«شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمى مەركەزگە ئايلىنىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۆھپىسى بار»

0:00 / 0:00

12- ۋە 13-ئۆكتەبىردە ئالماتا شەھىرىنىڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىناسىدىكى ئىلىم ئوردىسىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ۋە ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى بولۇپ ئۆتتى. «قازاقىستاندىكى شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى: ئۇتۇقلىرى ۋە كېلەچىكى» ھەم «ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ مەنىۋى مىراسى ۋە ئۆزئارا باغلىنىشى» ماۋزۇسىدىكى بۇ يىغىنلارغا قازاقىستانلىق ئالىملاردىن تاشقىرى تۈركىيە، ھىندىستان، ئىران، فىرانسىيە، مىسىر، ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى قاتناشتى. مەزكۇر يىغىنلاردا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئالىملىرىنىڭ ھەر يىللىرى نەشر قىلغان كۆپلىگەن ئەمگەكلىرىدىن تەركىب تاپقان چوڭ كىتاب كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بىز مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئالىملىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى، تىلشۇناس ئالىمە خالمىنەم مەسىموۋاغا مۇراجىئەت قىلدۇق.

-خالمىنەم، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئىككى كۈن بولدى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانچىلىك ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتنىشىۋاتىدۇ؟
-ھەقىقەتەنمۇ ئىككى كۈن بولدى، ئىنستىتۇتىمىز ئالىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىككى ماۋزۇدا خەلقئارا ئىلمىي كونفېرېنسىيە ئۆتۈۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن شەرقشۇناسلىق ئىلمىگە ئائىت مەسىلىلەر قارالغان بولسا، بۈگۈن ئىنستىتۇتىمىزنىڭ يېتەكچى ئالىملىرى ھىندىستاننىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسى ۋەكىللىرى ھەم تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان خەلقئارا كونفېرېنسىيە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرىمىز بولسا، تۈنۈگۈنكى كونفېرېنسىيەگە ئاكتىپ قاتناشتى دېسەم بولىدۇ. ھەقىقەتنى ئېيتسام، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى ھەر يىلى كۆپلىگەن شۇنداق جۇمھۇرىيەت ۋە خەلقئارا دائىرىدە ئۆتۈۋاتقان كونفېرېنسىيەلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز دوكلاتلىرىدا خەلقىمىزنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ.

-ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن نەچچە كىشى قاتناشتى؟
-ئومۇمەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن 11 كىشى قاتناشتى. ئۇنىڭ ئىچىدە باشقىمۇ ئىلمىي دەرگاھلاردا ھەم ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئالىملىرىمىزمۇ بار.

-ئۇلارنىڭ قىلغان دوكلاتلىرى ئاساسەن قانداق مەسىلىلەرگە بېغىشلاندى؟
-مەسىلەن، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچىسى رىسالەت كەرىموۋانىڭ دوكلاتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلى مەسىلىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرىگە بېغىشلاندى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئابلەھەت كامالوف يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1916-يىلقى قوزغىلاڭغا قاتناشقانلىقى ھەم شۇ چاغدا توقۇلغان قوشاقلار ھەققىدە، ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەسمىي مەنىي قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە، رەخمەتجان يۈسۈپوۋ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەم بۇنىڭدىكى خىتاي ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيەلىرىنىڭ رولى ھەققىدە دوكلاتلار قىلدى. ئۇلارنىڭ دوكلاتلىرىدا مەنبەشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە تارىخقا ئائىت مەسىلىلەرمۇ ئورۇن ئالغان.

-بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماتېرىياللىرى ئالاھىدە كىتاب بولۇپ چىقامدۇ قانداق؟
-ئەلۋەتتە چىقىدۇ. بۇ كونفېرېنسىيە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆز ماقالىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولدى. مۇشۇ يېقىن ئارىدا بۇ ماقالىلەرنى تولۇق يىغىپ، كېيىنكى ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە نەشر قىلىنىپ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

خ. مەسىموۋا شۇنداقلا شەرقشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان بۇ يىغىننىڭ ئۆز ئىشىنى تارىخىي-مەدەنىي تەتقىقاتلار، ئىجتىمائىي-سىياسىي تەتقىقاتلار ۋە فىلولوگىيەلىك تەتقىقاتلار بولۇپ، ئۈچ يۆنىلىشتە داۋام قىلغانلىقىنى، جەمئىي ئۇنىڭغا 50 تىن ئوشۇق ئالىمنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى دىلنۇر قاسىموۋانىڭ پىكرىچە، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قازاقىستاندىكى بىر پۈتۈن شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىردىن-بىر ئىلمىي دەرگاھ بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يېتەكچى ئىلمىي مەركەزلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىدا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭمۇ تۆھپىسى باردۇر.

د. قاسىموۋا مەزكۇر يىغىندا قازاقىستانلىق ۋە چەتئەللىك مېھمانلارنىڭ ئىنستىتۇت نامىغا كۆپلىگەن تىلەكلەرنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر پائالىيەتتە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مەيدانغا كېلىش ۋە شەكىللىنىش تارىخى، ئۇنىڭ مۇشۇ 20 يىل مابەينىدە يەتكەن ئۇتۇقلىرى، تەربىيىلەپ چىققان ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى توغرىلىق ياخشى پاراڭلار بولدى. بولۇپمۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئىلگىرىكى مۇدىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور مېرېرت ئابۇسېيىتوۋا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇ يولدا كۆپلىگەن قازاق زىيالىيلىرىنىڭ ئالاھىدە پائالىيەت كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇلارنىڭ بىرى ئاكادېمىك رامازان بىماش ئوغلى سۈلېيمېنوف بولۇپ، ھازىر ئىنستىتۇتنىڭ شۇنىڭ نامىدا ئىكەنلىكىنى، شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش يوللىرىدا ئىنستىتۇتنىڭ ئىنتايىن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شەخسەن مەن ئۆزۈم بۇ ئېيتىلغان گەپلەرنىڭ ئومۇمەن توغرا ئىكەنلىكىنى سەزسەممۇ، ئامما كۆڭلۈم قانداقتۇر بىر سۇ ئىچمىگەندەك بىر ئەھۋالنى سەزگەندەك بولدى.

مەن ئۆزۈم قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە يىگىرمە يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە ئىشلەپ كەلدىم. شۇڭلاشقا 1986-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتنىڭ شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخىدىن ياخشى خەۋەردارمەن. ھەقىقەتنى ئېيتساق، مەزكۇر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تارىخىدا كۆرۈنەرلىك ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىشلەپ، ئەنە شۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ھۇلىنى قۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى مۇدىرى، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىزنىڭ ھېلىمۇ ئېسىمىزدە. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ، 1996-يىلى ئەنە شۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئاساسىدا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز. لېكىن، مىڭ ئەپسۇسكى، بۈگۈن بۇ ھەقتە گەپ قىلىنمىدى».

د. قاسىموۋا سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا 1987-يىلدىن باشلاپ تا ئۇ يېپىلغانغا قەدەر، يەنى 1996-يىلغىچە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. ئاندىن ئىنستىتۇت مەركەزگە ئايلانغاندىن كېيىن، 2007-يىلغىچە ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى لاۋازىمىدا خىزمەت قىلدى.

يىغىندا چەتئەللىك مېھمانلار، شۇنداقلا ئالماتادىكى ھەم باشقىمۇ شەھەرلەردىكى ئىلمىي-تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ۋەكىللىرى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ 20 يىللىقى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئەبساتتار دېربىسالىغا ئۆزلىرىنىڭ تەبرىك خەتلىرى ۋە سوغىلىرىنى تاپشۇردى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ بىر قاتار ئالىملىرى ئىنستىتۇت رەھبەرلىكى تەرىپىدىن پەخرىي يارلىقلار بىلەن تەقدىرلەندى.