قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئېغىر جۇدالىققا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئورنى تولماس جۇدالىققا ئۇچرىدى. تالانتلىق، ۋەتەنپەرۋەر شائىر ساۋۇت ئىسكەندەروف 76 يېشىدا ئالماتا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

ساۋۇت ئىسكەندەروف 1939-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن غۇلجادىكى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1959-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان. ئۇ، ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەمگەك پائالىيىتىنى «كوممۇنىزم تۇغى» يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە، كېيىنىرەك بولسا مەزكۇر گېزىتنىڭ قوشۇمچىسى «يېڭى ھايات»تا مۇخبىر ۋە بۆلۈم باشلىقى لاۋازىملىرىدا ئېلىپ باردى. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. س. ئىسكەندەروف «تۈگىمەس ئارمان»، «تىنچلىق ئىلھاملىرى»، «كىم كۈچلۈك؟»، «غېنىمەت دەملەر»، «ھىجران»، «دەردى يوق دەمسەن مېنى»، «كەچۈر مېنى، دىيارىم» ناملىق شېئىرىي توپلاملارنىڭ ئاپتورىدۇر.

س. ئىسكەندەروف بولۇپمۇ ۋەتەن ماۋزۇسىنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى قىلىپ ئالغان ئىدى. بۇ ماۋزۇنىڭ ھەر قانداق بىر شائىر ئۈچۈن نەقەدەر قىممەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن س. ئىسكەندەروف سۆھبەتلىرىمىزنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ۋەتەن سېنى دۇنياغا كەلتۈرگەن، ۋەتەن سېنى ساپ ھاۋاسى بىلەن، شېرىن، سۈزۈك سۇلىرى بىلەن تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن ئەزىز ماكان....»

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىرلار ئابلىز ھېزىموف ۋە ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف س. ئىسكەندەروفنىڭ شائىرلىق ماھارىتى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى، شائىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە توختالدى.