ئالماتا ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموف نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

18-ئىيۇندا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموف نامىدىكى ئىجادكارلار ئارا مۇسابىقىنىڭ يەكۈنى چىقىرىلدى.

مەزكۇر مۇسابىقە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ شەرتلىرى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا گېزىت بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. شەرت بويىچە ئۇنىڭغا ھەم ھېكايە، ھەم پۇبلىستىكىلىق ماقالە بىلەن قاتنىشىش مۇمكىن بولۇپ، ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكى يۇقىرى، بۈگۈنكى كۈن ماۋزۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى شەرت، دەپ تېپىلغان ئىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ يەكۈنىنى مەخسۇس كومىسسىيە قازاقىستان مەتبۇئات كۈنى ھارپىسىدا چىقىرىش، ئەڭ ياخشى دەپ تېپىلغان ئەسەر مۇئەللىپلىرىنى 50 مىڭ تەڭگىدىن ئاخچىلىق مۇكاپات ۋە مەخسۇس پەخرىي يارلىق بىلەن تەقدىرلەش كۆزدە تۇتۇلغان.

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مەزكۇر يىغىنغا شائىر ۋە يازغۇچىلار، ئالىملار، ژۇرنالىستلار ۋە مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى. ئۇنى ئاچقان كېڭەش باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى ت. توختەموفنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ھەم ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان گېزىت كوللېكتىپى ھەم ت. توختەموفنىڭ ئائىلىسىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ئەدەبىيات ۋە مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شەمشىدىن ئايۇپوفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسابىقە ئېلان قىلىنىپ، گېزىت رېداكسىيىسىگە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيىلىرىدىن ئابلىمىت مەردانوفنىڭ «يامىنىمىزنى زامانغىلا ئارتىپ قويمايلى، قېرىنداشلار»، نۇرەخمەت ئەخمەتوفنىڭ «بىر پۇرسەت ۋە بىر ئۆمۈر»، ھاسىل ئابدۇرىھىموفنىڭ «نەدىسەن، مېنىڭ بالىلىقىم»، ئابدۇخالىق ماخمۇتوفنىڭ «كېپىلسىز كېلىن» ۋە ئەكرەم سادىروفنىڭ «ئانىنىڭ كۆز يېشى» ناملىق ئەسەرلىرى كېلىپ چۈشكەن.

ش. ئايۇپوف مۇسابىقىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىز ياشلار تەۋرىنىپ كېتەمدېكىن دەپ، ئۇلاردىن كۆپ ئۈمىد كۈتكەن ئىدۇق. سەۋەبى ھازىر چوڭ ئەۋلاد بىلەن ياش ئەۋلادنىڭ ئارىسىدا بىر بوشلۇق پەيدا بولدى. خۇداغا شۈكرى، چوڭ يازغۇچىلىرىمىز سالامەتلىكىگە قارىماي، مۇشۇ ئەدەبىياتىمىز يوقاپ كەتمىسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن، دەپ يېزىۋاتىدۇ. بىراق شۇلارنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغان، ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋارىسلىق يىپى ئۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز ئەنە شۇ يىپ ئۈزۈلمىسە ئىكەن، پىلدىرلاپ تۇرغان چىراغ يانسا ئىكەن دېگەن مەقسەت بىلەن ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. ئەپسۇس، ئۇنىڭغا ياشلار قاتناشمىدى. شۇنداقتىمۇ بىز ھېچ كىمنىڭ كۆڭلىنى قالدۇرماسلىققا تىرىشتۇق. قازىلار ھەممىمىز قاراپ چىقتۇق. ئىككىنچى تەرىپى، ھەر بىر ماقالە چىققاندا گېزىتخانىلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئىناۋەتكە ئالدۇق. نۇرغۇن پىكىرلەر كەلدى.»

