9-نويابىر كۈنى ئالمۇتادىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ 84-يىللىق سەنئەت پائالىيەتلىرى باشلاندى. مەزكۇر پائالىيەتكە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيىلەردىن كەلگەن تاماشىبىنلار قاتناشتى.
ئۇيغۇر تىياتىرى مۇدىرىنىڭ ئىگىلىك ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى ساۋۇت سونۇروف تاماشىبىنلارنى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 84-يىللىق سەنئەت پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ تاماشابىنلارنى كېيىنكى يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولىدىغان تىياتىر نومۇرلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مىللىي سەنئەتنى قەدىرلەيدىغان ھەقىقىي مىللەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ تۇنجى نومۇرى بولغان «مەھمۇد قەشقەرى» درامىسىنىڭ ئاپتورى ئەكرەمجان ئەخمەتوفقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئەكرەمجان ئەخمەتوفنىڭ خەلقئارا تىياتىرلار فېستىۋالىنىڭ ساھىبى ئاتالغانلىقىنى، مەزكۇر ئەسەرنى سەھنىلەشتۈرۈشتە تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ كۆپ ئەمگەك قىلغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ شەخسنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى سەھنە ئەسىرىن تاماشىبىنلار بىلەن يەز كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر تىياتىرى ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شائىرە پاتىگۈل مەقسەتوۋا سۆز قىلىپ، بۇ يىلقى تىياتىر مەۋسۇمىنىڭ ئادەتتىكىدەك «ئانارخان» ناملىق كلاسسىك ئەسەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتقان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم مەھمۇد قەشقەرىگە بېغىشلانغان دراما بىلەن باشلانغانلىقىنى چوڭ مەدەنىي ۋەقە، دەپ ھېسابلىدى. ئۇ تىياتىر ھەۋەسكارلىرىنى بۇ يىلقى سەنئەت پائالىيىتىدە قىزىقارلىق ئەسەرلەرنىڭ ۋە كونسېرت پروگراممىلىرىنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى بىلەن خەۋەرلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى مۇھىت ھېزىموفنىڭ قارىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ھەر يىللىق پائالىيەتلىرىنى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا ياخشى تونۇلغان ئارتىسلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئورۇنداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇنداق پېشقەدەم ئارتىسلارنىڭ ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسەر، بىرىنچىدىن، يېڭى ئەسەر، ئىككىنچىدىن، تارىخىي ئەسەر. بۇنى تىياتىرىمىزنىڭ بەدىئىي رەھبىرى مۇرات ئابدۇرەھىم ئوغلى تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ ئەسەردە بىزنىڭ تالانتلىق ئارتىستلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىشتىراق قىلىدۇ. ئەسەرنىڭ قانداق بولۇشىنى تاماشىبىنلىرىمىز بەلگىلەيدۇ. پات يېقىندا كۆپ قېتىملىق بېلەت سىستېمىسى بىلەن ‹ناۋا› فولكلورلۇق ئانسامبىلىنىڭ چوڭ كونسېرتى بولىدۇ.»
م. ھېزىموفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، «مەھمۇد قەشقەرى» ئەسەرىدىن كېيىن «نۇزۇگۇم»، «بايانچور»، «ئىدىقۇت» قا ئوخشاش 14 سەھنە ئەسىرى قويۇلماقچىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە يېڭى يىللىق «گۈلخان» ھەزىل-كۈلكە كېچىسى تاماشىبىنلارنى كۈتمەكتىكەن. م. ھېزىموف سەنئەت پائالىيىتى داۋامىدا يېڭى سەھنە ئەسەرلەر ئۈستىدىمۇ ئىشلارنىڭ ماڭىدىغانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدە رېژىسسور يالقۇنجان شەمىيېفنىڭ تەييارلىشىدا شېكسپىرنىڭ «رومېيو ۋە ژۇلېتتا» ئەسىرىنىڭ سەھنىدە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىياتىر ئارتىسى تۇرغان ھېزىموف بۈگۈن پەقەت تاماشىبىنلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تىياتىر كوللېكتىپى ئۈچۈنمۇ چوڭ بايرام ئىكەنلىكىنى، بۇ درامىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر دراماتۇرگىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشۇلغان زور تۆھپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «‹مەھمۇد قەشقەرى› ئىلگىرى يۈسۈپبەك مۇخلىسوفنىڭ ‹قوش يۇلتۇز› ئەسەرى بىلەن قويۇلغان بولسا، بۈگۈن ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ ئۆزى يازغان ئەسەرى بىلەن قويۇلماقتا. مەن ئۇنىڭدا مەخمۇد قەشقەرىنىڭ تاغىسى ئىلىياس كارۋان بېشىنىڭ رولىنى ئوينايمەن. مەن ئويلايمەن، بۇ خەلقىمىز ئۇزاقتىن كۈتكەن سەھنە ئەسەرلىرىمىزنىڭ بىرى».
ت. ھېزىموف تىياتىردا يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن سەھنە ئەسەرلىرىگە قاتناشقان ھەم نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم سەنئەت ئەربابلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئىشلىگەن ھەم شۇلارنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان. ئۇ «چۇقان ۋەلىخانوف»، «ئۆمەر مۇھەممەدىي» ۋە «ئانارخان» درامىلىرىدا باش روللارنى ئوينىغان تەجرىبىلىك ئارتىسلارنىڭ بىرىدۇر. ت. ھېزىموف ئۆز ۋاقتىدا ئالمۇتادىكى جۇرگېنوف نامىدىكى سەنئەت ئاكادېمىيىسىنى تاماملىغان ياشلار ئارىسىدا تالانتلىق ئارتىسلارنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تىياتىرغا تالانتسىز ئادەملەرنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى، تەجرىبىلىك ئارتىس بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ ئىشلەش، تىرىشىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئازنات تالىپوف «مەھمۇد قەشقەرى» ئەسەرىدىن ئىنتايىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تارىخىمىزدا ئۆتكەن يارقىن نامايەندىنىڭ قىياپىتى بۈگۈن قايتا تىرىلگەندەك ھېسسىياتلارغا چۆمدۇق. بۈگۈنكى ئويۇن بىزگە ئاجايىپ چوڭ تەسىرات بېغىشلىدى. بۇ ئويۇننى كۆرۈپ بىز شانلىق تارىخىمىزدىن ھەقىقىي رەۋىشتە پەخىرلەندۇق، ياش ئارتىسلارنىڭ ماھارىتىدىنمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇق».
ئا. تالىپوف كېلەچەكتە تىياتىر سەھنىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقىمۇ تارىخىي شەخسلىرىنىڭ ئوبرازلىرىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تىياتىر كوللېكتىپىغا، شەخسەن مەزكۇر ئەسەرنى سەھنىلەشتۈرگەن تالانتلىق رېژىسسور مۇھىت ھېزىموفقا تېخىمۇ زور ئىجادىي ئۇتۇقلار تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00