قازاقىستاندىكى «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارالىق قازاق ئىجادىي تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغىمۇ نەزەر ئاغدۇرماقتا

0:00 / 0:00

2009-يىلى ئالماتا شەھىرىدە قۇرۇلغان «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارالىق قازاق ئىجادىي تەشكىلاتى بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئارىسىدا دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەشتە، ئۇلارنىڭ مائارىپىنى، ئىلىم-پەنىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى تەرغىب قىلىشتا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنى ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېنىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، پروفېسسور ئابېن نۇرمانوف باشقۇرماقتا. مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ھەر خىل شەھەرلىرىدە ۋە چەتئەللەردە، بولۇپمۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلارنى جەلپ قىلغان ھالدا، فېستىۋاللار، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، مۇسابىقىلەر ئوخشاش تۈرلۈك ماۋزۇلاردا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

بىز بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ ئورۇنباسارى تۇرسۇن رازىيېف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

-تۇرسۇن ئاكا، ئالدى بىلەن مۇشۇ تەشكىلات ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ كەتسىڭىز.

-بىزنىڭ تەشكىلاتتا 20 بۆلۈم بار. مەسىلەن، خەلقئارالىق مۇئەللىملەر ئىتتىپاقىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەزا بار. بىز مۇئەللىملەر بىلەن ھەر يىلى ئىلمىي مۇھكىمە يىغىنلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ يېڭىلىقلىرىنى تونۇشتۇرىمىز. يازغۇچىلار ئىتتىپاقى بار. ئۇنىڭغا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان يازغۇچىلار ئەزا بولالايدۇ. بۇ ئىتتىپاقتىمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كۆپ. ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇشائىرىدە بىرىنچىلەردىن بولۇپ تېلمان نۇراخۇنوف، ئىمىنجان توختىياروف، مولۇتجان توختاخۇنوفلارغا شولوخوف نامىدىكى مېدالنى تاپشۇردۇق.

-بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق؟ ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرى بارمۇ؟

-2009-يىلدىن تارتىپ بىزنىڭ باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى چاقىرغان بارلىق ئىشلارغا قويۇق ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، 2009-يىلى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئۆتكەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى نامايىشىغا باشلىقىمىز ۋە تەشكىلاتىمىز باشقارمىسىنىڭ ھەممە ئەزالىرى قاتنىشىپ، كېيىن ئۆز پىكىرلىرىنى قازاق گېزىتلىرىدا ئېلان قىلدى. ئا. نۇرمانوف شۇنداقلا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 150 يىللىقىغا، مۇسابايېفلارغا بېغىشلانغان، تىياتىر، مەدەنىيەت مەركەزلىرى يىغىنلىرىغا دوكلاتلار بىلەن سۆزگە چىقىپ، قازاق ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلدى.

-تۇرسۇن ئاكا، سىلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتىڭلار ئاساسەن قەيەرلەردە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

-ھەر بىر ئوبلاستتا ئۆز باشلىقلىرىمىز بولۇپ، ئاساسەن يېزا ياشلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. سەۋەبى ئەڭ تالانتلىق، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاپ كېلىۋاتقان يېزا بالىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاساسەن يېزىدا قازاق مىللىي سازلىرى، ناخشىلىرى، ئۇسسۇللىرىغا قوشۇمچە 130 مىللەت ۋەكىللىرى سەنئەت فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.
-كېيىنكى يىللاردا ئۆتكۈزگەن ئىش-پائالىيەتلىرىڭلارنى ئاتاپ كەتسىڭىز.

-2014-يىلى ئابدۇمېجىت دۆلەتوفنىڭ 65 يىللىقىغا بېغىشلانغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىلى مانا يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىۋاتىدۇ. كېلەر يىلى شائىرىمىز ئىلىيا بەختىيانىڭ 85 يىللىقى. شۇنىڭغا ھازىردىن باشلاپ مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.

