قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى يېڭى مەۋسۇمىنى «ئىدىقۇت» درامىسى بىلەن باشلىدى

0:00 / 0:00

قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى 83-مەۋسۇمىنى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» ناملىق سەھنە ئەسىرى بىلەن باشلىدى.

ئۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر تىياتىرى مۇدىرى رۇسلان توختاخۇنوف، رېژىسسور يالقۇنجان شەمىيېف ۋە يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى تاماشىبىنلارنى يېڭى مەۋسۇمنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ پروگراممىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشتۇردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىياتىر رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف ئۇيغۇر تىياتىرى كوللېكتىپىنىڭ ھەر يىلقى مەۋسۇمىغا جىددىي تەييارلىق بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلى قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ئاتاپ خاتىرىلىنىۋاتقاچقا، باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا ئۆزىنىڭمۇ كەيپىياتى ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىلقى پروگراممىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى غەيرەت توختىباقىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، تىياتىر ھەر يىلى ئۆزىنىڭ مەۋسۇمىنى «ئانارخان» درامىسىدىن باشلاپ، بۇ ئەنئەنە بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى. پەقەت ئىككى يىل مابەينىدە ئەھۋال ئۆزگىرىپ، ئۆتكەن يىلقى مەۋسۇم «بايانچۇر» سەھنە ئەسىرى بىلەن باشلانغان بولسا، بۇ يىلى «ئىدىقۇت» ئەسىرى بىلەن باشلانغان. مەزكۇر ئەسەرنى تالانتلىق رېژىسسور يالقۇنجان شەمىيېف سەھنىلەشتۈرگەن بولۇپ، ئون يىل ئىلگىرى ئەسەر شەھەردىكى ئەۋېزوف نامىدىكى قازاق دراما تىياتىرىدا ئۆتكەن فېستىۋالدا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. غ. توختىباقىيېف ئەسەرنىڭ تاماشىبىنلار تەرىپىدىن ياخشى قارشى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە چۈشەندۈردى.

غ. توختىباقىيېفنىڭ دېيىشىچە، ئەسەرنى قويغان دەسلەپكى يىللىرى قىيىنچىلىقلار كۆپ بولغان بولۇپ، بارلىق ئارتىسلار بۇنىڭغا قاتتىق بېرىلىپ ئىشلىگەن. باش رولنى، يەنى بائۇرچۇقنى دەسلەپتە دىلشات ئامانبايېف، ئاندىن شۆھرەت مەمەتوف، چىڭگىزخاننى مەخمۇت دەرايېف، تاتاتۇڭغىنى ئۈمىد قاسىموفلار ئوينىغان.

ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا بولسا، ئۆيى شەھەردىن يىراق بولسىمۇ، ئامما دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى بولغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ يېڭى مەۋسۇمىنى ئالاھىدە سېغىنىش بىلەن كۈتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ بۇ يىلىمۇ ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «راست، بۇ قېتىمقى مەۋسۇمنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، ئۇيغۇر تىياتىرى يىللىق پروگراممىسىنى كۆرنەكلىك يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ‹ئىدىقۇت› ئەسىرى بىلەن باشلىدى. بىزگە ياخشى مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر يىلقى مەۋسۇمىنى «ئانارخان» ئوخشاش كلاسسىك ئەسەر بىلەن باشلاتتى. بۇ قېتىمدا ئۇنداق بولمىدى. بىز شۇنداقتىمۇ، تىياتىرىمىزنىڭ بۇ پروگراممىسىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيمىز، ئەلۋەتتە. 83-مەۋسۇم پروگراممىسىغا، مەسىلەن، ‹ئىدىقۇت›، ‹نۇزۇگۇم›، ‹بايانچۇر›، ‹ئاماننىساخان› ئوخشاش ئەسەرلەرمۇ كىرگۈزۈلۈپتۇ. ھەقىقەتنى ئېيتساق، خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن ۋە جاپالىق ئۆتمۈش تارىخىغا بېغىشلانغان مۇنداق تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، بولۇپمۇ بالىلىرىمىز ئۈچۈن. مانا شۇ مەقسەت بىلەن بىز كۈزلۈك تەتىلدىن پايدىلىنىپ، بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ، 6-نويابىردا ‹نۇزۇگۇم› درامىسىنى كۆرۈش مەقسىتىدە تىياتىرىمىزغا كەلگەن ئىدۇق.»

يۇقىرىدا ئاتالغان سەھنە ئەسەرلەردىن تاشقىرى، تىياتىر سەھنىسىدە شۇنداقلا «مەجنۇن يىگىتلەر»، «ئاپەت»، «قوش يۇلتۇز»، «يالغۇز يالپۇز»، «ئالىچىلىق باغ»، «غېرىپ-سەنەم» قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ قويۇلماقچى.