ئاكادېمىك غوجاخمەت سەدۋاقاسوف ھايات بولسا، 85-باھارىنى قارشى ئالغان بولاتتى... (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر نامايەندىسى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، ئاكادېمىكى، كۆرنەكلىك ئالىم ۋە جەمئىيەت ئەربابى غوجاخمەت سەدۋاقاسوف ھايات بولغان بولسا ئۆزىنىڭ 85-ياشلىق تەۋەللۇدىنى قارشى ئالاتتى.

غ. سەدۋاقاسوف 1929-يىلى 15-ئىيۇندا ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1950-يىلدىن باشلاپ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىدا ئوقۇدى. 1957-يىلى ئۇ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ ياسىلىشى» تېمىسىدا نامزاتلىق، 1972-يىلى بولسا، «پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ۋە ئۇيغۇر، ئۆزبېك شېۋىلىرىنىڭ ئۆز- ئارا تەسىرى» تېمىسىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقلاپ چىقىدۇ ۋە 1975-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئالىم 1974-يىلدىن 1986-يىلغىچە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنى، 1986-يىلدىن 1991-يىلغىچە، يەنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى باشقۇردى.

خوجاخمەت سەدۋاقاسوف كۆپ قىرلىق ئىنسان ئىدى

ئالىمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى دىمىترىي ناسىلوف ۋە تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالېكسېي رېشېتوفلار «كۆپ قىرلىق ئىنسان ئىدى» دەپ ئاتالغان خاتىرە خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «غ. سەدۋاقاسوف كۆپ قىرلىق ئىلمىي پائالىيىتىدە فولكلور، ئېتنوگرافىيە، تارىخ، ئونوماستىكا ئوخشاش ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەلىرىدىمۇ ئۈنۈملۈك تەتقىقات يۈرگۈزگەن. ئۇ ئونلىغان خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىققا ۋاكالىتەن شەرقشۇناس ۋە تۈركىيشۇناسلار ئالدىدا مىللىي پەنىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەم ئىمكانىيەتلىرى بويىچە سالماقلىق ۋە يېڭى پىكىر-مۇلاھىزىلەرنى مەيدانغا ئاتتى. ۋەتەنپەرۋەر ئالىم بۇنىڭ بىلەن قانائەتلەنمەي، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىگە بېغىشلاپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش يولىدا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى.»

غ. سەدۋاقاسوفنىڭ 1962، 1967-ۋە 1970-يىللىرى ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش نەتىجىسىدە نەشر قىلىنغان ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت «پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى» ناملىق ئەمگىكى 1977-يىلى چۇقان ۋەلىخانوف نامىدىكى مۇكاپاتقا سازاۋەر بولدى. ئۇ ئۇيغۇر فىلولوگىيىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ باشقىمۇ ھەر خىل مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان 300دىن ئوشۇق ئەمگەكنىڭ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان دەرسلىكلەرنىڭ، لۇغەتلەرنىڭ ئاپتورىدۇر.

ئۇ، ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان پېشقەدەم ئالىم

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ۋالېرا مەخپىروف غ. سەدۋاقاسوفنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىشىنى خاتىرىلىگەندە شەخسەن مەن ئىككى نەرسىنى ئەسكە سالىمەن. بىرىنچىسى، بۇ كىشىنىڭ ئىنسانىي ئۇلۇغلۇقى. ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان پېشقەدەم ئالىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي راۋاجلىنىشىغا چوڭ ھەسسە قوشقان ئەرباب، قازاقىستان جامائەتچىلىكى ئىچىدە چوڭ ئابرۇيغا ئىگە، ۋەتىنىمىزنىڭ پېشقەدەم ۋەكىلى دەپ تىلغا ئالىمىز. ئىككىنچىسى، شۇنچىلىك ئابرۇيغا ئېگە بولغانلىقىغا قارىماستىن، ناھايىتى كىچىك پېئىل، كەمتەر بىر ئاكىمىز ئىدى. ئۇنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا بىزمۇ راھەت ئۆمۈر سۈرگەن ئىدۇق. ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئېچىلىپ، قىزغىن پائالىيەت كۆرسەتكەن ئىدى. ئامال قانچە، پەقەت بەش يىل ئىچىدە غوجاخمەت ئاكا شۇ ئىنستىتۇتنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىدى. 1991-يىلى ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ گۈلخانى ئۆچۈشكە باشلىدى. يەنە بىر قىزىق نەرسە، غوجاخمەت ئاكا 1991-يىلى 62 ياشقا كىرمەي ۋاپات بولدى. مېنىڭ يېشىم بۈگۈن ئۇنىڭكىدىن ئاشتى. بىراق بەرىبىر غوجاخمەت ئاكىنى ھازىرمۇ، كېيىنمۇ قەدىردان ئاكا سۈپىتىدە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. ئۇنىڭدەك ئۇلۇغ زاتلار ئارىمىزدا بۈگۈن يوق.»

زىيا سەمەدى: «ئۇنىڭ يوقلۇقى بارغانسېرى بىلىنمەكتە»

ئالىم غ. سەدۋاقاسوف ئىلمىي پائالىيەتتىن تاشقىرى يەنە جەمئىيەتلىك ئىشلارغىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا يېقىندىن ئارىلاشتى. مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ سەكسەنىنچى يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، ئۆتمۈش تارىخىنى ئۆگىنىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش، تىلىنى، مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئېگە بولغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يۆنىلىشتە ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتتى. ئەنە شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولۇپ غ. سەدۋاقاسوف سايلانغان ئىدى. شۇنداقلا ئۇ، ئالماتا شەھەرلىك يۇقىرى كېڭىشىگە ئۆزىنىڭ نامزاتىنى كۆرسەتتى. غ. سەدۋاقاسوف ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەسىلىلىرى بىلەن سوۋېتنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقان ئەربابلاردىن بولغان. بۇ ھەققىدە ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى ئۆزىنىڭ «يوقلۇقى بارغانسېرى بىلىنمەكتە» دېگەن خاتىرىسىدە غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى يۇقىرى باھالاپ مۇنداق دېگەن: «مەن ھېمىشەم غ. سەدۋاقاسوفنى ئېغىر-بېسىق، بەزىدە جىددىي، بەزىدە خۇش چاقچاقچى، مېھرىبان ئىنسان سۈپىتىدە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. مەرھۇم ھايات پەيتىدە خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي مائارىپىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەم-پاراسىتى، سالاھىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى يۇقىرى ئورۇنلارغا قويۇپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى. كەڭ خەلق ئاممىسىغا ياخشى تونۇش، ھۆكۈمەت ئالدىدا ئىناۋىتى بار، مەشھۇر كومپوزىتورىمىز مەرھۇم قۇددۇس غوجامياروف ئۈچىمىز ئۇيغۇرلار مۇئەممالىرى توغرىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە يولۇقۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالىمىزنى ئىزھار قىلغان چېغىمىزدا غوجاخمەت مەزمۇنلۇق ۋە دادىل پىكىرلەرنى بېرەتتى ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىشىغا تەشەببۇسكارلىق قىلاتتى.»