قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساتىرا، يەنى ھەجۋىي ژانىرى ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تارتىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ، پەقەت 70-يىللىرى ئۇ مۇستەقىل بىر ئىجادىيەت ساھەسى، ئايرىم بىر ژانىر سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايان قىلالىدى.
يازغۇچىلار ئاساسەن سوۋېت جەمئىيىتىنىڭ قائىدىلىرىگە زىت كېلىدىغان كەمچىلىكلەرنى تەسۋىرلەشتىن تاشقىرى يەنە، كىشىلەرنىڭ مىجەز-خۇلقىدىكى نۇقسانلارنىمۇ تەنقىد قامچىسى ئاستىغا ئالدى. ئامما بۇ مەسىلىنى ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىچە چۈشەندى، بۇ ژانىر قائىدىلىرىگە ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىچە يانداشتى.
ساتىرا ژانىرى بۈگۈن قازاقىستاندىكى ھەجۋىيچى يازغۇچىلار تەسەۋۋۇرىدا نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى نېمىدە؟ جەمئىيەتتىكى رولى؟ قازاقىستاندىكى بۇ ژانىرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.