قازاقىستان مۇستەقىللىقى كۈنى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار ئالاھىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

يېقىندا، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىقى كۈنى ھارپىسىدا مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي تەرەققىياتىغا قوشقان سالماقلىق تۆھپىسى ئۈچۈن بىر قاتار ئۇيغۇرلار يۇقىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «ئالماتا مېتال ئىنشائاتلىرى زاۋۇتى شىركەتلەر بىرلەشمىسى» مۇدىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، «نۇر ۋەتەن» پارتىيىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي مەسلىھەت ئەزاسى»، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى «قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى» پەخرىي ئاتاقلىرىغا، ئەمدى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللى-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف ۋە قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى زائۇر جەلىلوفلار «ھۆرمەت» ئوردېنلىرىغا ئېرىشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇ ئەسەرلىرىنىڭ قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا قازاقىستاننىڭ مەشھۇر گېزىت ۋە ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قازاقىستانلىق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان يازغۇچىلىرىغا مۇكاپاتلار بېرىلدى. بىر مۇنچە يازغۇچىلىرىمىزغا ياخشى ئەمگىكى، خەلقنىڭ روھىي بايلىقىنى ياراتقانلىقى، مۇستەقىل قازاقىستان ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا جامائەتچىلىككە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۈچۈن، يېقىندا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ سېناتورى نۇرلان ئورازالىننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئۇنىڭ مۇئاۋىنى غالىم جايلىباي، قازاق يازغۇچىلىرى شەمشىدىن ئابدۇراخمانوف، قادىربېك قۇناپىيان ئوغلى ۋە باشقىلارغا «ھۆرمەت» ئوردېنلىرىنى تاپشۇردى. مىللەتلەر ئەدەبىياتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنۈپتۇ. يازغۇچى ليۇبوف شاشكوۋامۇ «ھۆرمەت» ئوردېنىنى ئالدى. ئىككى يازغۇچىغا «قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى» ئاتىقى بېرىلدى. بۇنى مەن ۋە قازاق قەلەمدېشىم ماغىرە كوجاخمېتوۋا ئالدى. مەن ئەمگىكىمنى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باھالىغانلىقىغا خۇرسەنمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ بېرىلگەن باھا دەپ ئويلايمەن.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يېزا ئىگىلىكى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى مۇھەممەتجان ئابدۇللايېف قازاقىستاننىڭ ئۆتكەن 24 يىل ئىچىدە بىر ئەسىرگە تەڭ مۇرەككەپ ھەم يارقىن تەرەققىيات يولىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، جەمئىيەت ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى تاڭدا قازاقىستان دۇنياغا تونۇلۇپ، سابىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا ھەممە جەھەتتىن ئىلگىرى ماڭدى. بۇ تۇنجى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى باشقا خەلقلەر بىلەن بىللە ئىناق ياشىماقتا. شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇپ كېلىۋاتماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبى قازاقىستاندا يېتىلىپ چىقىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىز، سەنئەت ئەربابلىرى، ئالىملىرىمىز ۋە باشقىلار كۆپلەپ سانىلىدۇ. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەخىرلىنىدىغان ئۇتۇقلىرى كۆپ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئاتمىشتىن ئوشۇق مەكتىپى، ئانا تىلىدىكى گېزىت، ژۇرنال ۋە كىتابلار، ئۇيغۇر تىياتىرى بار. مۇستەقىللىق كۈنىگە ئۇيغۇر جەمئىيەت ئەربابلىرىمىز يۇقىرى ۋەتەن مۇكاپاتلىرى بىلەن تەقدىرلەندى. مەن بارلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن.»