مەلۇمكى، 1941-يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدىن 1945-يىلنىڭ ماي ئېيىغىچە سوزۇلغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن جاسارىتى ئۈچۈن، بىر قاتار ئۇيغۇرلارمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى ئاتىقىنى ئالغان ئىدى. بۇ سوۋېت ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتا تەسىس قىلغان ئەڭ يۇقىرى ئاتاق بولۇپ، جەڭچىلەر، ئوفىتسېر ۋە گېنېراللارغا ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ۋە ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇلاتتى.
ئەنە شۇلارنىڭ بىرى داداش باباجانوف 1944-يىلنىڭ 7-ماي كۈنى سېۋوستوپول ئەتراپىدىكى ساپۇن تېغىنى ئېلىش ئۈچۈن بولغان جەڭگە قاتناشقان. ئۇ روتا كوماندىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېنىدىكى ئىككى جەڭچىنىڭ قازا بولغىنىغا قارىماي، بايراقنى تاغنىڭ چوققىسىغا تىكلىگەن ئىدى. شۇ جەرياندا ئۇ ئۈچ دۈشمەن سولدىتى بىلەن بىر ئوفىتسېرىنى ئەسىرگە ئالغان. بۇ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي كېڭىشىنىڭ 1945-يىل 24-مارتتىكى پەرمانىغا بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى نامى بېرىلدى. سۈلھى لۇتپۇللىن بولسا، 1943-يىلى ئوريېل-كۇرسك دوغىسىدا بولغان جەڭلەرگە قاتنىشىپ، تاماروفكا يېزىسىدا فاشىستلارنىڭ ئون تۆت تانكىنى ئۇجۇقتۇرغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئاتاققا مۇيەسسەر بولغان. ئەمدى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەنە بىر قەھرىمانى مەسىم ياقۇپوف دنېپر دەرياسى ئۈچۈن بولغان جەڭلەردە دۈشمەننىڭ تۆت تانكىسىنى ۋە ئوتتۇزغا يېقىن ئادىمىنى يوقاتقان. بۇ ئاتاق مەسىم ياقۇپوفقا پەقەت 1952-يىلى رەسمىي تاپشۇرۇلدى.
بۇ ئۈچ قەھرىمان قاتارىدا يەنە بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى مۆردۈن تېيىپوفنىمۇ ئاتاپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. ئۇ 316-پانفىلوفچىلار قىسمىدا موسكۋانى ھىمايە قىلىش ۋە بېلارۇسىيە، پرىبالتىكا، شەرقىي پرۇسىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە ھەم ۋېنگرىيەنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە، ئاندىن 1945-يىلى ياپونىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1995-يىلى مۆردۈن تېيىپوفقا سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىكى غالىبىيەتنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق قەھرىمانى ئاتىقى بېرىلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۇرۇش يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمان ئەسكەرلىرى بېسىۋالغان رۇسىيە، پرىبالتىكا، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە، كاۋكاز ۋە باشقىمۇ تېررىتورىيەلىرىنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشتى. بۇ جەرياندا مىڭلىغان ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ئۇرۇشتىن يېنىپ كەلمىدى. ئۇرۇش تۈگەپ، يەتمىش يىل ئۆتسىمۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئەدەبىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ئىشلار قىلىنىۋاتىدۇ.
40-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، بۇ كەڭ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، تاتارلار ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەن ھەربىي قىسىملارنىڭ جەڭچىلىرىمۇ بار ئىدى. شۇ يىللىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن غېنى باتۇر، نۇر باتۇر، رىزۋانگۈلگە ئوخشاش ئونلىغان قەھرىمانلار يېتىلىپ چىقتى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى 89 ياشلىق باتۇر ئەرشىدىنوف بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.