28-ئاپرېلدا ئالماتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىسىگە قاراشلىق بەشياغاچ يېزىسىنىڭ شۇ ناملىق كافېسىدا 1945-يىللىرى بولغان فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭغا تالغىر ناھىيىسى بويىچە ئۇرۇش مەيدانىغا قاتناشقانلار ۋە شۇ يىللىرى ئارقا سەپتە ئەمگەك قىلغانلار تەكلىپ قىلىندى. ناھىيىلىك ۋە بولۇپمۇ بەشياغاچ يۇرت-جامائەتچىلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، يىگىت باشلىرى ۋە خانىم-قىزلار كومىتېتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر پائالىيەت تىياتىرلاشتۇرۇلغان ئۈزۈندى بىلەن باشلاندى. مۇراسىمنى كىرىش سۆز بىلەن ئاچقان مۇشۇ پائالىيەت تەشەببۇسكارى، يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف بولۇپمۇ ئۇرۇش يىللىرى ئارقا سەپتە ئەمگەك قىلغان ئاھالىنىڭ ئالاھىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان بەشياغاچ يېزىسى ھاكىمى مۇھىت ئەلىبېكوف تالغىر ناھىيىلىك ھاكىمچىلىق ۋە بەشياغاچ يېزىسى ھاكىمچىلىقى نامىدىن مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ پەرمانى بىلەن بىر قاتار كىشىلەرنى غالىبىيەتنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان مېداللار بىلەن تەقدىرلىدى. تەبرىك سۆزگە چىققان تالغىر ناھىيىلىك ھاكىمچىلىقى ئىچكى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ خادىمى ئايائۇلى ئىمادىيېۋا، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىروف، « ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پەيزۇللا ئەخمەتوف، شۇنداقلا ئۇرۇش ۋە ئارقا سەپ قاتناشقۇچىلىرى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە باشقىلار قازاقىستانلىقلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ غالىبىيەتنى قولغان كەلتۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسىنى، قەھرىمانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا شۇنداقلا 1986-يىلى ئۇكرائىنانىڭ چېرنوبىل ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىيىسىدە يۈز بەرگەن ئاپەتنى يوقىتىشقا قاتناشقان بىر توپ كىشىلەرمۇ سۆز ئېلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلارنىڭ تىنچ ھاياتى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەر قانداق خەۋپ-خەتەر تۇغۇلغان تەقدىردە خەلقىنىڭ، ئېلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايدىغان ياشلارنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇراسىم بەشياغاچ سەنئەتكارلىرىنىڭ بايراملىق كونسېرتى بىلەن داۋاملاشتى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇرۇش يىللىرى شاھىتلىرىنىڭ بىرى قۇرمانغالى مەسىموف، تالغىر ناھىيىسىنىڭ پەخرىي پۇقراسى، پېشقەدەم ئۇستاز ھوسمان ھاشىموف ۋە بەشياغاچ خانىم-قىزلار كومىتېتى ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى ئارزۇگۈل ھوشۇروۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.