-سىلەر ئۆتكۈزۈۋاتقان مۇنداق پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇر بالىلىرى پات-پات قاتنىشىپ تۇرامدۇ؟

-ھەممە يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، 2011-يىلى تۈركىستاندا ئۆتكەن مۇسابىقىگە 212 بالا قاتناشتى. شۇلاردىن مۇكاپات ساھىبى بولغان 21 بالا ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر قىزى بار. ئىلمىي تەرەپتىنمۇ بالىلىرىمىز خېلە قاتنىشىشقا باشلىدى. بىز ھەر ۋاقىتتا باشقا مىللەتلەردىن قالماڭلار، ھەممە مىللەتلەر ئۆتكۈزۈۋاتقان خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىڭلار دەپ، تەشۋىق قىلىمىز.

-مۇنداق تەشۋىقاتلار بىرەر نەتىجە بەرگەندۇ؟

-مەسىلەن، ياركەند شەھىرىنىڭ 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى رۇسلان ھېتاخۇنوف 2015-يىلى ئۆتكەن چوڭ ئىلمىي يىغىندا باش مۇكاپات ئالدى. ئۇنىڭغا 185 بالا قاتناشقان. ئۇ ئايفون تېلېفونىنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنىنى يېزىپ چىقىپتۇ.

-ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ئىلمىي ئىشلىرىنى ئانا تىلىدا يازامدۇ، قانداق؟

-بۇ يىلى بىرىنچى قېتىم جۇمھۇرىيەت بويىچە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلدۇق. مۇنداق مۇسابىقە بۇ يىلى ياركەندتە جامبۇل مەكتىپىدە ئۆتتى.

-ئەمدى چەتئەللەردىمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرامسىلەر؟ شۇ ھەقتە توختىلىپ كەتسىڭىز.

-يېقىندىلا بىشكەك شەھىرىدە قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا ھەم يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلاپ خەلقئارالىق فېستىۋال ئۆتكۈزدۇق. ئۇنىڭغا ھەر بىر تۈركىي خەلقتىن ئوقۇغۇچىلار كەلدى. بىزنىڭ مىللەتتىن ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ ئاۋات ۋە مالىۋاي مەدەنىيەت ئۆيلىرىنىڭ سەنئەتكارلىرى قاتنىشىپ، ساز ژانىرىدا ئاۋات يېزىسىنىڭ بالىلىرى باش مۇكاپاتنى يېڭىۋالدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تىنچلىق دۇنياسى» تەشكىلاتى خەلقئارا دوستلۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خەلقئارا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئابلەي دۆلەتوف مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىنىڭ خەلقئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش ھەم دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق قەدرىيەتلىرىنى تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «نۇرمانوف ئابېننىڭ ئارقىسىدا بىز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن كۆپلىگەن ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. خەلقئارا دوستلۇققا بېغىشلانغان مۇراسىملارنى ھەر بىر مەكتەپتە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بىز قازاقىستاندا بولغانلىقتىن مۇشۇ قازاق خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن. تارىخنى كۆتەرسەكمۇ، ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى جۇڭغارلار، موڭغۇللار ۋە باشقىلار بىلەن سوقۇشقان ئىكەن، بىراق قازاق ۋە ئۇيغۇر سوقۇشتى دېگەن سۆز تارىخ بېتىدە يوق. بىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى بارلىق خەلقلەر بىلەن يىغىمىزنىڭمۇ، كۈلكىمىزنىڭمۇ بىرگە بولۇشىنى ياشلىرىمىزغا ئېيتىۋاتىمىز.»

ئۆزىنىڭ رۇس مەكتىپىدە ئوقۇغانلىقتىن ئەنە شۇ تىلدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى يورۇتۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى تەشكىلات ئىشىنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابلەي دۆلەتوف «مەن كىم؟»، «مېنىڭ تاغلىرىم»، «قېنى، دوستۇم، سۆزلىشەيلى»، «مەن ئۇيغۇر» ناملىق بىر نەچچە شېئىرىي توپلاملارنىڭ ئاپتورىدۇر.