۈن نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل؟ ئۇنى كادىرلار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ھەل قىلىنىۋاتامدۇ؟ بىز ئەنە شۇنداق سوئاللار بىلەن تىياتىر مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروفقا مۇراجىئەت قىلدۇق.