ئۆزبېكىستاندىكى خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەبۇ رەيھان بېرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى ئابدۇخالىق ئايتبايېفتۇر.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ھەمدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ياخشى مەلۇمدۇر. ئەنە شۇنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرى دەسلەپتە رۇس ۋە سابىق سوۋېت ئالىملىرى، شۇنداقلا نېمىس، ئىنگلىز، فىرانسۇز ۋە باشقىمۇ مەملىكەت تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بولۇپمۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئىلمىي-تەتقىقات دەرگاھلىرىدا داۋاملىق تەتقىق قىلىنماقتا.
ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا دۇنيادىكى مەشھۇر تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەبۇ رەيھان بېرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدۇر. 1943-يىلدىن بۇيان ئىشلەپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۆزىنىڭ ئەڭ باي قوليازمىلار فوندىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئالەمگە تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدا ئاتاقلىق ئۆزبېك ئالىملىرى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئالىملىرىمۇ مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتا.