سادىقجان يۇنۇسوف: «مىللىتىم ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بەرسەم دېگەن ئۈمىدتە ياشىماقتىمەن»

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋە 20-ئەسىرنىڭ 50- ۋە 60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار يەتتىسۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ چىققان ئىدى.

ھازىر ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، يەنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئىستىقامەت قىلىدۇ. بۇ زېمىنغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار رۇس مەدەنىيىتىنىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ، بۇ جەھەتتە ئۆز يېزىقلىرىنى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر، لاتىن ۋە كىرىل يېزىقلىرىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇستەقىللىقتىن كېيىن ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن پەقەت تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش رەسمىي قوبۇل قىلىندى.

قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە نەشر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىغا، تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، سەنئىتىگە، ئەدەبىياتىغا ئائىت كىتابلارنى بۇ يەردە قوللىنىلىۋاتقان كىرىل يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىش ۋە خەلق ئارىسىدا تارقىتىش ئىشلىرىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ھازىر ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سادىقجان يۇنۇسوف ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەنە شۇنداق ئۇيغۇر يېزىقىدىن كىرىل يېزىقىغا كۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتماقتا. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىكى مەقسىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مەن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن تارىخىي ۋەتىنىمىز ۋە باشقا نەشرىياتلاردا يورۇق كۆرگەن ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان، مىللىتىمىزنىڭ تارىخى، مىللىي مەدەنىيىتى، سەنىتى، ئېتنوگرافىيىسى، ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرى ۋە تىل-ئەدەبىياتى توغرىسىدا قىرىقتىن ئوشۇق ئەسەرنى مىللىتىمىز ۋە ياش ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئازغىنا بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىش مەقسىتىدە كومپيۇتېردا بېسىپ، كىرىل ھەرىپىدە نەشرگە تەييارلاپ قويغان ئىدىم. مۇنداق قىلىش، ئەلۋەتتە، ئەرەب ھەرپى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشتىنلا ئىبارەت ئىدى. مەندە باشقا مەقسەت بولمىغان.»

س. يۇنۇسوف 2002-يىلدىن كېيىن بەزى مىللەتپەرۋەر، ساخاۋەتچى شەخسلەرنىڭ ماددىي ياردىمى ئارقىسىدا «قۇرئان كېرەم»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «سۇلتان سۇتۇق»، «قۇتادغۇ بىلىك» نەزمىي يەشمىسى، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى»، ئۈچ توملۇق «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «پايدىلىق نەسىھەتلەر»، «ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟»، «دىن ۋە ھايات. ئىككى مىڭ سوئالغا جاۋاب»، «ئىسلام ئەخلاقى»، «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيىلەيمىز؟» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كىرىل يېزىقىدا يورۇققا چىقارغان. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان ‹قۇرئان كېرەم› نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن جۇمھۇرىيىتىمىزدە كىرىل يېزىقىدا ئۇيغۇر تىلىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىشى مىللىتىمىز ئۈچۈن بېباھا ئەمگەك دەپ قارايمەن. مەن تەييارلىغان«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» نى چىقىرىشقا بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز 21 مىليون تەڭگە خىراجەت چىقاردى. ھازىر يېشىم سەكسەنگە تاقاپ قالدى. مەن يەنىلا مىللىتىم ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتسەم دېگەن ئۈمىدتە ياشىماقتىمەن. مەن يېڭىدىن نەشرگە تەييارلاپ قويغان مەخمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ««قۇتۇدغۇ بىلىك» نەسرىي يەشمىسى كەلگۈسى كۈنلەردە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

س. يۇنۇسوف ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە سەنئەتكار، ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1953-يىلى سۈيدۈڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1955-يىلغىچە غۇلجادا ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان. ئۇ 1956-يىلدىن 1962-يىلغىچە سۈيدۈڭ شەھىرىدىكى باج ئىشلىرى ئىدارىسىدە بوغالتىر بولۇپ ئىشلىدى. س. يۇنۇسوف شۇ يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ياركەنت شەھىرىدىكى««ئۆكتەبىرنىڭ 40 يىللىقى» كولخوزىدا مال چارۋىچىلىقى بويىچە چوڭ بوغالتىر لاۋازىمىدا 1998-يىلغىچە، يەنى ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقىچە ئەمگەك قىلغان. 1965-ۋە 1986-يىللار ئارىلىقىدا ئۇ شۇ ئېگىلىكتە تەشكىل قىلىنغان«ئۆسەك ساداسى» مىللىي سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇزىكىلىق رەھبىرى بولۇپ ئىشلىدى ھەم بۇ جەھەتتە ئونلىغان شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ چىقتى، بىر قاتار ناخشىلارنى ئىجاد قىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە ئۇيغۇر يېزىقىنى، 1947-يىلغىچە لاتىن يېزىقىنى، ئاندىن بۈگۈنكىچە كىرىل يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېزىقنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز -ئارا مەدەنىي ئالماشتۇرۇشىغا خېلى توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنى ياخشى چۈشەنگەن سادىقجان ئاكا 1980-يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ‹قۇتادغۇ بىلىك› نى، ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› نى ۋە باشقىمۇ مۇھىم ئەسەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ھەم ‹كۈنلەرنىڭ بىرىدە نەشر قىلىنىپ قالار› دېگەن ئۈمىد بىلەن مېخانىكىلىق ماشىنكىدا كىرىل يېزىقىغا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. كېيىنچىرەك كومپيۇتېرنى ئۆگىنىپ، تېرىپ چىقىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، سادىقجان ئاكا بۇ كىتابلارنى كىرىل يېزىقىغا كۆچۈرگەندە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ماھىيىتىگە، ئەھمىيىتىگە دىققەت بۆلىدۇ. بۇنىڭغا مەن خەلقىمىزنىڭ ئۇلۇغ پەرزەنتى يۈسۈپ خاس ھاجىب تەۋەللۇتىنىڭ 990 يىللىقىغا باغلىق ‹قۇتادغۇ بىلىك› نى كىرىل يېزىقىدا 2009-يىلى قازاقىستاندا نەشر قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولغان ئىدىم. ئېچىنىشلىق يېرى، سادىقجان ئاكا تەييارلىغان ‹قۇتادغۇ بىلىك› نىڭ كىرىلچە نۇسخىسى ئون بەش يىل ئۆتۈپ نەشر قىلىندى 2014-ۋە 2015-يىللىرى سادىقجان ئاكا يەنە بىر چوڭ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان ئەللىك مىڭ سۆزلۈك ‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى› نى كىرىل يېزىقىدا ئۈچ توم شەكىلدە مىڭ نۇسخىدىن قازاقىستان دۆلەت ھېسابىغا نەشر قىلدى. ئاندىن ئۇلارنى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرگە، ئالىم، شائىر ۋە يازغۇچىلارغا، ئومۇمەن ئۇيغۇر تىلىغا قىزىققۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىشنى قولغا كەلتۈردى. لۇغەت 250 مىڭ نوپۇسلۇق قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تىلىنىڭ بېيىشىغا، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز تىلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەم قازاقىستاندىكى
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغىنى سۆزسىز.»

ر. ئارزىيېف ئۆز سۆزىدە شۇنداقلا س. يۇنۇسوفنى قازاقىستن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان زىيالىي دەپ قارايدىغانلىقىنى، تامامەن باشقا ساھە ۋەكىلى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىۋاتقان ئەدىب ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.