قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى 80-يىللىق يېڭى مەۋسۈمىنى باشلىدى
2013.10.31
قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى 80- يىللىق يېڭى مەۋسۈمىنى يەنە « ئانارخان» ناملىق كلاسسىك دراما ئەسىرى بىلەن باشلىدى.
ئانارخان درامىسى جالالدىن ئاسىموف ۋە ئابدۇلھەي سادىروف تەرىپىدىن يېزىلىپ، دەسلەپكى قېتىم 1934-يىلى قويۇلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ سەھنىدىن چۈشمەي كېلىۋاتماقتا. يېقىندا مەزكۇر ئەسەر ئۈچ كۈندىن بۇيان تاماشىبىنلار دىققىتىدە بولدى.
«ئانارخان» ئەسىرى سەكسەن يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە قانچىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچرىدى، بۇ قېتىمقى قويۇلمنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمىدە، قانداق مەسىلىلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىندى، تاماشىبىنلارنىڭ كۆز قارىشى قانداق؟
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى رېژىسسورى مۇھىت ھېزىموف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.