ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە شېھىتلار خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ قەبرىستانلىقىدا مەرھۇم شەخسلەرنى ياد ئېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. سۇلتانقورغان جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بىر يېرىم مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ئالدى بىلەن قۇرئان ئوقۇلۇپ، ئاندىن سۆزگە چىققان سۇلتانقورغان جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نىزام گارايېف مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈش سەۋەبلىرى، شۇنداقلا بىرلەشمىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

مۇراسىمدا شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالماتا شەھىرى مەركىزىي مەسچىتىنىڭ باش ئىمامى ئېسماغامبېت نۇربېك، سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قۇزىيېف، سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ باش يىگىت بېشى غەيرەت مەمەتالىيېف سۆزگە چىقىپ، بۇ خىل پائالىيەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتى، قەبرىستانلىقنى ئاسراش بويىچە قىلىنىۋاتقان ئىشلار، ئۆملۈك ۋە بىرلىك، يۇرتنىڭ باشقىمۇ مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلتانقورغان جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نىزام گارايېف مەزكۇر خاتىرە پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «1999-يىلى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە، يىتىم-يېسىرلارغا، ئېگىسىز قالغانلارغا ئاتاپ بىر نەزىر ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئارىلىقتا مانا ئون ئالتە يىل ئۆتۈپتۇ. جەمئىيەتلىك بىرلەشمىنىڭ چوڭ يىغىنىدا يەنە شۇنداق نەزىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. بۇ نەزىرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، ئاتۇ يىللىرى كۆپلىگەن دىنىي ئەرباپلىرىمىز ئېتىلىپ كەتتى. 1937-ۋە 1938-يىللاردىكى سىياسىي تەقىپلەشلەردە، 1941- ۋە 1945-يىللاردىكى ئۇرۇشتا قانچىلىغان ئادەملىرىمىز قىرىلدى. ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە 1949-يىلدىن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە، جۈملىدىن بارىن ۋەقەسىدە، 1997-يىلى، 2009-يىلدىكى ۋەقەلەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قۇربان بولدى، شۇنداقلا 1986-يىلى قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلىش يولىدا قانچىلىغان ياشلار قىرىلىپ كەتتى. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسكە ئېلىپ، شېھىت بولۇپ كەتكەنلەرگە ئاتاپ مۇشۇ نەزىرنى ئۆتكۈزدۇق. بىر يېرىم مىڭ ئادەمگە داستىخان يېيىپ، چوڭ دۇئا-تەكبىر ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭغا مەملىكىتىمىزنىڭ باش مۇفتىسى كەلمەكچى ئىدى، ئامما ئاخىرقى ئىككى-ئۈچ سائەت ئىچىدە بىر سەۋەبلەر بىلەن كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ نەزىرگە ئالماتا شەھىرىنىڭ باش ئىمامى باشلىق يەتتە ئىمام كەلدى.»

مەلۇمكى، سۇلتانقورغان مەھەللىسى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بەرپا بولغان ئىدى. چار رۇسىيەسى ئەمەلگە ئاشۇرغان قوراللىق باسقۇنچىلىق نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى مۇستەقىل ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقى يوقىتىلدى. رۇسلار ئىلىنى ئون يىل ئىشغال قىلىپ، ئۇ خىتاي قول ئاستىغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرقى ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى ئەلاخان ئەبىل ئوغلىنىڭ قەبرىسى ئەنە شۇ سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان. بۇ يەرگە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئاتاقلىق شەخسلەر، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ سابىق بىرىنچى كاتىپى ئىسمائىل يۈسۈپوف، دىنىي زاتلاردىن پىرمۇھەممەت قۇزىيېف، تۇردىيېف ئەيسا ھاجىم، قادىر ھاجىم، ئۆمەر ھاجىم، شائىرلاردىن ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، سەنئەتكارلاردىن ئابدۇرېھىم ئەخمەدىيېف، نىزامىدۇن كىبىروف، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى لىدېرلىرىنىڭ بىرى دىلبىرىم سامساقوۋا، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيە كاپىتانى ماخمۇت پارماشېف، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى، ئافغان ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرى دەپنە قىلىنغان.