قازاقىستان، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ مۇھىم ماكانلىرىدىن بىرى. بۇ دۆلەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بىر قىسىم تارىخىي ھېكايە فىلىملار ۋە ھۆججەتلىك فىلىملار ئىشلەنگەن ئىدى. يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر كىنو رېژىسسورلىرى، پرودىيۇسسورلىرى ۋە ئارتىسلىرى يېڭى ھېكايە فىلىم ئىشلىدى.
مەزكۇر فىلىم يېقىندا رەسمىي بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك كىنو ئىشلەش تارىخى خېلى ئۇزۇن مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈردى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر كىنو رېژىسسورلىرى ۋە پرودىيوسسورلىرى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بەدىئىي فىلىملارنى ئىشلەشكە كىرىشكەن بولۇپ، يېقىندا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكىستان كىنو رېژىسسورلىرى ھەم ئارتىسلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا «ئۈمىدلىك دۇنيا» ناملىق بەدىئىي تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەندى.
قازاقىستاندىن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ۋە رۇس تىلىدىكى تور بەتلەردىن «پەرۋاز» تورىنىڭ يېزىشىچە، فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرەسى پاتىگۈل مەخسەتوۋا بىلەن ئۆزبېكىستان رېژىسسورى مىرزا ئەزىزوف بىرلىكتە يازغان. فىلىمغا ئۆزبېكىستان رېژىسسورى مىرزا ئەزىزوف رېژىسسورلۇق قىلغان. فىلىمنىڭ پرودىيۇسسورلۇقىنى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن ئارتۇر ئىلاخۇنوف ئۈستىگە ئالغان.
فىلىمدا ئاساسلىقى قازاقىستانلىق ۋە ئۆزبېكىستانلىق ئارتىسلار رول ئالغان بولۇپ، فىلىمدا ئۇيغۇر قىزى ساھىبجامالنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشى ۋە تەقدىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، تىپىك بۈگۈنكى دەۋر قازاقىستان ئۇيغۇر ھاياتىنى نامايان قىلغان. فىلىم ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، كۆپىنچە ئارتىسلارنىڭ ئاۋازى فىلىمدا بىۋاسىتە ئىشلىتىلگەن.
ھازىر «ئۈمىدلىك دۇنيا» فىلىمىنىڭ قىسقا نۇسخىلىرى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئالماتادا مەخسۇس بۇ فىلىم ھەققىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
قازاقىستان ئۇيغۇر كىنوچىلىقىغا بىر نەزەر
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا ئائىت بىر قىسىم بەدىئىي ۋە ھۆججەتلىك فىلىملارنى ئىشلىگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى فىلىملارنىڭ بىرى 1930-يىللاردا ئىشلەنگەن «جانانخان» فىلىمىدۇر. مەزكۇر فىلىم ئاساسلىقى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ھاياتىغا ئائىت تۇنجى ھۆججەتلىك فىلىم ئىدى.
1960-1980-يىللىرى ئارىسىدا، بولۇپمۇ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن يىللاردا سوۋېت ھۆكۈمىتى بىر قىسىم تارىخىي بەدىئىي فىلىملارنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىقراقى ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ رومانى «مايىمخان» ئاساسىدا ئىشلەنگەن «ئەجدىھا يىلى» فىلىمىدۇر. بۇ فىلىمدا 1820-60-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق قوزغىلىڭى ۋە قوزغىلاڭلاردىكى قەھرىمان قىز مايىمخاننىڭ قەھرىمانلىقى ۋە پاجىئەلىك تەقدىرى بايان قىلىنغان.
1970-يىللىرى يەنە قازاقىستان كىنو ستۇدىيىسى «ئاتاماننىڭ يوقىلىشى» ناملىق مەشھۇر فىلىمنى ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمدا 1921-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سۈيدۈڭ شەھىرىگە قېچىپ كەلگەن ئاقلارنىڭ قوماندانى ئاتامان دۇتوۋنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ھېكايە قىلىنغان. ئەسلىدە دۇتوۋنى ئۆلتۈرگەن شەخس ئۇيغۇر قەھرىمانى ماخمۇت خوجامياروف بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر فىلىمدا باش قەھرىمان قازاق قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى ئۈچۈن قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
1980-يىللاردا يەنە بەدىئىي فىلىم «سىرلىق ئالما» ۋە «نۇزۇگۇم» قاتارلىقلار ئىشلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىملارنى ئىشلەشتە ئۆزبېكىستان كىنو رېژىسسورلىرى مۇھىم رول ئوينىغان ھەم فىلىمدىكى كۆپلىگەن كۆرۈنۈشلەر ئۆزبېكىستاندا سۈرەتكە ئېلىنغان ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە قازاقىستان كىنو ستۇدىيىسى 1980-يىلى «غېنى باتۇر»ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىمدا خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇر، زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف ۋە باشقا ئونلىغان تارىخىي شاھىتلارنىڭ قىياپەتلىرى نامايان بولىدۇ. مەزكۇر فىلىمدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ھاياتى تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، قويۇق سوۋېت تەشۋىقاتى تۈسى ئالغان ئىدى.