ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى سەبىت مۇقانوف: قەشقەرىيە تۇرغۇنلىرىنىڭ توقسەن پىرسەنتى ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا دەسلەپكى قېتىم بولغان قازاق زىيالىيلىرىنىڭ بىرى سەبىت مۇقانوفتۇر.

ئاتاقلىق يازغۇچى، دراماتورگ، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى س. مۇقانوف 1900-يىلى جەنۇبىي قازاقىستاننىڭ جامبۇل ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپ ئورېنبورگ شەھىرىدىكى ئىشچىلار فاكۇلتېتىنى، ئاندىن موسكۋادىكى قىزىل پروفېسسورلۇق ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمىنى تاماملىغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرىي ئەسەرلىرى 1918-ۋە 1920-يىللىرى يېزىلغان بولۇپ، كېيىنىرەك ئەدىب بىۋاسىتە پروزا ساھەسىدە ئىجاد قىلدى. قازاق ئەدەبىياتى ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولغان س. مۇقانوف ئۇزۇن يىللار داۋامىدا مەتبۇئات ساھەسىدە ھەر خىل لاۋازىملاردا ئىشلەش بىلەن بىر قاتاردا ئوقۇتقۇچىلىق، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن مۇكاپاتلىرىنىڭ ساھىبى، ئونلىغان يىرىك ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.

س. مۇقانوف ئىجادىيىتىدە بولۇپمۇ «قەشقەر قىزى» درامىسى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەسەر يازغۇچىنىڭ 1956-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەپىرى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 1858-ۋە 1859-يىللىرى قەشقەرىيەدە ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەدە بولغان مەشھۇر قازاق ئالىمى ۋە سىاياھەتچىسى چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ قەشقەردىكى ھاياتىغا بېغىشلىنىدۇ. س. مۇقانوف ئالىمنىڭ شۇ ۋاقىتتا باسقان يولىنى تەكرارلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر نەچچە شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، 1960-يىلى «پالۋاننىڭ قەدەملىرى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدى. كىتاب تۆت بابتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچى خىتايدىكى سەپەرگە، تۆتىنچى بابى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىغا بېغىشلانغان.

كىتابتا ئېيتىلىشىچە، س. مۇقانوف ئۇيغۇر ئېلىدا 1956-يىلى ئالتىنچى ئاينىڭ 21-كۈنىدىن يەتتىنچى ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان. دەسلەپتە ئۇ قۇمۇل شەھىرىنى زىيارەت قىلغان. يازغۇچى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن قۇمۇل ھەققىدە بۇرۇن ئاڭلىغان ھەم بۇ توغرىلىق كۆپ ئوقۇغان. شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئورۇنلاشقان بۇ قەدىمىي شەھەر ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى بۇ يەردىن يىراقتا، تەكلىماكان چۆللىرىنىڭ يېنىدا ئورۇنلاشقىنىغا قارىماي، شەھەرنى ئۇيغۇرلار ماكانلىغان ئىدى. شەھەردە ئەسلى تارىخىي يادىكارلىقلارمۇ بار.» س. مۇقانوف ئۆزىنىڭ يەنە ئىككى سەپدىشى بىلەن ئاندىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇپ بارغاندا، ئۇ يەردە ۋەكىللەرنى مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قارشى ئالغان ئىدى. يازغۇچى شەھەرنىڭ مەركىزىي مۇزېيىدا بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي خادىمى، كەلگۈسى ئاتاقلىق يازغۇچى يۈسۈپبەك مۇخلىسوفنىڭ مۇزېي ھەققىدە سۆزلەر بەرگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ. يازغۇچى ئۆز ئەسلىمىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئاھالىسى بەش مىليونغا يېقىن، ئۇلارنىڭ تۆت مىليونغا يېقىنى ئۇيغۇرلار، ئۇلاردىن باشقا بۇ يەردە ئون ھەر خىل مىللەت ئادەملىرى تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى تەكلىماكان چۆللىرى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مىڭ كىلومېتىر ۋە كەڭلىكى سەككىز يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ يەرنىڭ ھەممىسى قەشقەرىيە، شەرقىي تۈركىستان ياكى كىچىك بۇخارىيە دەپ ئاتالغان. قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار كۆچمەنلىك ھايات كەچۈردى ۋە بىزنىڭ ئېرامىزنىڭ توققۇزىنچى ئەسىرىدە تەكلىماكان ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلار دېھقان بولدى.»

يازغۇچى س. مۇقانوف چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى باسقۇنچىلارغا قارشى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئامما مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قوزغىلاڭنى پادىشاھ رۇسىيەسىنىڭ ياردىمى بىلەن رەھىمسىزلەرچە باستۇرغانلىقىنى، شۇ چاغدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى سادىر پالۋاننىڭ مەيدانغا چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. س. مۇقانوف ئۈرۈمچىدە يەنە بىر ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇلھەي روزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇرپانغا بىللە بارغان. كىتابتا تۇرپاننىڭ قەدىمىي شەھەر ئىكەنلىكى، بۇ يەرنىڭ كارىزلىرى، قوغۇن-تاۋۇزلىرى، مېۋىلىرى بىلەن ئاتىقى چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ شۇنداقلا كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، باي، ياركەند، خوتەن شەھەرلىرىدىمۇ بولىدۇ. قەشقەر ۋە ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ تىرىكچىلىكى، بىلىم دەرگاھلىرى ۋە زاۋۇت-فابرىكىلار ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىروف بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.