ئالماتادا ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇلبارى مۇخلىسوف ئالەمدىن ئۆتتى
2015.11.25
-نويابىر كۈنى ئالماتانىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئاتاقلىق دوختۇر، يۇرت مۆتىۋەر ئابدۇلبارى مۇخلىسوف 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئابدۇلبارى ئاسىپقان ئوغلى مۇخلىسوف 1934-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆچەك ۋىلايىتىگە قاراشلىق دۆربىلجىن ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى، ئاندىن چۆچەكتىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملايدۇ. ئۇ كىچىكىدىنلا تېبابەتچىلىككە قىزىققانلىقتىن 1950-يىلى غۇلجىدىكى تېببىي مەكتەپتە بىلىم ئالىدۇ ۋە بىر يىلدىن كېيىن بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش فاكۇلتېتىدا بىلىم تەھسىل قىلىدۇ. سەككىز يىل مابەينىدە ئۇ بۇ كەسىپنى تولۇق ئىگىلەپ چىقىدۇ. ئا. مۇخلىسوف 1962-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئاياگۆز ناھىيىلىك مەركىزىي شىپاخانىدا ئىشلەيدۇ، 1969-يىلى ئالماتا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، شەھەرلىك پاختا، قەغەز كومبىناتىدا، ئاندىن ئالماتا شەھەرلىك 3-دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ. كېيىنكى يىللاردا ئۇ يىڭنە بىلەن داۋالاش ساھەسىدە ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلىدۇ. ئا. مۇخلىسوف 1991-يىلى، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا يىڭنە بىلەن داۋالاش شىپاخانىسى ئېچىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇنىڭدا ئىشلەيدۇ.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندىكى پېشقەدەم شائىرلارنىڭ بىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئا. مۇخلىسوفنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: « 23-نويابىر كۈنى درۇژبىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمان، مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولدى. مەشھۇر سىياسىي پائالىيەتچى يۈسۈپبەك مۇخلىسوفنىڭ ئىنىسى ئابدۇلبارى مۇخلىسوف ۋاپات بولدى. بۇ يوقىتىش ئۆز مۇستەقىللىقى يولىدا كۈرىشىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى خۇش بولغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار كۆزگە قادالغان بىر مىختىن خالاس بولدى. ئا. مۇخلىسوف « شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي بىرلىكى تەشكىلاتى» نىڭ باش ئىدېئولوگى سۈپىتىدە ئاكىسى يۈسۈپبەك مۇخلىسوفقا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرىستان داۋاسىنى كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن موسكۋاغا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، لوپنۇر پولىگونىنى ( يادرو بومبا سىنا بازىسى) يېپىش توغرىلىق نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ، چېگرا بويىغا، يەنى قورغاسقا بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاننى ئاتوم سىناق مەيدانىغا ئايلاندۇرغىنىغا قارشى ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈردى. خىتايغا قارشى چەتئەلدە مېڭىۋاتقان دەۋا-دەستۇرلىرى ئابدۇلبارى مۇخلىسوف سەپنىڭ ئالدىدا يۈرگەن ئىدى. بىز ئەنە شۇنداق ئىرادىلىك، بىلىملىك، ۋەتەنپەرۋەر بىر بۇرادىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغىنىمىز ئۈچۈن خۇددى قانىتىمىز قايرىلىپ قالغاندەك چوڭ مۇسىبەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.»
ئا. مۇخلىسوف كېيىنكى يىللاردا بولۇپمۇ ئاكىسى، كۆرنەكلىك تارىخچى ۋە يازغۇچى يۈسۈپبەك مۇخلىسوفنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش يولىدا تىنماي ئەمگەك قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش ئىشلىرىنى ئاكتىپ ئېلىپ بارغان ئىدى.