مەلۇمكى، قازاقىستاندا 80 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى 1934-يىلى «كۆك كۆڭلەكلەر» بەدىئىي ھەۋەسكارلار گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيىتى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى.
مەزكۇر سەنئەت دەرگاھىنىڭ ھۇلىنى سېلىشقا ۋە ئۇنىڭ گۈللىنىشىگە جالالىدىن ئاسىموف، ئابدۇلھەي سادىروف، ئەخمەت شەمىيېف، مەرىيەم سېمەتوۋا، روشەنگۈل ئىلاخۇنوۋا، مەخپىر باقىيېف، سۇلتان رەزەموف، غوپۇر قادىرھاجىيېف، توختاخۇن بەختىبايېف، رىزۋانگۈل توختانوۋا قاتارلىق كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئارتىسلار، كومپوزىتورلار، سازەندىلەر، ئۇسسۇلچىلار، ناخشىچىلار ئالاھىدە تۆھپە قوشتى.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قازاقىستان خەلق ئارتىسى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى دېگەن يۇقىرى ئاتاقلارغا ئېرىشكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.
ئۇيغۇر تىياتىرى رەھبەرلىكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن تارتىپ تىياتىرنىڭ ئىجادىي كوللېكتىپىنى تالانتلىق ياشلار بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. تىياتىر رېژىسسورى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى يالقۇنجان شەمىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پايتەختى ئالماتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان مەخسۇس ئوتتۇرا ۋە ئالىي سەنئەت ئوقۇش ئورۇنلىرى بۇ جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان.
ي. شەمىيېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تىياتىرىنى ياش مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەمىنلەشتە تۇغۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.
- يالقۇنجان ئاكا، تىياتىرنىڭ دائىم يېڭى كادىرلارغا، ياش تالانتلارغا موھتاج بولۇپ كەلگەنلىكى ئېنىق. مۇشۇ مەسىلىنى تىياتىر رەھبەرلىكى قانداق ھەل قىلىپ كەلدى؟
- بىز تىياتىر ئىنستىتۇتلىرىغا مۇراجىئەت قىلىمىز. مەسىلەن، ئۆز ۋاقتىدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىغا مۇراجىئەت قىلاتتۇق. ھازىرمۇ بىزگە يېڭى كادىرلار كېرەك بولسا، ئالماتادا چايكوۋسكىي نامىدىكى، ئېلېبېكوف نامىدىكى سەنئەت مەكتەپلىرى، ئاساسەن جۇرگېنوف نامىدىكى سەنئەت ئاكادېمىيىسى بار. 1988-يىلى مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ مۇدىرى يېسمۇخان ئوبايېف بىزگە مۇشۇنداق مۇمكىنچىلىك بەردى.
- شۇ ۋاقىتتا بۇ ئاكادېمىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىش مەسىلىسى قانداق ھەل بولدى؟
- ساۋاقنى ئۆزۈڭلار بېرىسىلەر دېدى. 15 بالىنى ئېلىشقا رۇخسەت بەردى. مەن قازاقىستان خەلق ئارتىسى قۇرۋانجان ئابدۇراسۇلوفنى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلىرى رەيھانگۈل مەخپىروۋانى، رۇقىيەم ساتتاروۋانى ئالدىم. 1993-يىلى ئۇلار پۈتتۈردى. مۇشۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى تىياتىرغا كېلەلمىدى. ئۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال سىلەرگە مەلۇم. كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلار بولدى. شۇلاردىن تۆت-بەشى ھازىر تىياتىردا ئىشلەۋاتىدۇ.
- سىز ياخشى بىلىسىز، تىياتىر بىناسى بىر نەچچە يىل رېمونت قىلىنىپ، 2002-يىلى قايتا پايدىلىنىشقا بېرىلگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا كادىر مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندىمۇ؟
- رېمونتقا كىرىشىپ كەتكەندە كادىرلارنى ئويلىغىمىزمۇ يوق، چۈنكى ۋاقىت شۇنداق بولدى. 90-يىللارنىڭ ئايىغىدا مەن يەنە سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مۇدىرى تالغات تېمېنوفقا مۇراجىئەت قىلغان ئىدىم. يەنە 15 بالا ئېلىنىپ، ئۇلار 2001-يىلى پۈتتۈردى ھەم ھەممىسى دېگۈدەك تىياتىرغا كەلدى. كېيىنمۇ ئورۇن بېرىلدى، ئامما ئازراق بېرىلدى.
- سىلەر شۇ چاغلاردا مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاشنىڭ باشقىمۇ يوللىرىنى ئىزدەپ كۆردۈڭلارمۇ؟
- ئۆز ۋاقتىدا مۇرات ئابدۇرېھىم ئوغلى تاشكەنت بىلەن سۆزلىشىپ، بىر توپ سازەندە بالىلارنى ئەۋەتتى. ئۇلار سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇدى. بىراق پۇل تۆلەش مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تۆلىيەلمەي، ئۇلار قايتىپ كەلدى. شۇ ۋاقىتتا مەدەنىيەت مەركىزى يول تېپىپ، ئۇلارنى شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەنئەت مەكتىپىگە ئەۋەتتى. ئۇلار ياخشى بىلىم ئېلىپ قېلىپ، «ئىرادە» ئانسامبىلىنى قۇردى. تاشكەنت، ئۈرۈمچىلەردە ئوقۇغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر مۇشۇ تىياتىرىمىزدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ي. شەمىيېف تەكىتلىگەندەك، ھازىرقى جۇرگېنوف نامىدىكى مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيىسىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياش مۇتەخەسسىسلەردىن تالانتلىق سەھنە ئارتىسلىرى يېتىلىپ چىققان بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ساھىرەم شەرىپوۋادۇر.
1993-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۇيغۇر تىياتىرىغا كەلگەندىن بۇيان س. شەرىپوۋا «غېرىپ-سەنەم» درامىسىدا گۈلبادەم، «ئىپارخان»دا ئىپارخان، «ئاماننىساخان»دا زىلەيخا مەلىكە، «بۆشۈك ناخشىسى» دا قازاق قىزى ئالتىنشاش، «مەجنۇن يىگىتلەر»دە سايرا ۋە باشقىمۇ روللارنىڭ ھۆددىسىدىن شەرەپ بىلەن چىققان. ئۆتكەن يىلى ئۇ چىمكەنت شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن سەنئەت فېستىۋالىدا ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «يالغۇز يالپۇز» درامىسىدىكى ئاساسىي قەھرىمان بوستانگۈلنىڭ رولىنى ئوينىغانلىقى ئۈچۈن «ئەڭ ياخشى ئايال رولى» دېگەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.
س. شەرىپوۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئارتىس كەسپىنى تاللىغانلىقى ھەم بۇ جەرياندا ئالغان تەلىم-تەربىيىسى ھەققىدە توختالدى.