قازاقىستانلىق تارىخچى رىسالەت كەرىموۋا ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئۆتمۈشتىن ياخشى مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئېتنوگرافىيىسى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئۇلار ماكان ئەتكەن زېمىنلارنىڭ تەبىئىتى، قېزىلما بايلىقلىرى، بولۇپمۇ 19-ئەسىردىن تارتىپ رۇسىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مەملىكەتلەرنىڭ قىزىقىشىنى ھاسىل قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ باي زېمىنغا قىلىنغان كۆپلىگەن ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىلەر ئۇيغۇرلار توغرىلىق باي مەلۇماتلارنى توپلىدى ھەم بۇ مەلۇماتلار دۇنيانىڭ ئاتاقلىق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مىراسىمۇ دىققەتتىن سىرت قالغىنى يوق.

ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك باي ھەم خىلمۇ-خىل ئىكەنلىكىگە، مەسىلەن، قازاقىستان مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي سەنئەت بۇيۇملىرى يارقىن ئىسپات بولالايدۇ. قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان ئەنە شۇ يادىكارلىقلارنى ئۆگىنىشكە ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئالاھىدە دىققەت بۆلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئالماتا شەھىرىدە ئىلمىي پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باشلىقى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋادۇر. تەتقىقاتچى دۇنيانىڭ ھەر خىل مەملىكەتلىرىدە ئۆتۈۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا دوكلاتلار بىلەن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، مۇشۇ يىلى ر. كەرىموۋا قازاقىستاننىڭ كۆكشېتاۋ شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن قازاق خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 550 يىللىقىغا بېغىشلانغان خەلق قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتقان ئىدى. رۇسىيە، ۋېنگىرىيە، ئىتالىيە ۋە قازاقىستان ئالىملىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىندا ر. كەرىموۋا ئۇيغۇر بەدىئىي قول-ھۆنەرۋەنچىلىكىگە ئائىت ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ر. كەرىموۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سەنئىتى توپلاملىرى ساقلىنىۋاتقان قازاقىستاندىكى مۇزېيلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سەنئىتى توپلاملىرى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈچ مۇزېيىنىڭ فوندلىرىدا، يەنى مەركىزىي دۆلەت مۇزېيىدا، ئەبىلخان قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيىدا ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدىكى ياركەند شەھىرىگە ئورۇنلاشقان بېناكارلىق-سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مەركىزىي دۆلەت مۇزېيىنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتى زور بولۇپ، ئۇنىڭدىكى توپلام ئەڭ قەدىمىي، تەركىبى جەھەتتىن ئەڭ خىلمۇ-خىل ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ قىزىقارلىقتۇر. مەركىزىي مۇزېيدىكى بۇيۇملار ئاھالە قولىدىن ئاساسەن 1930-ۋە 1950-يىللىرى يىغىلغان، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى مۇزېيلىرىدا ھازىرقى ۋاقىتتا ئاز ئۇچرايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملار: ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك، تۆمۈر قاچا-قومۇچ، ساز ئەسۋابلىرى، كېرامىكا، ئالتۇن بېزەكلەر ئۇچرايدۇ. مەركىزىي مۇزېي فوندىدا ئاساسەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ پايدىلىنىلىدىغان بۇيۇملار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان بەدىئىي قىممىتى يۇقىرى ئۈلگىلەرمۇ بار. مەركىزىي مۇزېينىڭ فوتو ئارخىپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىگە ئائىت ئاز ئۇچرايدىغان ماتېرىياللارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە مۇتەخەسسىس، ئاتاقلىق رۇسىيەلىك ئالىم نىكولاي پانتۇسوف چۈشەرگەن رەسىملەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ رەسىملەر 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىغا تەئەللۇقتۇر.»

ر. كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان رەسىملەر ئارىسىدا پارات كىيىمىدىكى ئىلى سۇلتانىنىڭ، بولۇس باشلىقلىرىنىڭ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ، ئاھالىنىڭ ئوتتۇرا قاتلاملىرىنىڭ، گادايلارنىڭ رەسىملىرىمۇ ئۇچرايدۇ. ن. پانتۇسوف يىغقان رەسىملەر ئىچىدە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۇچار، ئاقسۇ، باي، ياركەند، قەشقەر، تۇرپان، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىمدە چۈشكەن سۈرەتلىرىمۇ بار.

ئالىمە ر. كەرىموۋا قازاقىستاندىكى ياركەند شەھىرىدە ئورۇنلاشقان مەسچىتنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سېلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بايلارنىڭ بىرى ۋېلىباي يولداشېفنىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن سېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ياغاچتىن يۇقىرى دەرىجىدە ۋە ماھىرلىق بىلەن ئويۇپ ياسالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «سوۋېت دەۋرىدە ۋە مۇشۇ كۈنگىچە مەسچىت مۇزېي بولۇپ كەلگەن. تولۇق رېمونت قىلىنغۇچە، يەنى 1970-يىللارغىچە بۇ يەردە ئۇيغۇر تارىخىي-ئېتنوگرافىيىلىك كۆرگەزمە بولغان. رېمونت ۋاقتىدا ئۇيغۇر توپلىمى قازاقىستاننىڭ مەركىزىي مۇزېيىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. ھازىرقى ۋاقىتتا مۇزېيدا ئۇيغۇر ئەمەلىي سەنئىتى ئۈلگىلىرىنىڭ ئاز قىسمىلا جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار قاستېيېف نامىدىكى مۇزېينىڭ بەزى بۇيۇملىرى ۋە 1980-يىللىرى ئاھالىدىن سېتىۋېلىنغان بۇيۇملار بىلەن تولۇقلاندى.»

ر. كەرىموۋانىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستان مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملار ئىچىدە كۆپ ساندا قاچا-قومۇچنىڭ تۈر-تۈرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، ئاتاقلىق قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ قەشقەرىيىگە قىلغان ئېكىسپېدىتسىيىسى دەۋرىدە ئېلىپ كېلىنگەن قاچا-قومۇچلار ئۇچرايدۇ. ئۇلار ھازىر قوستاناي مۇزېيىدا ساقلانماقتا. مەزكۇر مۇزېيلاردا شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ زەرگەرچىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ، شۇ جۈملىدىن ھەر تۈرلۈك ھالقىلار، تەڭگىلەر، تۈگمىلەر، كېرامىكا بۇيۇملىرى، پوتا، بەلۋاغ، چاپان، كۆڭلەك، دوپپا ئوخشاش كىيىم-كېچەك تۈرلىرى، كاۋىدىن ياسالغان قاپاقلار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر خىل شەھەرلىرىدە توقۇلغان گىلەملەر ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇرنىڭ باي مىللىي مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدىغان كۆپلىگەن بۇيۇملارمۇ ئورۇن ئالغان. تەتقىقاتچى بۇنىڭ بارلىقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز قىممىتتىنى يوقاتماي كېلىۋاتقانلىتقىنى ئىلگىرى سۈردى.