24-دېكابىردا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىللىق ھېسابات يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىللىق ھېساباتى كۆزدىن كەچۈرۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرىنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى ۋە قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئالماتادىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مەجلىس زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا شەھەر ۋە ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەكىللىرى، يىگىت باشلىرى ھەم يۇرت ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار ھەم ياشلار قاتناشتى.
يىغىننىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى دۆلەت رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان «قازاقىستان يېڭى ئالەمشۇمۇل ئەمەلىي شارائىتتا: ئۆسۈش، ئىسلاھاتلار، تەرەققىيات» ناملىق مەكتۇپىنى مۇھاكىمە قىلدى. جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف مەكتۇپنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنى چۈشەندۈردى. سۆزگە چىققان تالغىر ناھىيىسى تۇزدىباستاۋ يېزىسىدىن پېشقەدەم ئۇستاز ئابدرىم مۇھەممەتوف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى ئاۋات يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى مۇزەپپەر مۇتەللىپوف، تالغىر ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىمىنجان توختاخۇنوف، ئالماتا شەھىرى «سۇلتانقورغان» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نىزامدۇن گارايېفلار قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ مەملىكەتنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە باشقىمۇ يۆنىلىشلەردىكى تەكلىپلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ئۇستاز ئابدرىم مۇتەللىپوف مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى باش قوشۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت ھەققىدە ئەتراپلىق، قىزىق، پاكىتلار بىزنى خۇشال قىلدى. دۆلىتىمىز رەھبىرىنىڭ يېقىندا يوللىغان مەكتۇپىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنى، قىلىنىۋاتقان ئەمەلىي ئىشلىرىنى، شۇنىڭدەك نۇرۇموف ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئەمدى ئۆز نۆۋىتىدە مەن تالغىر ناھىيىسىنىڭ تۇزدىباستاۋ مەھەللىسىدە مۇشۇ سەنەلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ كوللېكتىپى بىلەن، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى بىلەن، يېزىلىق ھاكىم باشچىلىق بەزىبىر يىغىنلاردا قازاقىستان دۆلىتىنىڭ يېڭى زامانىۋى پەن-تېخنىكىلىق پروگراممىسىنى، يېزا-قىشلاق، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى تەرغىب قىلدۇق. شۇنىڭدەك يېزىمىزدا بەزى نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈن، ياشلىرىمىز بىلەن باش قوشىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇ يەرلەردىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئېلىپ مېڭىۋاتقان ئىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى، دۇنياۋى ئۆسۈشلەر ۋە ئۇنىڭ ئابرۇيى ھەققىدە دائىم سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بىز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز. بىزمۇ چامىمىز كەلگۈچە چوڭ-كىچىك ھەممىمىز دۆلىتىمىزنىڭ پروگراممىسىنى، مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ھەر دائىم قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، بولۇپمۇ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئىناقلىق، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىققا كۈچ قوشىمىز دېگەن ئۈمىدلەر بار.»
يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف يىللىق ھېسابات بەردى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا مەركەز ئىش-پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مەكتۇپلىرىدا كۆرسىتىلگەن مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پروگراممىلاردىن، شۇنداقلا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش، جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت دەرىجىسىنى ساپالىق كۆتۈرۈش، ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مەنىۋىيلىك ۋە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيىلەش، دۆلەت تىلىنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئوخشاش پرىنسىپلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ مەسىلە بويىچە ئالماتا شەھەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوفنىڭ ياردەمچىسى، مەركەز باشقارمىسىنىڭ ئەزاسى ئوسمانجان ئوبۇلوف، مەركەز يېنىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شاۋكەت ئۆمەروف، پېشقەدەم زىيالىيلار باھارەم رەخمىتۇللايېۋا ۋە زېرىپ مولوتوفلار، ئۇيغۇر ناھىيىلىك باش يىگىت بېشىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇكېرىم سەيدۇللايېف ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىلىك باش يىگىت بېشىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇكېرىم سەيدۇللايېف مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ئىشى ئېنىقلاندى. شۇنى ھۆكۈمەت باھالاپ، نازاربايېف تەرىپىدىن بىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردانغا ‹ھۆرمەت ئوردېنى› بېرىلدى. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز. پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىشىنى ياخشى باھالىغانلىقتىن بىز بۇنىڭغا ناھايىتى خۇشال. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىرلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. بىز، ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوقۇشقا، ئىشلەشكە ھەممە شارائىت بار. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندا ياشاۋاتقىنىمىزغا خۇشال.»
يىغىننىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا ش. نۇرۇموف قازاقىستاندا مېھىر-شەپقەتنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە جەمئىيەتلىك ھەمكارلىقنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئالاھىدە پائالىيەتلىرى ئۈچۈن قازاقىستان خەلقى ئاسامبلېيىسى، قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى «جەمئىيەتلىك كېلىشىم» جۇمھۇرىيەتلىك مەملىكەتلىك مەھكىمىسى، شۇنداقلا شەخسەن دۆلەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىگە ئەۋەتكەن ‹تەشەككۈرنامىلەر› نى ئوقۇپ، كۆپچىلىكنى تەبرىكلىدى. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستان مۇستەقىللىقى كۈنى ھارپىسىدا يەنە، بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي تەرەققىياتىغا قوشقان سالماقلىق تۆھپىسى، شۇنداقلا خەلقلەر دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەشتە، رازىمەنلىك بىلەن تۇراقلىقنى ساقلاشتا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن دۆلەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «پاراسەت ئوردېنى» بىلەن تەقدىرلەنگەن ژۈرگېنوف نامىدىكى قازاق مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور راھىلە مەشۈروۋا، «ھۆرمەت ئوردېن» لىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسى گۈلباھار ئەخمەدىيېۋا ۋە جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى سەدىردىن ئەھەتوف، ئەمگەكتىكى جاسارىتى ئۈچۈن مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن ياركەنت كراخمال-شىرنە زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى ۋىليام خالىقوف ۋە ئالماتا شەھىرى تۈركسىب ناھىيىلىك ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان ئوبۇلوف«شەپقەت مېدالى» بىلەن تەقدىرلەنگەن. «ئامىر خەيرخاھلىق فوندى» نىڭ رەئىسى كەنجە ئىسايېف، «ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئېنېرگىيەچى بەلگىسى» بىلەن تەقدىرلەنگەن «باتىس-ترانزىت جەمئىيىتى» ئەمگەك ھەم تېخنىكا بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ باشلىقى دىلشات ئىمامنىيازوف مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن ھەربىي بۇرچىنى ئۆتەشتە قەھرىمانلارچە قازا بولغان زامىر ئادىلوفلار بار.
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەركەزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاساسىي ئىشلىرىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنغا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى ‹جەمئىيەتلىك بىرلىك› باشقارمىسى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى مەخپىروۋا راھىلەمنىڭ قاتنىشىشى، شۇنداقلا ئالماتا ئوبلاستىدىكى بارلىق رايونلاردىن ۋە شەھەر ئىچىدىكى زىيالىيلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشى ناھايىتى مۇھىم بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىمىز قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى ۋە ئېلىمىز پرېزىدېنتى كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىشلارنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ ئويلايمىز.»
0:00 / 0:00