قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز ۋاقتىدا قوشنا ئۆزبېكىستاندا بىلىم تەھسىل قىلغان

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جۇمھۇرىيەتلەردىن بىرىنچى ئورۇندا قازاقىستان تۇرسا، كېيىنكى ئورۇنلارنى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان ئىگىلەيدۇ.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەرىيە ۋىلايىتى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەدەنىي، سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەر قويۇق بولغان ئىدى. سوۋېت دەۋرىدە، يەنى جۇمھۇرىيەتلەر ئارا چېگرالار يوق مەزگىلدە، مەسىلەن، قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەرتەرەپلىمە راۋاجلاندى. بولۇپمۇ، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئوقۇش ۋە ئىشلەش مەقسىتىدە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىنىڭ ھەر خىل ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئوقۇشقا چۈشكەن، كارخانىلارغا، زاۋۇت ۋە فابرىكىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىدى. مۇنداق ئەھۋال ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تا 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەردى.

بىز ئەنە شۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى، ئۇلارنىڭ مەقسەت -نىشانلىرى ھەققىدە ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى، رەسسام قۇربانجان مۇسەللىموۋ، ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرى گۈلباھار ناسىروۋا ۋە غەيرەت توختىباقىيېف، ئالىم رابىك ئىسمايىلوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.