قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى ئىككى يىللىق ھېساباتىنى بەردى

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرىنىڭ بىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا شەكىللەندى.

زىيالىيلارنى، تىجارەتچىلەرنى، دېھقانلارنى، خانىم-قىزلارنى، ياشلارنى ۋە باشقىلارنى ئۆز تەركىبىگە ئالغان بۇ تەشكىلات ئانا تىلنى، مىللىي مەدەنىيەتنى، مائارىپنى، ئەدەبىياتنى، سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ يىللىق تارىخىنى، ئەنئەنىلىرىنى تەرغىب قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىمۇ ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈندى.

بۈگۈنكى كۈندە، قازاقىستاننىڭ ئالماتا، ئاستانا، چىمكەنت، تاراز، تالدىقورغان، پاۋلودار قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆز شۆبىلىرىنى قۇرغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف رەھبەرلىكىدىكى قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بارماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەركەزنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف 2012-يىلى مەركەزنىڭ تەركىبى قىسمىدا يۈز بەرگەن بەزى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ھەممىمىزگە مەلۇمكى، 2012-يىلنىڭ 26-ماي كۈنى دوستلۇق ئۆيىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شاھىمەردان ئاكا نۇرۇموف جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئىدى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ش. نۇرۇموف ئالدىنقى رەئىسلەرنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر قاتاردا، كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزۈپلا قالماي، ئۆزىنىڭ ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. خەلقىمىز نۇرغۇن يىللار داۋامىدا جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ بىرلىشىپ، بىر مەقسەتتە بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ، بىرىنىڭ بوش قالغان يېرىنى بىرى تولدۇرۇپ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئارمان قىلىپ كەلدى. شۇ مەقسەت تۈپەيلى، 2013-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا كېلىشىمگە قول قويۇلدى. ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ‹بىرلىك› فوندىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاتاپ ئېيتقاندا، بۇلار بىرلىكتە شەھەر ۋە ناھىيىلەر ئېھتىياجلىرىغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەتلىك ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسا، قول ئاستىدىكى ئاكتىپلارنىڭ ھېسابات يىغىنلىرى دائىم پىلانلىق تۈردە ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.»

ز. قۇرۋانباقىيېف مەركەزنىڭ يېقىن ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن تاشقىرى يەنە شۇنداقلا مەركەز ئالدىدا تۇرغان بەزى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىمۇ ئاتاپ كۆرسەتتى.