ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 70 - يىللىرىدىن 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان قىسقا ئارىلىقتا قازاقىستاندا كەڭ تونۇلغان ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ بىرى داۋۇت ئىسىيېفتۇر. ئۇ 1972 - يىلى مەشھۇر سوۋېت خىتايشۇناس ئالىمى لازار دۇماننىڭ رەھبەرلىكىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (1864 - 1878). يەتتىشەر دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى» ماۋزۇسىدا نامزادلىق دىسسېرتاتسىيىسىنى ئۇتۇقلۇق ياقىلاپ چىققان.
د. ئىسىيېف ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمەن قەدىمىي ۋە يېقىنقى دەۋىردىكى تارىخى، ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان دىنلار، ئۇيغۇرلارنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئېلىپ بارغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەققىدە بىردەك تەتقىقات ئېلىپ بارغان تارىخچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى كۆپلىگەن ئالىملاردا زور قىزىقىش ھاسىل قىلغان ئىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەھەت كامالوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن، يەنى نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوفنىڭ ئالماتادا يورۇق كۆرگەن «ئىلى تارانچى تۈركلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق تارىخىي ئەمگىكىدىن باشلاپ يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ چوڭ بىر گۇرۇپپىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، شۇلارنىڭ بىرى د. ئىسىيېفنىڭ ئۇيغۇر تارىخ ئىلىمىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «داۋۇت ئىسىيېفنىڭ ئىلمىي مەنپەئەتلىرى ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەتتىشەر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى بويىچە چوڭ تەتقىقات يازغان تۇنجى ئالىم بولۇپ، بۇ كىتاب رۇس تىلىدا 1981 - يىلى موسكۋادا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل مەملىكەتلەرنىڭ ئالىملىرىنىڭ قىزىقىشىنى پەيدا قىلدى.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، د. ئىسىيېفنىڭ تۆھپىسى شۇنىڭدا بولدىكى، ئۇ يەتتىشەر دۆلىتىنىڭ پادىشاسى ياقۇپبەكنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ قوقەنتلىق بولغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەملىكىتى بولغانلىقىنى دەلىللىدى. ئالىمنىڭ بۇ مەملىكەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى رۇس ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى ئانالىز قىلىشقا ۋە ھەر خىل تىللاردىكى تارىخىي ئەدەبىياتنى ئۆگىنىشكە ئاساسلانغان ئىدى. ئەمگەكتە يەتتىشەر دۆلىتى مەسىلىسى بويىچە خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى تەنقىد قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قاراشتۇرۇلغان، يەتتىشەر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۆگىنىلگەن، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلۈشى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى تەتقىق قىلىنغان ھەم ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشلانغان ئۆزگەرتىپ قۇرۇش دەۋرىدە د. ئىسىيېف بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەييارلاپ، ئۇنى 1990 - يىلى نەشر قىلدى. بۇ جەھەتتە ئاپتور يەتتىشەر دۆلىتىنى ئۆگىنىش مەسىلىسىگە قوشۇمچىلار كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ تارىخى بىلەن تولۇقلىدى.»
