19-ئىيۇلدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئادېليا» رېستورانىدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى، تونۇلغان ئالىم ۋە يازغۇچى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ يەتتە نەزىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىمغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يۇرتداشلىرى بولۇپ، 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەۋج ئالغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان زىيالىيلار ئىچىدە زىيا سەمەدى، مەسىمجان زۇلپىقاروف، باتۇر ئەرشىدىنوف قاتارلىق شەخسلەرنىڭ بولغانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدىن باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئۆزىگە خاس ھايات يولىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي-ئازادلىق قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، 1946-يىلى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ھەربىي خىزمەتكە چاقىرتىلىپ، مىللىي ئارمىيە باش شتابى قارمىقىدا ئېچىلغان بايانداي ھەربىي مەكتىپىدە، ئاندىن غۇلجىدىكى باش شتابتا بىر يىل، ئاندىن بايانداي ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىككى يىل ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. قەھرىمان غوجامبەردى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن يەنىلا مىللىي ھەرىكەت يولىدا تىنماي ئىشلىگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ھەقتە ئىلمىي تەتقىقات يۈرگۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۆزگە چىققان يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف بولسا، باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇش جەريانىدا كۆپلىگەن شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ، ئۈمىد-ئىشەنچلىرىنىڭ ئەكس ئېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى يازغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشىنى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، باتۇر ئەرشىدىنوف 1961-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، دەسلەپتە ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا، ئاندىن 1986-يىلدىن كېيىن، يەنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېنىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوف شۇ ۋاقىتتا غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، تۇغلۇقجان تالىپوف، ساۋۇت موللاۋۇتوف، گېگىل ئىسقاقوف، پاتىگۈل سابىتوۋا، شېرىپئاخۇن باراتوف، ماھىنۇر ئەلىيېۋاغا ئوخشاش تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن بىر سەپتە بولغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، فولكلورشۇناس گۈلبەھرەم مولوتوۋا باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا يۈرگۈزگەن پائالىيىتىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى ئاساسەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن، يەنى ئېنىقراق ئېيتقاندا 1986-يىلدىن تارتىپ باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئېچىلىپ، باتۇر ئاكا شۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلىدى. ئۇ ھەم فولكلورشۇناس ھەم ئەدەبىياتشۇناس تەتقىقاتچى بولغانلىقتىن، ھەر ئىككى يۆنىلىشتە ئىش ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا قوشقان تۆھپىسىنى 1988-يىلى نەشر قىلىنغان ‹ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ ئانتولوگىيەسى› ناملىق ئەمگەكتىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدىن نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قوشاق، داستان ۋە مەسەللەرنى باتۇر ئاكا تەييارلىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ شۇ چاغدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەييارلاپ، نەشر قىلغان تۈنى ئەمگەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باتۇر ئەرشىدىنوف داستانلار ئۈستىدە ئىشلەشتە قوليازمىلارغىمۇ مۇراجىئەت قىلغان. ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى قوليازمىلار فوندىدا ساقلىنىۋاتقان ‹يۈسۈپبەگ-ئەھمەتبەگ› داستانىنىڭ قوليازمىسىنى نەشر قىلغان. باتۇر ئاكا ئەدەبىياتشۇناسلىقتىن تاشقىرى باشقا يۆنىلىشلەردىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىلمىي توپلاملاردا، مونوگرافىيەلەردا، مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. باتۇر ئاكىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ خەلق داستانلىرى بويىچىمۇ مۇكەممەل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى ھەم ئۇلارنى نەشر قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى».
