قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىدا «سەرگەردان» سەھنە ئەسىرى قويۇلدى

0:00 / 0:00

8-دېكابىردا ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموفنىڭ «سەرگەردان» رومانى بويىچە سەھنە ئەسىرى تاماشىبىنلار دىققىتىگە ھاۋالە قىلىندى.

«ئاق يېغىن»، «ۋىجدان ئازابى»، «نۇزۇگۇم»، «سەرگەردان» رومانلىرى ۋە كۆپلىگەن پوۋېست ھەم ھېكايىلىرى بىلەن كەڭ كىتابخان ئاممىسىغا تونۇلغان ئەدىبنىڭ مەزكۇر سەھنە ئەسىرى ئۇنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان ئىدى. ئەسەرنى سەھنىلەشتۈرگەن رېژىسسور «ھۆرمەت» ئوردېنىنىڭ ساھىبى مۇھىتجان ھېزىموف، مۇزىكىسىنى يازغان «مەدەنىيەت ئەلاچىسى» بەلگىسىنىڭ ساھىبى ئالىمجان توقايېفتۇر.

ئالدى بىلەن تىياتىر ئارتىسى گۈلباھار ناسىروۋا يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، سەھنىگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى ۋە شائىر ھەم يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوفلار ت. توختەموفنىڭ كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى.

ئە. ھاشىرى مۇنداق دېدى: «بۇ خۇشاللىق تۈگىمەيدىغان خۇشاللىق. ئۆزىنىڭ يازغۇچىسىنى، ئالتۇن قەلىمىنى ھۆرمەتلىگەن خەلق سىز بىلەن بىز ئۆزىمىزمۇ ھۆرمەتلىك دەپ ھېسابلايمەن.»

ئە. ھاشىرى شۇنداقلا تۇرغان توختەموفنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش تەشەببۇسىنى كۆتۈرگەن ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تىياتىر ئارتىسلىرى، بولۇپمۇ رېژىسسور مۇھىت ھېزىموفقا رەھمىتىنى ئېيتتى. ئۇ يازغۇچىلارنى مۇشۇنداق دائىم ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچقاچان ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى نامىدىن مەرھۇمنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشكە كۆپ كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئۇنىڭ رەپىقىسى رىسالەت ھەدىگە مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلىپ، تۇرغان توختەموفنىڭ 102 ياشلىق ئانىسى ھېنىپەم ئانىغا سوغا تاپشۇردى.

«سەرگەردان» ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-ۋە 60-يىللىرى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە قېرىنداشلىرىنى، دوستلىرىنى، ئانا-ۋەتىنىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، مۇساپىرلىققا مۇپتىللا بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ھېكايە قىلىدۇ.

ئۇنىڭ باش قەھرىمانلىرى سادىقجان بىلەن باراتنىڭ قانداق قىلىپ سوۋېتقا چىققانلىقى، ئۇ يەردە باشتىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلىرى قىزىقارلىق ئېپىزوتلاردا ئەكس ئېتىلگەن. بۇ باش روللارنى تىياتىرنىڭ ياش ئارتىسلىرى مۇھىدىن ۋارىسوف ۋە خالمۇرات مۇناروف ئوينىغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەرھۇمنىڭ يېقىن دوستى پروفېسسور تۇرغانجان سوپىيېف تىياتىر سەھنىسىدە قويۇلغان بۇ ئەسەر توغرىلىق پىكرىنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ كۈنلەرنىڭ بىرى بولدى. خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك يازغۇچىسى تۇرغان توختەموفنىڭ ‹سەرگەردان› كىتابى ئاساسىدا ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىدە كۆرسىتىلدى. زالدا ئولتۇرىدىغان، تۇرىدىغان ئورۇن بولماي، بۇنىڭغا قىزىقىش شۇنچىلىك ياخشى بولدى. تىياتىر ئارتىسلىرى بۇ روللارنى ئىنتايىن ياخشى ئاتقۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەنە بىر قېتىم تىياتىرنىڭ رەھبەرلىرىگە، بولۇپمۇ رېژىسسور ھېزىموف مۇھىتجانغا كۆپ رەھمەت ئېيتقان بولار ئىدىم. تۇرغان ماختاشقا ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىگە بولغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى خەلق ئارىسىدا ياخشى تارىغان. ‹سەرگەردان› درامىسى بۇنىڭدىن كېيىن تىياتىرنىڭ قويۇلۇملار تىزىمىدىن ئورۇن ئالار دېگەن ئۈمىدىم بار. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىۋاتقان يازغۇچىلىرى، شائىرلىرى كۆپ. ھەممىسى ياخشى دېگەن ئورۇنلارنى ئېلىۋاتىدۇ. بىراق، مېنىڭ ئويۇمچە، تۇرغان توختەموف ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئىنتايىن خۇشالمىز ۋە يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە ئارتىسلارغا ئۆزۈمنىڭ كۆپ رەھمىتىنى ئېيتىمەن.»

