24-مارت كۈنى ئالماتا شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر تىياتىرىدا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ۋە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تونۇلغان يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ 60 ياشلىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان ئەدەبىي كەچ بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرى، ئۇستازلار، ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى، يازغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.
ئەدەبىي كەچ ئۇيغۇر تىياتىرى «رۇخسارى» ئانسامبىلى ئارتىسلىرىنىڭ ئۇسسۇلى بىلەن باشلاندى. دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى مارالتاي ئىبرايېف يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسى نۇرلان ئورازالىننىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. ئاندىن سۆز ئالغان ئىتتىپاق يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋانى تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «گۈلبەھرەم خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتىدۇ. يېقىندا ئۇنىڭ ھېكايىلىرى تەرجىمە قىلىندى. ئۇ ئەڭ قىيىن ژانىر ھېكايىلەرنى يېزىشنى ئۆزىنىڭ زىممىسىگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ».
مۇراسىم داۋامىدا سۆزگە چىققان پېشقەدەم شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خادىمى شەمشىدىن ئايۇپوف، ئەدەبىياتشۇناس ئالىمجان ھەمرايېف، شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ يۇرتداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، شاگىرتلىرى ۋە باشقىلار تەۋەللۇت ئىگىسىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئۇنىڭغا ئىجادىي ئۇتۇقلار تىلىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف يازغۇچىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90-يىللىرى «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئىشلەش جەريانىدا ئەدەبىياتنىڭ پروزا ساھەسى بويىچە تەجرىبە توپلاپ، شۇ ساھەدىكى نوۋېللا (قىسقا ھېكايەچىلىق) ژانىرىنى خېلى راۋاجلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «گۈلبەھرەم ھەدە نوۋېللا ژانىرىنىڭ ھەممە سىرلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان بىر يازغۇچى. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا بوشلۇق كۆپ. بۇ يەردە نېمە قىلىمەن دېسە، شۇنى قىلىۋاتقانلارمۇ بار. بۇ گۈلبەھرەم ھەدىگە خاس ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ كەمتەرلىكى. ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى تۈركىيەدە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، ئۇلار ئىنسان كۆڭلىدىكى سىرنى ئويغىتىشقا تىرىشىدۇ».
ئالىمجان ھەمرايېف گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پروزا ساھەسىدىكى ساناقلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا يازغۇچى ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئوقۇلدى، ناخشا-ئۇسسۇللار ئىجرا قىلىندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف ئۆزىنىڭ 1980-يىللاردا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمىدە ئىشلەش جەريانىدا گۈلبەھرەم خوشايېۋانى ھەم ھەقىقىي ژۇرنالىست، ھەم تالانتلىق يازغۇچى سۈپىتىدە تونۇغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ قايسى ساھەگە مۇراجىئەت قىلمىسۇن، ھەر قانداق ماۋزۇنىڭ ھۆددىسىدىن شەرەپ بىلەن چىقىشنى بىلدى. ئۇ ئوچېرك ۋە تەپسىلاتلارنى يېزىش بىلەن بىللە نوۋېللا ھېكايە ژانىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەن گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ قىسقا، لېكىن، كومپوزىتسىيەسى مۇكەممەل ئەسەرلەرنى يارىتىپ، ئوقۇرمەن قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچىمەن».
ئەدەبىي كەچ داۋامىدا سۆزگە چىققانلار يەنە گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ ھەم يازغۇچى، ھەم ژۇرنالىست، ھەم ئالىمە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ھازىر قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتىدۇر.
گ. خوشايېۋا 1999-يىلدىن تارتىپ ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا، قانۇن ۋە شەرق فاكۇلتېتلىرىدا ئىنگلىز تىلىدىن دەرس بەردى. شۇ جەرياندا ئۇ ئىلمىي ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، «جىنايەت ئىشلىرىغا ئائىت يېزىلغان ئىنگلىز تىلىدىكى ئەسەرلەرنى رۇس ۋە قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلار» ماۋزۇسى بويىچە ئىلمىي دىسسېرتاتسىيەسىنى 2006-يىلى ئاستانا شەھىرىدە ئۇتۇقلۇق ياقىلىدى ھەم فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئىلمىي دەرىجىسىنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گ. خوشايېۋا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىلمىي ئىشىمنى ئۈچ تىلدا، يەنى ئىنگلىز، رۇس ۋە قازاق تىلىدا ياقىلىدىم. مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ تىلدا دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش بىرىنچى قېتىم بولغان».
گۈلبەھرەم خوشايېۋا ئەنە شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇماي، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەردە مەن ئانا تىلىمدا ئوقۇمىغان بولسام، بىرلا شۇ رۇس تىلىنى بىلگەن بولاتتىم. مېنىڭ ئانا تىلىمنى بىلگەنلىكىمنىڭ چوڭ تەسىرى، ئۇ ماڭا باشقا تىللارنى ئۆگىنىشكە ياردەم قىلدى. مەن ئانا تىلىمنى بىلگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك دەپ ھېسابلايمەن».
گۈلبەھرەم خوشايېۋا 1957-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق غالجات يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1978-يىلى ئۇ ئالماتا چەتئەل تىللىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، ئىككى يىل مابەينىدە تۇغۇلغان يۇرتىدا ئىنگلىز تىلى مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىدى. 2004-يىلى ئۇنىڭ «دەردى يوق دەمسەن مېنى»، 2008-يىلى «مەن سېنى قىيالمايمەن» ۋە 2010-يىلى قازاق تىلىدا «كۆندіم-ئائۇ ساغان، تاغدىرىم» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى يورۇق كۆردى. مۇشۇ يېقىندا ئەدىبنىڭ «يۈرەكتىن چىققان بىر تامچە ياش» ناملىق تاللانما ئەسەرلىرى نەشردىن چىقتى. مەملىكەتتە نەشر قىلىنىدىغان بىر نەچچە ژۇرنال ۋە گېزىت سەھىپىلىرىدە گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا پات-پاتلا ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. 2016-يىلى تۈركىيەنىڭ ئانتالىيا شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان «گۇنجەل سانات» ناملىق چوڭ ژۇرنالنىڭ ئىككى سانىدا يازغۇچىنىڭ «چۈشۈمگە بولسىمۇ كىرسەڭچۇ، ئانا»، «سېنى دائىم ئەسلەيمەن» ناملىق ھېكايىلىرى تۈرك تىلىدا ئېلان قىلىندى. گ. خوشايېۋا شۇنداقلا بىر قاتار ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدۇر.
0:00 / 0:00