گۈلبەھرەم مولوتوۋا ئالىمنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلاردا دائىم يېڭىلىق تېپىشقا ئىنتىلىپ، فولكلور ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ تېخى تەتقىق قىلىنمىغان سەھىپىلىرىدىن كۆرۈنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «باتۇر ئاكا كەڭ تۈركشۇناسلار ئارىسىدا داستانشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس ۋە مۇقامشۇناس سۈپىتىدە كەڭ تونۇلغان. ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ ‹ئون ئىككى مۇقامى› مەسىلىلىرى بويىچە شۇغۇللىنىپ، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى ياراتتى. ‹ئون ئىككى مۇقام› ئەمگىكىمۇ يورۇق كۆرگەن. باتۇر ئاكا بولۇپمۇ خەلق داستانلىرىنى توپلاش، ئېلان قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1988-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەستىقلىغان ‹ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ئىجادىيىتىدە داستان ژانىرى› مونوگرافىيەسىدە ئالىم 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ياشاپ، ئىجاد ئەتكەن ئابدۇرېھىم نىزارى، نورۇزاخۇن زىيائىي ۋە تۇردى غەرىبىلارنىڭ شەرق ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىدە يېزىلغان «مۇھەببەت داستانلىرى» توپلىمىغا كىرگەن ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلدى ۋە 2003-يىلى ‹داستانلار دۇنياسىغا ساياھەت› ناملىق يەنە بىر مونوگرافىيەسىنى يورۇققا چىقاردى. خەلق داستانلىرى بىزدە ئاز تەتقىق قىلىنغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ ئىشەنچىم كامىلكى، كېلەچەك تەتقىقاتچىلار ئالىم باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ».
ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، باتۇر ئەرشىدىنوف ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ «ئون ئىككى مۇقام» مىراسىدىن ياخشى خەۋەردار، شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئارۇز ۋەزنى، چاچما شېئىر ئوخشاش شېئىرىي ئۆلچەملىرىگە چوڭقۇر ئانالىز بېرەلەيدىغان ئالىم بولغان ئىكەن. باتۇر ئەرشىدىنوف شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر، شۇلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى بويىچىمۇ بىلىمى يېتۈك ئالىملارنىڭ بولغان. خالمىنەم مەسىموۋا مۇنداق دېدى: «باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، قەدىمىي مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ھەم شۇ جەرياندا ھاياتتىن ئۆتكەن ئۇلۇغ نامايەندىلىرى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئۇلۇغ مىراسى، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى، دىنىي ئېتىقادلىرى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئۇنىڭ ئۈچ توملۇق ‹ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۇر تارىخى› ناملىق مونوگرافىيەسىدە يورۇتۇلغان. بىز باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ پەقەت خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتىلا ئەمەس، بەلكى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى بويىچىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. ئۇ كېيىنكى 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى قانچىلىك مۇكەممەل تەتقىق قىلغان بولسا، 20-ئەسىردە ئىجاد قىلغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زۇنۇن قادىرىي، تېيىپجان ئېلىيېفقا ئوخشاش تونۇلغان شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى شۇنچە چوڭقۇر ئۆگەنگەن ئىدى. باتۇر ئاكا بۇنىڭدىن تاشقىرى ئەدەبىيات نەزەرىيەسى مەسىلىلىرى، شۇلار ئىچىدە قىسسە، رېئالىزم، رومانتىزم، كومېدىيە ئوخشاش بىر قاتار چۈشەنچىلەرنىڭ نەزەرىيەۋى مەسىلىلىرىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. باتۇر ئاكا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل بىلىمىنى ۋە كۈچ-غەيرىتىنى پەقەت ئەدەبىياتلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەپەككۇرىنى تەتقىق قىلىشقىمۇ سەرپ قىلدى.
باتۇر ئەرشىدىنوف پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، تەتقىقات ئىشلىرىنى توختاتماي، يەنە ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان. ئۇ كېيىنكى يىللىرى «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «20-ئەسىر ئۇيغۇرىستان نامايەندىلىرى»، ئۈچ توملۇق «ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۇر تارىخى» ناملىق مونوگرافىيەلىرىنى ئۆز خىراجىتىگە نەشر قىلىپ، تارقاتقان.
0:00 / 0:00