ئويۇندىن كېيىن سۆز ئالغان تۇرغانجان سوپىيېف، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف، ئالىم ئالىمجان ھەمرايېف، رېژىسسور مۇھىت ھېزىموفلار تۇرغان توختەموفنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى رىسالەت ھەدە ۋە ئوغلى تۇغلۇقجان بولسا، پۈتكۈل مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتتى.

ئالماتادىكى «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوفمۇ رىسالەت ھەدىنىڭ ت. توختەموفنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش بويىچە ئېلىپ بارغان جاپالىق ئىشلىرىغا رەھمىتىنى ئېيتىپ، بۈگۈنكى ۋەقەدىن ئالغان تەسىراتىنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىدىكى قانلىق سەھىپىلەرنىڭ بىرىگە بېغىشلانغان «سەرگەردان» درامىسى ھەممىمىزنى چوڭقۇر ھاياجان، قاتتىق ھېسسىياتلار ئىلىكىدە قالدۇردى. شۇنى ئوچۇق تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇكى، بۈگۈنكى تاڭدا سەييارىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، بىمەنە ئۇرۇشلار، ئىپادىلەنگەن كۆرۈنۈشلەر، يەنى درامىنىڭ كىرىش قىسمى، خەلقىمىزنىڭ قازاق دىيارىغا كۆچۈپ چىقىشى ۋە قەلبى دەريا قازاقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئېلىشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر رېژىسسور مۇھىت ھېزىموفنىڭ تاپقۇرلۇقىدىن، ئىقتىدارىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشىدىن دالالەت بېرىدۇ. دراما داۋامىدا ياڭرىغان ناخشا، سازلار قويۇلۇم قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقى ئېنىق. دېمەك بۇلارنى بۈيۈك يازغۇچىمىز ت. توختەموفنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخش ئەتكەن تەڭداشسىز مۇھەببىتىنىڭ يۈكسەك پەللىدە نامايان قىلىنىشى دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئەسەرنىڭ تىياتىر سەھنىسىدە قويۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ بىباھا تۆھپىسىنى قوشقان، دوستلۇقنىڭ يارقىن ئۈلگىسىنى نامايىش قىلغان خەلقىمىزنىڭ پەخرىي، مەرد-مەردانە، سېخى-ساخاۋەتلىك ئىنسانى گېرس ئاكا ئىسلاموفقىمۇ ئۆزۈمنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلماقچىمەن. مەمنۇنىيەت بىلەن تەكىتلەيمەنكى، مەزكۇر ئەسەر بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولغان دراماتورگىيە ساھەسىدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن چوڭ ئۇتۇقلارنىڭ بىرى دەپ ھېسابلايمەن ۋە بۇ ئەسەرنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، داۋاملىق رەۋىشتە تىياتىر سەھنىسىدە قويۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.»