قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يەنە بىر تالانتلىق شائىرىدىن جۇدا بولدى. 22 - فېۋرال كۈنى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق تاشتىقارا يېزىسىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شائىر، تەرجىمان، جۇرنالىست مالىك ئابۇبەكرى ئوغلى سادىروف بىلەن خوشلاشتى. خوشلىشىش مۇراسىمىدا مەرھۇمنىڭ قېرىندىشى، ئۇستاز تۇرسۇن سادىروف ئەدىبنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە توختالغاندىن كېيىن، سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، شائىرلار ئېلاخۇن ھوشۇروف، مەھەممەتجان جانباقىيېف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مالىك سادىروف ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنىنى، مەرھۇمنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مالىك سادىروف 1937 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئابلاش يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىگىدىنلا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلغان ئۇ ئاكىسى ئابدۇمېجىتنىڭ تەربىيىسىدە بولدى. مالىك سادىروف 1957 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ رۇس تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. 1963 - يىلغىچە ئۇ ستالىن نامىدىكى رۇس مەكتىپىدە، ئاندىن بايكۆل باشلانغۇچ مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلىپ، شۇ يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىدۇ ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى «يېڭىشەر»ئوقۇش - تەجرىبە ئىگىلىكىنىڭ تاشتىقارا بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ.
مالىك سادىروف 1970 - يىلدىن تا 1997 - يىلغىچە «يېڭى ھايات» ۋە «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى»گېزىتلىرىدا تەرجىمان، مۇخبىر، بۆلۈم باشلىقى ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە ھەر خىل ماۋزۇلاردىكى ماقالىلىرى قازاقىستاندىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى گېزىت - جۇرناللاردا پات - پات بېسىلىپ تۇردى. ئەدىبنىڭ «تۇنجى قەدەم»، «ھەقىقەت قۇياشى»شېئىرىي توپلاملىرى، «ماتانەت»، «ئاتۇ پاجىئەسى»ناملىق كىتابلىرى ئوقۇرمەنلەرگە ياخشى تونۇشتۇر. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە مىللەت، ۋەتەن تەقدىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ۋە دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى ئازتېكىن ئىبراھىموف شائىر ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
0:00 / 0:00