ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 60-ۋە 80-يىللار ئارىلىقىدا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن ئىسمى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەتتا پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر بولغان شەخسلەر يېتىلىپ چىققان ئىدى.
ئۇلار پارتىيە، دۆلەت، ئىگىلىك، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ تەشكىلچانلىق، رەھبەرلىك خىسلەتلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈندى. مەسىلەن، قازاقىستاننىڭ بىرىنچى كاتىپى ئىسمائىل يۈسۈپوف، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمى، مەشھۇر دىپلومات روبېرت تۇردىيېف، ۋىلايەتلىك ئىچكى ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى ئابدۇللام ھېزباقىيېف، شۇنداقلا پارتىيە ۋە ئىگىلىك رەھبەرلىرى مىرزىگۈل ناسىروف، ئازاد مەشۈروف، ھاشىم ئارزىيېف، ئىمەر بىلالوف، ئاتاقلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف، ئەمگەك قەھرىمانلىرى مەرىيەم نىيازوۋا، ئادالەت زەيناۋدىنوف، قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە جايلاشقان چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى قاراتۇرۇق ئىگىلىكىنى باشقۇرغان ئاۋۇت ساتتاروف يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ھەم سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ھەم ماھىر ۋە تەلەپچان رەھبەر، ھەم ئاجايىپ ئىنسان سۈپىتىدە يۇرتداشلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىدى.
بىز ئا. ساتتاروف ھەققىدە ئۇنىڭ يۇرتدىشى، پېشقەدەم ئۇستاز قاسىم ئىسمايىلوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.