ئا. كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، د. ئىسىيېف 70 - يىللىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن ئۆگىنىپ، 1976 - يىلى مەرۈپ مەمەتوف بىلەن بىرلىكتە «بەيرەمەلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ناملىق كىتابنى يورۇققا چىقارغان ئىدى. مەزكۇر كىتاب بۈگۈنكى كۈنگىچە تۈركمەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىكى بىردىن - بىر چوڭ ئەمگەك بولۇپ قالماقتا. ئا. كامالوف د. ئىسىيېفنىڭ كېيىنكى يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تارىخىغا مۇراجىئەت قىلىپ، مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاش ئالدىدا، يەنى 1991 - يىلى ئالماتا، موسكۋا ۋە لېنىنگراد تارىخچىلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىقارغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەمگەك ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا د. ئىسىيېفنىڭ «فېئودال مەملىكەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى» ناملىق بابىنى يازغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئا. كامالوف تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق فاكۇلتېتىنىڭ خىتاي بۆلۈمىدە ئوقۇۋاتقان پەيتىدە د. ئىسىيېفنىڭ ئەنە شۇ يەتتىشەر دۆلىتى ھەققىدىكى كىتابى بىلەن تونۇشۇپ، قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «داۋۇت ئاكا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - ۋە 1990 - يىللىرى ئىلىمغا بىر توپ ياش ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. ئۇ ۋاقىتلاردا، يەنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئىشلەۋاتقان پەيتتە، ھەقىقەتەنمۇ ياشلار ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىلىپ، پەقەت تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە ساھەسى بويىچىلا بىر قاتار تارىخچىلار يېتىلىپ چىقتى. ئۇلارغا ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلەۋاتقان داۋۇت ئىسىيېف، گېگېل ئىسقاقوف، رۇقىيەم خوجايېۋا، مۇنىر يېرزىن، تېخى يېڭىدىنلا پەن نامزىتى دەرىجىسىنى ئالغان گالىنا باراتوۋا، رىسالەت كەرىموۋا، ئەكرەم ئەنىۋەروف ئوخشاش ئالىملارمۇ ئۇستازلىق قىلىشقا باشلىدى. بىز، ياشلار، ئۇ چاغلاردا ئەنە شۇلارنىڭ قانىتى ئاستىدا ئۈستۈن كەيپىيات ۋە كېلەچەككە زور ئۈمىدلەر بىلەن ئىشلەتتۇق. ئەلۋەتتە، مىڭ ئەپسۇسكى، ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئارىمىزدا يوق. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇق مىراس دائىم بىزنى يەنىلا ئۈمىدلەندۈرىدۇ. شۇ جۈملىدىن داۋۇت ئاكا ئىسىيېفنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتماي، دائىم بىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىمىزدا كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىلىۋاتىدۇ. مەن داۋۇت ئاكا بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى توغرىسىدا سائەتلەپ قىلغان سۆھبەتلىرىمنى پات - پاتلا ئەسلەيمەن.»
ئا. كامالوفنىڭ پىكرىچە، د. ئىسىيېف ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ 5 - ، 8 - سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغان «ئۇيغۇر تارىخى» كىتابىدا قەدىمىي دەۋىرلەردىن باشلاپ تا موڭغۇل دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ماكانلىغان يەرلەرنىڭ تارىخى يورۇتۇلغان بولۇپ، بۇ كىتاب قازاقىستان ئۇيغۇر تارىخ ئىلىمى بويىچە چوڭ مۇۋاپپەقىيەتكە ئىرىشكەن. د. ئىسىيېف شۇنداقلا ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق توپلاملىرىدا، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماتېرىياللىرىدا ۋە باشقىلاردا ئورۇن ئالدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ، ئا. كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش مەسىلىلىرى بويىچە شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بۇ تەتقىقاتلىرىنى ئايرىم كىتاب قىلىپ نەشر قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاتار خەلقىنىڭ پەرزەندى، پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناس تارىخچى مۇنىر يېرزىن د. ئىسىيېفنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشكە بار كۈچ - غەيرىتىنى سالغانلىقىنى، ئاساسىي دىققىتىنى ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرىشىنى تەتقىق قىلىشقا سەرىپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ بۇ ئىشلىرىنى داۋام قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىكى بويىچە ئىشلىدى. ئورخون - يېنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، پەيدا بولغان ئۇيغۇر دۆلەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا جىددىي كىرىشتى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ، تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇتى، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە قاراخانىيلار مەملىكىتى تارىخى بويىچىمۇ ئىشلىدى ۋە بىر قانچە ئەسەرلىرىنى دۇنياغا كەلتۈردى. د. ئىسىيېف سالامەتلىكى يار بەرگەن ۋاقىتتا يەنىمۇ كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشى تۇرغان گەپ ئىدى. ئۇنىڭ يېزىپ كەتكەن تارىخىنى ئۆگىنىش ھازىرقى ئەۋلادنىڭ ۋەزىپىسى.»
0:00 / 0:00