قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرى جانلانماقتا

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ ئوچىقى بولۇپ كېلىۋاتقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى 82-مەۋسۇمىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

تىياتىر قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر يىلى يېڭى مەۋسۇمىنى «ئانارخان» كلاسسىك ئەسىرى بىلەن ئېچىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى مەۋسۇم ئۆتكەن يىلى 30-ئۆكتەبىردە «مۇقاملار سىرى» تىياتىرلاشتۇرۇلغان پروگراممىسى بىلەن باشلاندى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىياتىر مۇدىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ساۋۇتجان سونۇروف بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي خەلق رېسپۇبلىكىسىدىن تالانتلىق ئۇسۇل يېتەكچىسى ھەم رېژىسسور كۈرەش رەجەپنى تەكلىپ قىلىپ، يالقۇنجان شەمىيېف بىلەن ئۇنىڭ ھەمكارلىقىدا بۇ پروگرامما دۇنياغا كەلگەن. بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ خەجلىدۇق. بۇ تىياتىر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى بولغانلىقتىن ئۇ يەردە تۆت گۇرۇپپا ئىشلەيدۇ: ‹ناۋا› مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئانسامبىلى، دراما، بالېت ۋە ئېسترادا گۇرۇپپىلىرى. بىز ھەر يىلى تىياتىرنى كۆپىنچە ‹ئانارخان› درامىسى بىلەن ئاچاتتۇق. بۇ يىلى باشقا ئەسەر بىلەن ئاچتۇق. بۇ قېتىمقى مەۋسۇم تولۇق ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. ‹مۇقاملار سىرى› 22-قېتىم كۆرسىتىلىپتۇ. ئۇنى بىز ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا ھەممىسىگە كۆرسىتىپ بولدۇق. ئەمدى ئۇنى چەتئەللەرگە ئېلىپ چىقىمىز دېگەن ئۈمىدتىمىز.»

س. سونۇروفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلى 1-ئاينىڭ 15-دىن تارتىپ دۈرنەم مەشۈروۋانىڭ «ئانا مىراسى»، ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت»، ئابدۇللا غاجىبېكوفنىڭ «ئارشىن مالالان» ۋە باشقىمۇ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئاخىرىدا «تەبەسسۇم» سەھىپىلىرىدىن تەركىب تاپقان كۈلكە كېچىسىنىڭ تاماشىبىنلار دىققىتىگە سازاۋەر قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ مەۋسۇمنىڭ تاماملىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر تىياتىرى كوللېكتىپىنىڭ ھەر يىلى ئۆزىنىڭ كونسېرت پروگراممىلىرى ھەم سەھنە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرىگە سەپەرگە چىقىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانلىقى مەلۇم. بۇ يىلى بولسا تىياتىر ئۈچ سەھنە ئەسىرى ۋە بىر كونسېرتلىق پروگراممىسى بىلەن 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئىككى ھەپتىلىك سەپەرگە چىقىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

س. سونۇروف شۇنداقلا تىياتىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان مەدەنىي ئالاقىلىرىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى: «بۇ ھەقتە بىز تىياتىر مۇدىرى رۇسلان توختاخۇنوف بىلەن مەسلىھەتلەشتۇق. بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چاقىرىق قەغىزىنى سوراپ قويدۇق. ئۇلار 20-30 ئادەمگە چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتسە، بىز ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ‹ناۋا› مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئانسامبىلىنى ئېلىپ كىرسەكمۇ، ئۇياتقا قالمايمىز، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بىزدە ناھايىتى تالانتلىق كەسپىي ئارتىسلار ئىشلەيدۇ.»

ئۇيغۇر تىياتىرى مۇدىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى بۇ يىلى تىياتىر رەھبەرلىكىنىڭ بىنا ئىچى، بولۇپمۇ تىياتىر سەھنىسىنى رېمونت قىلىشنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى، ھازىر تاماشىبىنلار سانىنىڭ خېلى كۆپىيىپ، ئۇلارنىڭمۇ تىياتىرنى گۈللەندۈرۈشكە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا، بولۇپمۇ دراماتورگىيە ساھەسى مۇھىم رول ئوينايدۇ. دراماتورگىيە زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىۋاتقان ساھە بولۇپ، بۇنىڭغا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تىياتىر رېژىسسورى مۇھىت ھېزىموف بۈگۈنكى كۈندە تىياتىردا بەدىئىي كېڭەشتىن تاشقىرى شائىر-يازغۇچىلار، دراماتورگلاردىن تەركىب تاپقان بۆلۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنى كۆرنەكلىك يازغۇچى ۋە دراماتورگ، قازاقىستاننىڭ ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئەربابى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدا ئوندىن ئوشۇق دراماتورگلار يىغىلىپ، ئەسەرلەرنى ئوقۇيدۇ. ئۇلاردىن ئۆتكەن ئەسەرلەرنى بەدىئىي كېڭەشكە سالىدۇ، ئۇ يەردە تەستىقلىگەندىن كېيىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىمىز. بولۇپمۇ دراما ئەسەر يېزىش ھەر كىمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. بىزدە ھازىر دراماتورگلار بارماق بىلەن سانىغىدەكلا. بۇ، ئۆز ئالدىغا چوڭ قائىدىسى بار، قىيىن بىر ژانىر. بۇ چوڭ بىر مەكتەپ. بۇ مەسىلىنى بىزلا ئەمەس، باشقا تىياتىرلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ.»

م. ھېزىموف ھازىر ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «يالغۇز يالپۇز»، ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ «دەتتىكام»، ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەخمۇت قەشقەرى»، ئاۋۇت مەسىموفنىڭ «ئاغمىخان» قاتارلىق دراما ئەسەرلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش مەسىلىسى ھەل بولۇپ، تىياتىر رېژىسسورلىرىنىڭ ئەنە شۇ دراماتورگلار بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.