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ت. توختەموف نامىدىكى بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ئىجادكارلارنى جەلپ قىلىشنىڭ يوللىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇسابىقە قازىلىرىنىڭ قارارى بويىچە ن. ئەخمەتوف، ئا. مەردانوف، ئا. ماخمۇتوف ۋە ئە. سادىروفلار مەخسۇس دىپلوم ۋە ئاخچىلىق مۇكاپات بىلەن، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ ئاۋات يېزىسى تۇرغۇنى ھ. ئابدۇرىھىموف باش مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەندى.
ھ. ئابدۇرىھىموف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئىجادكارلار ئارىسىدا ئالاھىدە تەۋرىنىش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تۇرغان ئاكىنىڭ بالىلىق ۋاقتى ئۇرۇش يىللىرىغا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇ شۇ يىللاردىكى ئېغىرچىلىقلارنى كۆرۈپ چوڭ بولدى. مېنىڭ بالىلىق چېغىم 60-يىللارغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ يىللاردا ئۇرۇشنىڭ يارىسى ساقىيىپ كەتمىگەن ئىدى. تۇرغان ئاكا ئەسەرلىرىدە ئاتاپ كەتكەن تاغلار مەلىمىزدە بار ئىدى. ئۇرۇشتا قولىدىن، ئايىقىدىن، كۆزىدىن ئايرىلغان كىشىلەر مېنىڭمۇ كۆزۈمدىن كەتمىگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ھېكايەمنى ‹نەدىسەن، مېنىڭ بالىلىقىم› دەپ ئالدىم. ئادىل قازىلار ھېكايەمگە باھا بېرىپ، شۇ مۇسابىقىنىڭ غالىبى ئاتىلىپ ئولتۇرىمەن. رەھمەت دەيمەن ھەم ئەنە شۇ يازغان ئازدۇ-تولا ئەمگىكىم بىلەن تۇرغان ئاكىنىڭ روھىنى خۇش قىلالىدىم، دەپ ئويلايمەن.»

ش. ئايۇپوف ھ. ئابدۇرىھىموفنىڭ مەزكۇر ھېكايىسى ئېلان قىلىنىپ، ناھايىتى كۆپ ئىنكاسلارنىڭ بولغىنىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەسەر ‹نەدىسەن، مېنىڭ بالىلىقىم› دەپ ئاتىلىدۇ، سەۋەبى ئۆتمۈشتىكى ئەھۋاللار بۈگۈن قانداق بولۇۋاتىدۇ، بۇرۇن بىز چوڭلارنى قانداق قەدىرلىگەن بولساق، ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىمىز قانداق بولغان بولسا، ھازىر قانداق، نەگە كېتىپ بارىمىز دېگەن نەرسىلەر بىلەن يېزىلغان. نۇرغۇن پىكىرلەر كەلدى. بىز شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىناۋەتكە ئېلىپ، باھالىدۇق. مەن مۇشۇ بەش ماقالىنىڭ مۇئەللىپلىرىگە قازىلار نامىدىن مىننەتدارلىقىمنى ئىزھار قىلىمەن.»

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف مۇنداق مۇسابىقە بىرىنچى مەرتەم ئۆتۈۋاتقاچقا بەزى كەمچىلىكلەرنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى، يىغىندا ئېيتىلغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، كېلەچەكتە مۇسابىقىنى باشقىچە شەكىلدە ۋە مەزمۇندا ئۆتۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، بولۇپمۇ ياشلارنى كۆپرەك جەلپ قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭغا ئوخشاش باشقىمۇ مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇرۇن بىر نەچچە ئادەمگە مۇراجىئەت قىلىپ باقتۇق. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئويلىنىپ قالغانلارمۇ بار. بىراق ت. توختەموفنىڭ ئوغلى تۇغلۇق بىزنىڭ تەشەببۇسىمىزنى بىردىنلا قوللاپ، يېقىندىن ئارىلاشتى. كېلەچەكتە، مەسىلەن، دولقۇن ياسېنوف نامىدىكى پۇبلىسىستلار ئارىسىدا مۇسابىقە قىلغىلى بولىدۇ. ژۇرنالىستلار ئارىسىدا تۇداخۇن نەزەروف، قاسىم مەخسۈتوف نامىدىكى مۇكاپاتلار ئۆتكەن يىلى تەستىقلاندى. ئۇلارنىڭ ۋەدىسى ئورنىدا بولسا، بۇ يىلى داۋام قىلىدۇ.»

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆز سۆزلىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن يازغۇچىلارنى خاتىرىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ ھازىر ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش، تەۋەللۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئوخشاش ھەر قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ت. توختەموفنىڭ ئائىلىسىدەك ئائىلىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.