قازاقىستاننىڭ يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاستانا شەھىرىنىڭ ئاقئوردا بېناسىدا دۆلەت بايرىمى-مۇستەقىللىق كۈنى ھارپىسىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بىر قاتار مەملىكەت خىزمەتچىلىرىگە، ھەربىيلەرگە، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ئەرباپلىرىغا دۆلەت مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرغانلىقىنى خەۋەرلىدى.
مۇكاپات ساھىبىلىرى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ن. نازاربايېف مۇنداق دېگەن: «مۇستەقىللىقنىڭ 22 يىلى ئىچىدە، مۇشۇ بايرام ئالدىدا بىزنىڭ مەشھۇر ئادەملىرىمىزنى ئاتاپ ئۆتۈش ياخشى ئەنئەنىگە ئايلاندى... بىزنىڭ ئەڭ باھالىق ئومۇمىي مۇكاپاتىمىز-ئۇ بىزنىڭ گۈللىنىۋاتقان، بارلىق ئالەمگە تونۇلۇۋاتقان، يېڭى ۋە يەنىمۇ يېڭى چوققىلارغا ئېرىشىۋاتقان قازاقىستانىمىزدۇر.»
مۇكاپات ئالغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ بولدى. پرېزىدېنت قولىدىن «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى» دېگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئاتاق ئالغانلاردىن «شاكېن يۇلتۇزلىرى» كىنو بىرلەشمىسىنىڭ باش مۇدىرى، ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى ۋېنېرا نىگماتۇللىنا ۋە قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېفلار بار. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە ئاتاقلىق ناخشىچى، خەلق بۇلبۇلى نۇرالىم ۋارىسوف «ئەمگەكتىكى جاسارىتى ئۈچۈن» مېدالى، تىجارەتچى سەدىردىن ئەھەتوف «ھۆرمەت» ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. باشقا ساھەلەر بويىچىمۇ ھەر خىل مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەنگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ بار.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف مەزكۇر مۇكاپاتلار ھەققىدە توختالدى.