ئالماتادا ئاتاقلىق كومپوزىتور زەينۇللا سېتەكوفنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-11-18
Share
zeynulla-setekof-305.jpg كومپوزىتور، سازەندە ۋە ئارتىس مەرھۇم زەينۇللا سېتەكوف.
RFA/Oyghan

17-نويابىر ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئاتاقلىق كومپوزىتور، سازەندە ۋە ئارتىس زەينۇللا سېتەكوفنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۆچمەس ناخشىلار» ناملىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف قاتارلىقلار سېتەكوفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتى تارىخىدا تۇتقان ئورنى، ئۇنىڭ كەسپىي تالانتى ۋە ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەلگەن مېھمانلارنى بايرام بىلەن تەبرىكلىدى.

ئاندىن سۆزگە چىققان مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى، قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى نۇربۈۋى مەمەتوۋا مەزكۇر كېچىلىكنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

خاتىرىلەش مۇراسىمى ناۋا ئانسامبىلىنىڭ چوڭ كونسېرتى بىلەن ئاياغلاشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش مەمۇرى ئابدۇساتتار تۇردىباقىيېف زەينۇللا سېتەكوفنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «زەينۇللا ئاكا بىلەن بىز 1984-يىلدىن تارتىپ بىللە ئىشلىدۇق. تىياتىرغا كىرگەندە ئۇ ناۋا ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى ئىدى. تىياتىرغا دۇتارچى بولۇپ كىردىم. شۇ ۋاقتىدا ناۋا ئانسامبىلىدا ئون يىل دۇتار چالدىم. زەينۇللا ئاكا تىياتىرنىڭ ھەم مەمۇرى ئىدى شۇ ۋاقىتتا. چەتئەللەرگە بىللە چىقتۇق. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا كىشى ئىزدەپ، ئايىغىدا مېنى ئالدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ناۋا ئانسامبىلىدا دۇتار چېلىپ، سەپەرلەرگە چىقىپ يۈردۇق. كېيىن 1985-يىلى ئىكرەم مەسىموف كېتىپ، مۇدىر بولۇپ مۇرات ئەخمەدىيېف كەلدى. 1993-يىلى مېنى ناۋادىن چىقىرىپ، تىياتىرنىڭ مەمۇرى قىلىپ قويدى. ئۇ ئورۇنباسار بولدى، ئىككىمىز بىللە ئىشلىدۇق. تىياتىرنىڭ دراما گۇرۇپپىسى بارمۇ، ناۋا بارمۇ، ‹ياشلىق› بارمۇ، ھەممىسىگە ھەممە تەرەپلەرگە يوللار ئېچىپ، ئون يىل دېگۈدەك بىللە ئىشلىدۇق. بۇ ئادەم كەسپىي كومپوزىتور بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ناخشىلارنى يازدى. ئۇنىڭ چىقارغان ناخشىلىرىنى خەلق ياقتۇرۇپ تىڭشىدى.»

س. سېتەكوف 1935-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى تېببىي مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1955-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان. مىللىي سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان ئۇ، 1958-يىلى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ چېلەك يېزىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. ئۆزىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە زەينۇللا سېتەكوف ئالدى بىلەن چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىنى، ئاندىن 1972-يىلى قۇرمانغازى نامىدىكى ئالماتا كونسېرۋاتورىيىسىنى تاماملايدۇ.

ئۆزىنىڭ ئاساسىي بىلىم ۋە تالانتىنى مۇزىكا يېزىشقا سەرپ قىلغان سەنئەتكار 1968-يىلى ناۋا فولكلور ئانسامبىلىنى قۇرۇش تەشەببۇسكارلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ ۋە كېيىنىرەك ئۇنىڭ رەھبىرى لاۋازىمىغا بەلگىلىنىدۇ. مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئۇ قازاقىستاننىڭ ھەر خىل ۋىلايەتلىرىدە، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، پورتۇگالىيە، ئۇيغۇر دىيارى قاتارلىق ئەللەردە سەپەردە بولدى. كېيىنكى يىللاردا ز. سېتەكوفنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «غېرىب-سەنەم»، «مۇقاملار سىرى» ناملىق داستان، مۇقام، كونسېرت كېچىلىكلىرى، «ئالماتا ئاخشىمى»، «يار ۋەسلى»، «ئانامغا»، «دىلدارىم» قاتارلىق ئىجات قىلغان ئونلىغان ئەسەرلىرى كۆپلىگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

ئا. تۇردىباقىيېف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۆزى كىچىك پېئىل، كەمتەر ئادەم ئىدى. ‹ئانامغا› دېگەن ناخشىسى بار. نۇربۈۋى ھەدە ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئېيتتى، خەلقمۇ ياقتۇرۇپ تىڭشىدى. ‹پىراقىڭدا›، ‹سېغىندىم› دېگەن ناخشىلىرى بار. بىز بۇ كېچىلىكتە 17 نومۇر كۆرسەتتۇق، ئۇ بولسا يۈزدەك ناخشا يازدى. ئۇ كەسپىي كومپوزىتور رېتىدە ئۆزىنى ناھايىتى تونۇتتى. خەلق ئۇنى ياخشى تونۇيدۇ. ئۆزى نۇرغۇنلىغان يىللار ناۋادا راۋاب چالدى. بىرىنچى دەرىجىلىك راۋابچى بولغان. شۇنداقلا تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك ئادەم ئىدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، زەينۇللا سېتەكوف پەقەت سازەندە ۋە كومپوزىتور بولۇپلا قالماي، بەلكى سەھنە ئەسەرلەردىمۇ تالانتلىق ئارتىس سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. قىرىق يىلغا يېقىن ھاياتىنى مىللىي سەنئەتنىڭ، قازاقىستان مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سەرپ قىلغان زەينۇللا سېتەكوف ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۆپلىگەن پەخرىي يارلىقلار ۋە مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئۇ، 2003-يىلى يورۇق ئالەم بىلەن خوشلاشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت