بىر ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز ئۆتمۈشىدە بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ھەر بىر باسقۇچ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە.
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى بويىچە ئەمگەكلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تا 50-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆپىنچە 1917-يىلقى ئۆكتەبىر بۇرۇلۇشىنى، پارتىيە ۋە سوۋېت قۇرۇلۇشىنى كۈيلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكىنى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى ھەم ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئارقا سەپنى تەسۋىرلەش ئاساسىي ماۋزۇلار بولغان ئىدى. مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، قۇربان توختەموف، پاتىگۈل سابىتوۋا ئوخشاش ئەدەبىياتشۇناس تەتقىقاتچىلار ئۆز ئەمگەكلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ، تۇرمۇش تىرىكچىلىكىنىڭ، ئۇ قۇرغان دۆلەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ، ئازادلىق، مۇستەقىللىق ئۈچۈن يۈرگۈزگەن كۈرىشىنىڭ دائىم يازغۇچىلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ جەھەتتە نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف، تۇردى ھەسەن، زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، دولقۇن ياسىن، تۇرغان توختەموف قاتارلىق ئاتاقلىق ئەدىبلەر باي مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچىلىرى ئۈچۈن چوڭ ئۈلگە بولماقتا.
مۇستەقىللىق، ۋەتەن ماۋزۇسى نېمە ئۈچۈن قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى قىزىقتۇرىدۇ؟ بۇ ماۋزۇغا مۇراجىئەت قىلىش قاچان باشلانغان؟ ھازىر بۇ ماۋزۇ ئاستىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى نېمىنى چۈشىنىدۇ؟
ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ پىكرىچە، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، مۇستەقىل مەملىكەتلىرىنى قۇرغاندا ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بولغان ئىدى. ئۇ بۇنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتتا خۇشال بولۇپ، بۆكۈمنى ئاسمانغا ئاتقىنىم ھېلىمۇ يادىمدا. قېرىنداش قازاق خەلقى ئورۇسنىڭ تۆمۈر تىرنىقىدىن قۇتۇلدى، ئەمدى نۆۋەت ئۇيغۇرغىمۇ كەلدى. ئەمدى بۇلارمۇ قاراپ تۇرمايدۇ، دەپ خۇشال بولغان ئىدىم. مانا بۈگۈنكى كۈندە قازاق خەلقى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تويلىدى. بىزمۇ مۇستەقىللىقنىڭ نېمىلىكىنى كۆرۈپ، كۆزىمىز پىشىپ قالدى. لېكىن مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئازابىمۇ بىزنى قىيناپ كېلىۋاتىدۇ.»
ئا. قۇتلۇقوف مۇستەقىللىقنىڭ ھەر بىر خەلققە، ھەر بىر ئىنسانغا سۇ، ھاۋا ۋە ناندەك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ۋەتىنىگە ئىگە بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ كەتكەنگە يېرىم ئەسىردىن ئېشىپ كەتسىمۇ، شۇ ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنىڭ غېمىنى قىلىپ، شۇنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىمەن. ئادەم دېگەن ئاتا-ئانىدىن ئايرىلسا، بىر نەچچە كۈن يىغلايدىكەن، ۋەتەندىن ئايرىلسا، بىر ئۆمۈر يىغلاپ قالىدىكەن. قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاجىك، تۈركمەن خەلقلىرى ئازاد بولۇپ، بىر ئۇيغۇر قېلىۋاتىمىز.»
ئا. قۇتلۇقوف شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەش مەقسىتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئوغۇزخان، ئىدىقۇت خانلىقى، ئاماننىساخان، ئىپارخان، نۇزۇگۇم ۋە باشقىلار ھەققىدە رومانلار، داستانلار، درامىلار يېزىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇستەقىللىق ماۋزۇسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى، قازاقىستاندىكى مۇستەقىللىقنىڭ شاراپىتىدىن ئەركىن ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شائىر نۇرەخمەت ئەخمەتوف ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەر بويى قېرىنداشلىق سېزىملىرى شەكىللىنىپ مۇستەھكەملەنگەن قازاق خەلقى بىلەن ئىناق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلى قازاق خەلقى ئاتاپ ئۆتكەن مۇستەقىللىقنىڭ 25 يىللىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ چوڭ بايرام بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاق خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى مەلۇم دەرىجىدە بىزنىڭ مۇستەقىللىق دەپ چۈشەنگىنىمىز ھەقىقەتكە يېقىن. نېمە ئۈچۈن؟ مەسىلەن، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە بىز ئۈچۈن ھەممە شارائىتلار يارىتىلغان، دېسەك خاتالاشمايمىز. ۋەتەننىڭ سىرتىدىكى شائىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇشۇ قازاقىستان دىيارىدا ياشاپ، ئىجاد ئەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئونلىغان يېڭى ئەسەرلىرى چىقىپ، كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈۋاتىدۇ. شۇنداق شارائىتتا بىز شۇلاردىن ئورۇنلۇق پايدىلىنىۋاتىمىزمۇ دېگەن سوئال ئەتراپىدا ئويلىنىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، قازاقىستاندا ئانا تىلىدا ئاتمىشتىن ئوشۇق تازا ۋە ئارىلاش مەكتەپلىرىمىز بار. بىراق ئۇلاردا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى يىل ساناپ ئازىيىۋاتىدۇ. دېمەك بىز يارىتىلىۋاتقان شارائىتتىن تولۇق پايدىلانمايۋاتىمىز. ئۆزىمىزگە، مىللىتىمىزگە بولغان جاۋابكارلىق بەزىدە ھالسىرىغان پەيتلەرمۇ ئۇچرىشىدۇ.»
ن. ئەخمەتوف ھازىرقى كۈندە ياشلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىمەسلىك، ئەجدادلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، رەسىم-قائىدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان پەيتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىبنى مىللەت ئۆزىدىن ئىزدەش لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇستەقىللىقنىڭ قازاقىستاندىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن مەنىسى چوڭقۇر چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى، قازاقىستان تەرەققىياتىغا قوشقان ئۈلۈشنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قوشقان تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىمە گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ قارىشىچە، سوۋېت دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى سوۋېت ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى ماۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىر قاتاردا تارىخىي ۋەتەن، ئۇنىڭ ئازادلىقى، مۇستەقىللىقى ماۋزۇسى ھېچقاچان كۈن تەرتىپىدىن چۈشمىگەن. بۇ ماۋزۇنى چوڭقۇر ۋە ھەر تەرەپلىمە يورۇتقان زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، دولقۇن ياسىن، مەخمۇت ئابدۇراخمانوف ئوخشاش يازغۇچىلار سېپى ھازىر ناھايىتى ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، بۈگۈنكى يازغۇچىلارنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىنى، تالانتىنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ھازىرقى كۈندە بۇ چۈشەنچىلەر قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە غايىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. ھەر قانداق خەلق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى، ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكىنى ئۇنىڭسىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغاچقا، ئۇلار شۇ خەلققە تەن ئەدەبىياتتا دائىم ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا.
گ. ئاۋۇتوۋا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدى ياشىغان نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي ئوخشاش تالانتلىق ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇ ماۋزۇنىڭ چوڭقۇر ئىز تارتىپ ئۈلگۈرگەنلىكىنى ھەم بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە، يەنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەم شۇلارنىڭ ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرى بولغانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. 20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرى ئىجاد قىلغان نۇر ئىسرايىلوف، تۇردى ھەسەن، ھېزىم ئىسكەندەروف ئوخشاش كۆپلىگەن ئەدىبلىرىمىزمۇ ئىدېئولوگىيىلىك چەكلىمىلىرىگە قارىماي، بۇ ماۋزۇغا مۇراجىئەت قىلىپ تۇردى. شۇ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن كېيىن، يەنى بولۇپمۇ 50-60-يىللىرى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن بىر تۈركۈم تالانتلىق يازغۇچىلارنىڭ قازاقىستان دىيارىغا كۆچۈپ چىقىشى بىلەن تارىخىي ۋەتەن، مۇستەقىللىق ماۋزۇسى يازغۇچىلارنى، كىتابخانلارنى ئەڭ كۆپ قىزىقتۇرىدىغان ماۋزۇغا ئايلاندى دېسەك خاتالاشمايمەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن، يەنى قېرىنداش قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىل مەملىكەتلىرىگە ئىگە بولۇشىدىن تارتىپ يازغۇچىلىرىمىزنىڭمۇ بۇ ماۋزۇغا بولغان دىققىتى يەنىمۇ ئاشتى ۋە ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى مەزمۇندا، يېڭى يۆنىلىشتە تەسۋىرلىنىشكە باشلىدى. ھازىر ئۇلار ئارىسىدا بۇ ماۋزۇغا مۇراجىئەت قىلمىغان كىشىنى تېپىش تەس بولسا كېرەك. شۇڭا ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ماۋزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ نەزىرىدىن چەتتە قالمايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
گ. ئاۋۇتوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، بۈگۈنكى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىجادىدا ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاش ھەم تەرغىب قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى، تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازلىرىنى يارىتىش ھەم ئۇلارنى ياشلارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىش ۋە باشقىمۇ مىللىيلىك بوياقلىرى كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. ئۇ شۇنداقلا يېتىلىپ چىقىۋاتقان ياش يازغۇچىلار ئىجادىدىمۇ بولۇپمۇ مۇستەقىللىق، ئازادلىق، ۋەتەن ماۋزۇلىرىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گ. ئاۋۇتوۋانىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەقىللىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ماۋزۇسى قازاق ئەدەبىياتىدىمۇ باش ماۋزۇلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. قازاق يازغۇچىلىرى مۇستەقىللىقتىن كېيىن بولۇپمۇ ئىلگىرى، يەنى سوۋېت دەۋرىدە قول يەتكۈزەلمىگەن مەقسەت-مۇددىئالارنىڭ بىرى، قازاق دۆلەتچىلىكى تارىخىنى، قازاق خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى ھەققانىي يورۇتۇش ھەم ئۇنىڭ قەھرىمان ئوبرازلىرىنى يارىتىش يۆنىلىشلىرىدىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتتى. بۇ، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزدى. قازاق ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا باغلىنىشلار، ئۇلارنىڭ ماۋزۇ ھەم ئۇسلۇب جەھەتتىن ئوخشاشلىقى ھەققىدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا نەشر قىلىنغان م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى خادىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى گۇۋاھلىق قىلىدۇ.